داۋالاش بىلىملىرى

داغلاپ داۋالاش

چۈشەندۈرۈش

داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلى دېگىنىمىز، ئەمەننى كۆيدۈرۈش ، مېتال ئەسۋابلارنى قىزدۇرۇش ، لازېر نۇرى ۋە كۆيدۈرگۈچى دورىلارنىڭ قىزىقلىق تەسىرىنى ئادەم بەدىنىنىڭ تېرە ئۈستىدىكى نېرۋا تۈگۈنلىرى ياكى كېسىەللەنگەن يەرلىك ئورۇنغا قاقلاش، قويۇش، يەرلىك ئورۇننى قىزىتىپ يەڭگىل دەرىجىدىكى كۇيۈشكەندەك ئاغرىق سېزىمى پەيدا قىلىش ئارقىلىق نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ ، بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى ، سوغۇقلۇقنى تارقىتىش ياكى كېسىپ ئېلىۋېتىش ، كۆيدۈرۈپ تاشلاش ، قىزدۇرۇپ ئېرىتىپ يوق قىلىش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى نورماللاشتۇرۇش ياكى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ داۋالاپ ساغلاملىقنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

داغلاش ھەققىدە

داغلاپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلى تۇۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

1. داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر قىسىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ قوشنا ئەزالارغا يۇقۇشنىڭ ياكى يىرىڭلىق جاراھەتلەرنىڭ ئەتراپقا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ، دوراۋە باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ داۋالىغىلى بولمىغان ياكى ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ناسور (ئاقما)، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، بۆرە چاقىسى قاتارلىقلار.

3. داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەزا ۋە توقۇلمىلاردىكى ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ . شۇ ئارقىلىق ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا يىغىلىپ قالغان غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار ۋە باشقا ماددا ئالمىشىشنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنى پارچىلاپ، تارقىتىپ ئۇلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .

4. داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ، ئەزا ۋە توقۇلمىلاردىكى بىر قىسم بۇزۇلغان، سېسىغان گۆشلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

داغلاش ئۇسۇلى

داغلاپ داۋالاشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى داغلاپ داۋالاش- داغلاش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئەمەن بىلەن داغلاش، لازېر نۇرى بىلەن داغلاش، كۆيدۈرگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش، مېتال ئەسۋابلار بىلەن داغلاش دەپ تۆت تۈرلۈك بولىدۇ .

ئەمەن بىلەن داغلاش ئەمەن بىلەن داغلاشمۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ، ئەمەن تۈۋرۈكچسى بىلەن داغلاش ۋە ئەمەن پىلىكى بىلەن داغلاش دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ .

ئەمەن تۈۋرۈكچىسى بىلەن داغلاش: ئەمەن تۈۋرۈكچىسى ئارقىلىق داغلاش ئادەتتە ، بىۋاسىتە داغلاش ۋە ۋاسىتىلىك داغلاش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .

بىۋاسىتە داغلاش :

بىۋاسىتە داغلاش: شەكىللىك ئەمەن تۈۋرۈكچىسىنى يەرلىك ئورۇندىكى نېرۋا تۇگۇنىگە قويۇپ كۆيدۈرۈلىدۇ. بۇ يەنە ئۆز ئىچىدىن، تېرىدە تارتۇق قالدۇرۇپ داغلاپ داۋالاش ۋە تاتۇق قالدۇرماي داغلاپ داۋالاش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

تاتۇق قالدۇرۇپ داغلاپ داۋالاش :

تاتۇق قالدۇرۇپ داغلاپ داۋالاش: كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئورنىغا قاراپ ئارپا ياكى بۇغداي دانچىسى ياكى نوقۇت چوڭلۇقىدىكى ئەمەن تۈۋرۈكچىسىنى داغلايدىغان يەرلىك ئورۇنغا ئۇچى تەرىپىگە ئوت يېقىپ كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىرىنى قويۇپ، بەلگىلىك سانغا يەتكۈچە (كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىچە) كۆيدۈرۈلىدۇ. بۇ خىل داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ، سۇلۇق قاپارتقۇ پەيدا قىلىدۇ، يىرىڭلاش ۋە قاقاچلىشىشنى ھەتتا تاتۇق قېلىشنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ھازىر بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسەن قوللىنىلمايدۇ . ئەمما بىر قىسىم جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن، سوزۇلما زىققە، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، ئۆپكە سىلى ۋە يارا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە بەزىدە ئىشلىتىلىدۇ.

