ئاياللارساغلاملىقى

بالىياتقۇ جاراھىتى

بۇ بالىياتقۇدا يارا پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسەن ياش، ئوتتۇرا ياش  ھەم ياشانغان ئاياللاردا، ئاز تۇغقان ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ تۇغقان ئاياللاردا، شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
   سەۋەبى :
  كېسەللىك ئاساسەن ئىچكى سەۋەب ۋە تاشقى سەۋەبلەرنىڭ غەيرىي تەبىئىي تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.
   تاشقى سەۋەبلەردىن __ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يېقىلىش، بەل ياكى كىندىك ئەتراپىغا قاتتىق بىر نەرسە تېگىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبى بىلەن بالىياتقۇنىڭ تومۇرلىرى يېرىلىپ، پەردىلىرى يىرتىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كۆپىنچە جاراھەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى كىيىملەرنىڭ تازىلىقىغا رىئايە قىلمىغاندىمۇ بۇ خىل كېسەل پەيدا بولىدۇ.
ئىچكى سەۋەبلەردىن __ قىيىن تۇغۇش، قاتتىق تولغاق تۇتۇش، ئۆلۈك بالىنى چۈشۈرۈش ياكى تارتىپ ئېلىش، بالا ھەمرىيىنى تارتىپ ئېلىش، بالىياتقۇنى كۆپ قىردۇرۇش، كۆپلەپ بالا تاشلاش، نامۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈشكە ئوخشاش ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن بالىياتقۇ قان تومۇرلىرىدا يېرىلىش، پەردىلىرىدە يىرتىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ كونىراپ تەدرىجىي يارىغا ئايلىنىدۇ.
   ئۇنىڭدىن باشقا بالىياتقۇدىكى كونا ياللۇغلىنىشلار ۋە مۇدۇر چاقىلار ئۆز ۋاقتىدا ساقايمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئېغىز ئېلىپ، بالىياتقۇ يېرىڭلىق جاراھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بالىياتقۇ جاراھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئالامىتى
   كېسەللىكنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كېسەلنىڭ باشلىنىشىدا تىپىك بولغان بەلگىلەر ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. قىسمەنلەردە ئازراق قان كېلىش، بەل توققۇز كۆز ساھەسى ئازراق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىدىن ئاشقاندا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
   1 . جىنسىي يولدىن قان كېلىش : جاراھەت يالغۇز بولسا قان يالغۇز كېلىدۇ. جاراھەت ئېغىرلاشقانسىرى قان ئارىلاش كېلىدۇ.
   2 . ئاق خۇن كۆپىيىش : كۆپىنچە گۆش يۇغان سۇغا ئوخشاش ياكى دۇغسىمان كۆكۈش، سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، كېسەللىك ئەڭ ئېغىرلاشقاندا كۆكۈش، سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن مىقدارى كۆپىيىدۇ، قىسمەنلەردە  ئاق، قۇيۇق پۇراقسىز ئاق خۇن كېلىشىمۇ مۇمكىن.
   3 . ئاغرىش : بەل توققۇز كۆز قىسمى ئاغرىيدۇ، دوۋساق چىڭقىلىدۇ ۋە كىندىك  ئاستى ئاغرىيدۇ.
   داۋالاش پرىنسىپى :
   يەككە دورا بىلەن داۋالاش :
   1 – رېتسىپ :
   شومشا ئۇرۇقى، بابۇنە، قاراكۆز بەدىيان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زىغىر ۋە گۈل يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ كۆيمىگۈدەك ھالەتكە كەلگەندە ۋاننا قىلىپ، بىۋاستە جىنسىي يولغا دورا ماڭدۇرۇلسا، ئىششىق ياندۇرىدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
   2 – رېتسىپ :
  كاكىنەچ، ئەنگۈر شىپا، شاھتەررە، گىل ئەرمىنى، بىنەپشە،  بابۇنە، ۋە بىخسۇستىن بەش گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، قايناتمىنى سوۋۇتۇپ، يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە، ئىششىق ياندۇرىدۇ،قان تازىلايدۇ،  ياللۇغ قايتۇرۇپ.
   3- رېتسىپ :
   مۇزا ۋە ئانار پوستىدىن 10 گرامدىن، زەمچىدىن بەش گرام  ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ پاكىز پاختىدا پىلتىكۈچ ياساپ، يارا يۈزى كۈندە بىر قېتىم ياغلاپ بېرىلسە، ھۆللۈكنى يوقىتىپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
   4 – رېتسىپ :
   ئاق لەيلى ۋە باقىلە مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قاينىتىلمىنى ھەسەل ۋە گۈل يېغى بىلەن كۈندە بىر قېتىم، سىرتىدىن چېپىپ بېرىلسە، ئاغرىق پەسەيتىپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
   5 – رېتسىپ :
   سەبرى، سەنگى جاراھەت، مەدەستان، ئامار گۈلى ۋە گىل ئەرمىنىدىن ئىككى گرامدىن، كۇندۇردىن يېرىم گرام، قاپاق پوستى ۋە تۇخۇمى كەشنىزدىن بىر گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، شامچا ياساپ، بالىياتقۇغا كۈندە بىر قېتىم قۇيۇپ بېرىلسە، بالىياتقۇ جاراھىتىنى يىرىڭدىن تازىلاپ، جاراھەتنى ساقايتىدۇ.
   مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش :
   1 – رېتسىپ :
   مەتبۇخى ئەفتىمۇن ( تەركىبى : سېرىقئوت، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئۈسىتقۇددۇس ھىندى ۋە ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈمدىن 30  گرام، ئاق تۇربۇتتىن 12 گرام، سانادىن 21 گرام ئېلىپ، ئۈسىتقۇددۇس سانا ۋە سېرىقئوتتىن باشقىلىرىنى چالا سوقۇپ، 400 مىللىلىتىر سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ، سېرىقئوتنى خالتىغا ئېلىپ، گۈل دورىلارنى بىرگە سېلىپ،   ئىككىلا قايناتقاندىن كېيىن، ئوتنى توختىتىپ، قازاننى چۈشۈرۈپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن پاكىز خام بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، چىققان سۇيۇقلۇقنى ۋارۇنكا ئارقىلىق پاكىز سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. ) بىر كۈندە بىر نەچچىگە بۆلۈپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   2 –رېتسىپ :
   مەجۈنى پولۇنىيا ( تەركىبى : زەپەردىن 100 گرام، بادام مېغىزىدىن 60 گرام، ئەپيۈندىن 40 گرام، سۆئىلەپتىن 36 گرام، قىزىل بەھمەن، جۇزبۇۋا، بەسبانە ۋە بەدىياندىن 30 گرامدىن، خۇلىنجان، دارچىن، ئۇد بىلسان ۋە ئاق بەھمەن 20 گرام، ئىپاردىن 15 گرام، قارىمۇچ، بەزرۇل بەنجى، پەرپىيۇن، سۇمبۇل، ئاقىر قەرھا، زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، ئەنبەر ۋە كۈمۈش ۋەرەقتىن 10 گرام، ئاق شېكەردىن بىر كىلوگرام،ئاق ناۋاتتىن 1.25 كىلوگرام، ھەسەلدىن ئىككى لېتر ئېلىپ، قۇرۇق دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋات شىرىسىدە ئېرىتىلگەن ئەپيۈننى سېلىپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلدە قىيام قىلىپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن 1.5 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   3  – رېتسىپ :
   ئىترىفىل چۆپچىن ( تەركىبى : تازىلانغان ئامىلە، ھېلىلە سىياھ، مەستىكى رۇمى، شەترەنجى ھىندى، دارچىن، قىزىلگۈل، شاھتەررە  ھەر بىرىدىن 150 گرامدىن، ئەۋرىشىم، قەلەمپۇر، نەمەكى ھىندى، زەنجىۋىل، ئارپىبەدىيان ۋە بىخ كەبىرنىڭ ھەر بىرىدىن 75 گرامدىن، بىنەپشىدىن 20  گرام، سانا ۋە سەربىلدىن 100 گرامدىن، چۆپچىن ۋە بەلىلە پوستىدىن 300 گرامدىن، بادام يېغىدىن 20 گرام، ھەسەلدىن سەككىز كىلوگرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنىڭ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، بادام يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ، ئاندىن بارلىق دورىلارنى ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىترىفىل تەييارلىنىدۇ. ) كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   4 –رېتسىپ :
   ماددەتۇلھايات ( تەركىبى : زەنجىۋىل، قارىمۇچ، پىلپىل، دارچىن، ئامىلە پوستى، بېلىلە پوستى، شەترەنج ھىندى، زىراۋەندى، سۆئلەپ مىسرى، چىلغۇزا مېغىزى ۋە بابۇنە يىلتىزىدىن 30 گرامدىن ، بابۇنە ئۇرۇقىدىن 15 گرام، نارجىلدىن 30 گرام، ۋاسالغۇدىن 90 گرام، ھەسەلدىن 1395 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ ۋاسالغۇنى ئايرىم ئېزىپ، ئېزىلگەن ۋاسالغۇنى ھەسەلگە ئالدىدا سېلىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ، ئارقىدىن قالغان دورىلارنى سېلىپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە بىر قېتىم، تۆت گرامدىن سەككىز گرامغچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
   يېمەك – ئىچمىكىگە ئاسان سىڭىدىغان نۇقۇت، ماش قاتارلىقلار بۇيرۇپ بېرىلىدۇ. يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن، لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىگىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.
مەنبە . نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button