ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

چۈشلۈك ئۇيقۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ

يېقىندا ئامېرىكىلىق مۇتەخسىسلەر مۇنداق دېيشتى:«ئادەم چۈشتە ئۇخلاپ بەرسە، 30 يىلدىن كېيىنكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولىدۇ. ئۇيقۇ ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭمۇ ئۆگىنىش ھەم ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، لېكىن ئۇيقۇ بىلەن ئەستە تۇتۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت 70 ياش ئەتراپىدا يوقىلىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دىيىشتى:«بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە چۈشتە ئۇخلاش ۋاقىت ئىستىراپچىلىقى، بىراق چۈشتە قېنىپ ئۇخلىسا، 28 يىلدىن كېيىن پىسخىكا ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇيقۇ بىلەن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلىسىمۇ، ئەمما ئۇيقۇسى يېتەرلىك كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم ۋە خولېستېرىن ئۆرلەش، ئىككى تىپلىق دىيابېتقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا چۈشتە ئۇخلاشقا، بولۇپمۇ 18 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ياشلار ئۇخلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ياخشى».

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button