تاتۇق قالدۇرماي داغلاپ داۋالاش :

تاتۇق قالدۇرماي داغلاپ داۋالاش: بۇنىڭدا كېسەللىك ئەھۋالىغا ۋە ئورنىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان چوڭلۇقتىكى «△» شىەكىللىك ئەمەن تۈۋرۈكچىسىگە ئوت يېقىپ يەرلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭ كۆيۇپ بولۇشىغا قارىماي تۆتتىن بىر قىسمى قالغاندا ياكى كېسەل كىشىدە كۆيۈش سېزىمى بولغان ۋاقتىدىلا ئېلىۋېتىپ، يەنە بىر ئەمەن تۈۋرۈكچىسىنى قويۇپ تېرە قىزىرىپ، قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق بولغۇچە، سۇ كۆتۈرۈلۈش بولمىغۇچە كۆيدۈرىلىدۇ . بۇ ئۇسۇل كۆپىنچە خىلىتسىز سوغۇقلۇقتىن ياكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىدىن بولغان سوزۇلما ، زەئىپ كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .

ۋاسىتىلىق داغلاش :

ۋاسىتىلىق داغلاش: بۇ ئۇسۇلدا ئەمەن تۈۋرۈكچىسىنى يەرلىك ئورۇنغا بىۋاسىتە قويماستىن، ئەمەن تۈۋرۈكچىسى بىلەن يەرلىك ئورۇن يەنى تېرىدىكى نېرۋا تۈگۈنلىرى ئارىلىقىغا بىر قەۋەت ئايرىپ تۇرغۇچى نەرسە، يەنى خام زەنجىۋىل كەسمىلىرى، سامساق كەسمىلىرى ۋە ئاق تۇز پارچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ قايسىسى مۇۋاپىق كەلسە شۇ قويولىدۇ .

دائىم قوللىنىلىدىغان ۋاسىتىلىك داغلاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە :

خام زەنجىۋىل پارچىسى قويۇپ داغلاش :

خام زەنجىۋىل پارچىسى قويۇپ داغلاش: بۇنىڭدا يېڭى نەم زەنجىۋىلنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ ئۇنى يىڭنە بىلەن تېشىپ بىر نەچچە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۆشۈك ئېچىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى ئەمەن تۈۋرۈكچىسىنى قويۇپ، ئوت يېقىپ ئاندىن خام زەنجىۋىل پارچىسىنى تېرە ئۈستىگە يەنى يەرلىك ئورۇندىكى نېرۋا تۈگۈنلىرى ئۈستىگە قويۇپ، ئەمەن تۈۋرۈكچىسى كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە يېڭى ئەمەن تۈۋرۈكچىسى ئالماشتۇرۇلۇپ ئوت يېقىلىپ يەرلىك ئورۇن تېرىسى قىزارغاندا ۋە باسقاندا قىزىپ كۆيۈش سېزىمى پەيدا بولغاندا داغلاش توختىتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا يەرلىك ئورۇندا قاپارتما ( سۇ تولۇش) ۋە يىرىڭلاش ھادىسىلىرى ئانچە – مۇنچە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلىقى خىلىتىسز سوغۇقلۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللەر ۋە غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئارىلىقىغا سامساق كەسمىسى قويۇپ داغلاش :

ئارىلىقىغا سامساق كەسمىسى قويۇپ داغلاش: بۇنىڭدا سامساقنى يالپاقلاپ توغراپ يىڭنە بىلەن بىرقانچە تۆشۈك ئېچىپ ئۈستىگە مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى ئەمەن تۈۋرۈكچىسىنى قويۇپ ئوت يېقىپ ئاندىن يەرلىك ئورۇنغا قويۇلىدۇ . ئەمەن تۈۋرۈكچىسى كۆيۇپ بولغاندىن كېيىن يېڭىدىن ئەمەن تۈۋرۈكچىسى ئالماشتۇرۇلىدۇ. يەرلىك ئورۇن تېرىسى قىزارغىچە ياكى باسقاندا قىزىپ كۆيۈش سېزىمى بولغۇچە قويۇلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلىقى يېڭى چىققان ئەسۋە، جاراھەت، ئىششىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ، ئۆپكە سىلى ، لىمفا بەز سىلى ، راك ئۆسمىسى ، يىلان، چايان، زەھەرلىك ھاشارات چاققاندا ئىششىق قايتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش ( يەنى زەھەرنى شۈمۈرۈش ) ، ئاغرىق توختىتىش قاتارلىق مەقسەتلەردە قوللىنىلىدۇ .

ئارىلىقىغا تۇز قۇيۇپ داغلاش :

ئارىلىقىغا تۇز قۇيۇپ داغلاش: بۇ ئاساسلىقى كىندىك ساھەسىنى داغلاشتا قوللىنىلىدۇ . يەنى ئاش تۇزىنى كىندىك ئويمىنىغا توشقۇزۇپ قويۇپ ( ئەگەر كىندىكى تۈز بولسا ، ئەتراپىغا خېمىر يۆگەلسە بولىدۇ ) ئاندىن تۇز ئۈستىگە ئوت يېقىلغان چوڭ ئەمەن تۈۋرۈكچىسى قويۇلۇپ داغلىنىدۇ . بۇ ئۇسۇل ئاساسلىقى زەئىپلىكتىن يېقىلغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ . مەسىلەن، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تەرلەش قاتارلىقلار ھەم ئۇنىڭدىن باشقا قورساق ئاغرىش، ئۈچەي بىئاراملىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

ئەمەن پىلىكى بىلەن داغلاش :

ئەمەن پىلىكى بىلەن داغلاش: بۇ ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر خىل داغلاش ئۇسۇلى بولۇپ ، بۇنىڭدا ، ئەمەن پىلىكىنىڭ بىر ئۇچىغا ئوت ياققاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا يەنى نېرۋا . تۈگۈنىگە مەلۇم ئارىلىق قويۇپ ( كېسەل كىشى ئىسسىققا چىداشلىق بېرەلىگۈدەك ياكى20 – 30 سانتىمېتىر ئارىلىقتا بولسا بولىدۇ) ئايلاندۇرۇپ (چۆرگىلىتىپ) ياكى يۇقىرى – تۆۋەن ( ۋرتېكال) ھەرىكەتلەندۈرۈپ قاقلاش ( داغلاش) ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئادەتتە يەرلىك ئورۇندا كۆيۈپ ئاغرىش سېزىمى بولماي ، بەلكى قىزارغانغا قەدەر قاقلاش (داغلاش) ئېلىپ بېرىلىدۇ . ۋاقتى5 – 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ . بۇ خىل داغلاش ئۇسۇلى كۆپىنچە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، ئۈششۈك، پۇت – قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ ئاغرىشى، خىلىتسىز سوغۇقلۇقدىن مىزاج بۇزۇلۇش ، غەيرىي بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى ، ئىچى سۈرۈش ، ھامىلە ئورۇنىنىڭ ناتوغرا بولۇشى قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ . ئەمەن پىلىكىنى يۇقىرى – تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ داغلاش ئۇسۇلى ئادەتتە بالىلارغا ۋە ھۇشسىزلانغان كېسەللەرگە ماس كېلىدۇ .

لازېر نۇرى بىلەن داغلاپ داۋالاش :

لازېر نۇرى بىلەن داغلاپ داۋالاش: ئۇنىڭدا قاقلاش (داغلاش) ئۈچۈن ئۈزۈلمەي چىقىدىغان نۇر باغلىمى قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، گېلى- نىئوكا لازېر نۇرى ياكى چاچما نۇقتىلىق ئۈزۈلمەي چىقىدىغان نۇر باغلىمى قوللىنىلىدۇ ، يەنى C02 لازېر نۇرى بىلەن ئادەتتە ھەر كۈنى بىر قېتىم كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان يەرلىك ئورۇرن داغلىنىدۇ (قاقلىنىدۇ ). گېلى – نىئوكا لازېر نۇرى بىلەن شىللىق پەردە ياكى نېرۋا تۈگۈننى قاقلىغاندا ھەر قېتىمدا 3 – 5 مىنۇت قاقلىنىدۇ . تېرىلەرنى قاقلاشتا ھەر قېتىمدا 5 – 10 مىنۇتقىچە ئىشلىتىلىدۇ . C02لازېر نۇرى بىلەن تېرە قىسمىنى قاقلاشتا 10 – 15 مىنۇتقىچە قاقلىنىدۇ . لازېر نۇرى بىلەن داغلاش كۇرسى ئادەتتە 10 – 15 قېتىمغىچە بولىدۇ . سوزۇلما كېسەللىكلەرنى2 – 3 كۇرسقىچە داغلاپ داۋالاشقا بولىدۇ .

كۆيدۈرگۈچ دورىلار بىلەن كۆيدۈرۈپ داغلاش :

كۆيدۈرگۈچ دورىلار بىلەن كۆيدۈرۈپ داغلاش : بۇنىڭدا تىزاب ( كىسلاتا ) ، سۇ تەگمىگەن ھاك قاتارلىق كۆيدۈرگۈچى دورىلارنىڭ كۆيدۈرۈش تەسىرى ئارقىلىق يەرلىك ئۇرۇن داغلىنىپ، سېزىمى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ ياكى ئارتۇق گۆش، ئۆسمە، مەڭ ، سۈگەل قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مېتال ئەسۋابلارنى قىزدۇرۇپ داغلاش :

مېتال ئەسۋابلارنى قىزدۇرۇپ داغلاش : كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ، تۈرى ، ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بۇ خىل داغلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .

1. نەزلە سەۋەبىدىن بولغان كۆز ئاغرىقى ، نەپەس قىستاش داۋالاشتا نەزلە سۇيۇقلۇقىنى باشنىڭ چوققا قىسمىدىن چىقىرىپ تاشلاش مەقسىتىدە باشنىڭ چوققا قىسىملىرىدىكى چاچلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، باشنىڭ تېرىسى زېدىلەنگۈدەك كۆيدۈرۈلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆمۈر زىخنى قىزىتىپ يېقىش ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ داغلاپ ، باش تېرىسى كۆيۈپ زېدىلەنگەندىن كېيىن بىر نەچچە كۈنگىچە زېدىنى ساقايتقىلى قويماسلىق لازىم . تاكى نەزلە سۇيۇقلۇقى پارغا ئايلىنىپ چىقىپ تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن زېدىنى قائىدە بويىچە داۋالاش لازىم .

2. جوزام كېسەللىكىنى كۆيدۈرۈپ داغلاش ئۇسۇلى : بۇنىڭدا ئەگەر جوزام تەرەققىي قىلغان ياكى پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان بولسۇن تۆۋەندىكى تۆت ئورۇنغا داغ قويۇلىدۇ : پېشانىنىڭ تۈك ئۈنگەن يېرىگە؛ چوققىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىگە؛ ئارقا مېڭە ( گەجگە ) ئويمىنىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىگە ؛ ئىككى قۇلاقنىڭ ئارقىسىدىكى مېڭە سۆڭىكېنىڭ ئاخىرلاشقان يېرىگە داغ سېلىنىدۇ .

3. باش ئاغرىش ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە) ، كۆزگە سۇ چۈشۈش باسقۇچىدىكى شەكىللەرنى داغلاش ئۇسۇلى : قۇلاقنىڭ ئارقىسىدىكى تېرىسى كۆيگەنگە قەدەر داغ سېلىنىدۇ .

4. كۆزنىڭ بۇرجىكىگە چۈشكەن ناسور (ئاقما)نى داغلاپ داۋالاش : دەسلەپ ناسور (ئاقما )دىكى بۇزۇلغان، چىرىگەن گۆشلەرنى كېسىپ تاشلاپ تولۇق تازىلىنىدۇ، ئەگەر بۇ كېسەلنىڭ تەسىرىدىن سۆڭەكنىڭ مەلۇم جايلىرى بۇزۇلغان بولسا سۆڭەكنىمۇ قىرىپ . پاك – پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئىنچىكە زىخنى قىزىتىپ داغلىنىدۇ . داغلاش ۋاقتىدا داغنىڭ تەسىرى كۆزنىڭ ساق توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلماسلىقى ئۈچۈن پاختىنى گۇلاب بىلەن ھۆل قىلىپ كۆزگە قويۇپ قويۇلىدۇ. قەدىمكى تېۋىپلار داغلاپ داۋالاشتا ئاساسلىقى مېتال ئەسۋابلار ئىشلىتىدىغان بولۇپ ، بۇ ئەسۋابلار كۆپىنچە ئالتۇن، كۈمۈش، پولات قاتارلىق مېتالللاردىن ياسىلاتتى. بۇ ئەسۋابلار ئاساسەن زىخ شەكىللىك، يىڭنە شەكىللىك، ئىككى ئۇچلۇق، ئۈچ بۇرجەك تامغا شەكىللىك، تۆت بۇرجەكلىك تامغا شەكىللىك ھالەتتە ياسىلاتتى . ھازىرقى زاماندا بولسا بۇ سايمانلارنىڭ ھەممسىى دېگۈدەك ئەمەلدىن قېلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئەمەندىن ياسالغان ھەر خىل نوكچىلار ئىشلىتىلىدۇ . ھازىر بولسا لازېر نۇرى ئارقىلىق داغلاش كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

داغلاپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر:

داغلاپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر: داغلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر ئاساسلىقى، نەزلە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سوزۇلما كۆز ئاغرىقى ھەم نەپەس قىستاش ، سوزۇلما باش ئاغرىقى، جوزام ( ماخاۋ) كېسەللىكى ، كۆزگە سۇ چۈشۈش كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرى، كۆز بۇرجىكى ئاقمسىى، ئۆپكىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق ، مېڭە قېپىنىڭ سىرتىغا چۈشكەن يىرىڭلىق ئىششىق كېسەللىكى، تال كېسەللىكلىرى يەنى تال ئىششىقى ھەم ياللۇغى ، سۇلۇق ئىششىقلىق كېسەللىكلەر، ئىستىرخا ، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ، ئۇرۇقدان خالتىسىغا سۇ چۈشۈش كېسەللىكى ، ھەر خىل پەتەق (گىرىژ) ، چىش ئاغرىقى ، ھەر خىل قاناش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سوغۇقلۇق ئېشىپ كېتىشتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش، بوغۇم ئاغرىق ، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، ئۆپكە سىلى، ھەر خىل يارا كېسەللىكلىرى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ( راك ئۆسمىسى ) ، تېرە سىلى ، بۆرە چاقىسى قاتارلىقلارنى داۋالاش ۋە يامراش (تارقىلىش) دىن توختىتىش ئۈچۈن داغلاشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.

داغلاپ داۋالاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

1. داغلاش ئۇسۇلى دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇل ھەم باشقا چارە – تەدبىرلەر بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈنۈم بەرمىگەن ئەھۋالدا قوللىنىلىدۇ .

2. داغلاشتىكى مەقسەت ئاساسەن بۇزۇلغان، سېسىغان گۆشلەرنى يوقىتىش بولغانلىقى ئۈچۈن ساق گۆشكە تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

3. باش تەرەپكە داغ سالغاندا يەڭگىل بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق داغنىڭ تەسىرى مېڭىگە ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .

4. داغلاش تەرتىپى ئالدى بىلەن يۇقىرى تەرەپ ، كېيىن تۆۋەن تەرەپ داغلىنىدۇ . يەنى ئالدى بىلەن باش-بويۇن ، مۈرە ياكى كۆكرەك ياكى قورساق قاتارلىق ئورۇنلار داغلىنىدۇ .

5. ئەمەن پىلىكى ئارقىلىق داغلاش ئېلىپ بارغاندا ، ئەمەن پىلىكىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئەينەك قۇتا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈش، ئەمەن پىلىكىنىڭ قايتا تۇتۇشۇپ ۋەقە چىقىرىشىدىن ساقلىنىش لازىم .

6. مەشغۇلات ئېلىپ بارغۇچى خادىم داغلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا چوقۇم بىمارنىڭ يېنىدا تۇرۇشى، داغلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق قىلىشى، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم .

7. ئەمەن تىۋىتىنىڭ ئاستىغا خام زەنجىۋىل، سامساق قويۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا يەرلىك ئورۇندا ئاسانلا قاپارتقۇ ئۆرلەيدۇ . شۇڭا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىش لازىم . ئەگەر سۇ كۆتۈرۈلۈپ قاپارتقۇ ئۆرلىسە، دېزىنفېكسىيىلەنگەن تىغ ياكى يىڭنە بىلەن قاپارتقۇنىڭ تېگىگە سانچىپ سۈيىنى ئاققۇزىۋەتكەندىن كېيىن، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، يەرلىك ئورۇننى پاكىزە دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئاندىن داكا بىلەن تېڭىپ قويۇش كېرەك .

8. قىزىتمىسى بار ياكى قىزىتمىسى ئۆرلەپ تۇرغان كىشىلەرگە داغلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

9. يۈز، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن قاتارلىق مۇھىم ئەزالار ئەتراپىغا، قان تومۇرلار بىرقەدەر كۆپ جايلاشقان ئورۇنلارغا ئامال بار داغلاش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كېرەك. ئەگەر مۇمكىن بولماي بۇ ئورۇنلارنى داغلاشقا توغرا كەلسە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ، باشقا كېسەللىك ياكى ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

10. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەل، قورساق، بالىياتقۇ ، پۇت ساھەلىرىگە داغلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سستېمىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

Back to top button