پىشقەدەم ئۈستازلار

جامالىدىن ئاقسارايى

جامالىدىن ئاقسارايى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى. ئۇ قاراقاش ناھىسىنىڭ ئاقساراي كەنتىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ساۋادىنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە چىقارغاندىن كېيىن خوتەن مەدىرىسەلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەپ، پارس، ئوردو تىللىرىنى ئۆزلەشتۈرىۋالغاندىن باشقا ئەدەبىيات، ئىلمىي نۇجۇم، تىبابەت، دىن، شەرىئەت ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە ئەتراپلىق بىلىم ئىگىسى بولۇپ يېتىشكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تېبابەتچىلىك ئىلمىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولۇپ يەرلىك تېۋىپلارنىڭ كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۇنى ئىلمىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن ھالدا داۋالاش رېتسىپلىرىنى تۈزگەن. ھەر خىل شىپالىق دورىلارنى ياسىغان. يىراق- يېقىندىن كەلگەن بىمارلارنى ساقايتىش بىلەن بىرگە خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان.
جامالىدىن ئاقسارايى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجىربىلىرىنى توپلاش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاستە داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن ھاسىل قىلغان تەجىرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا «كىتابى تىب ئاقسارايى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇن- قائىدىلىرى، كېسەل كۆرۈش- داۋالاش ئۇسۇللىرى، شىپالىق دورىلارنى ياساش، ئىشلىتىش ئۆلچەملىرى، دورىگەرلىك سايمانلىرى ۋە دورا مەنبەلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلغان.
ئالىمنىڭ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسىرى 1899- يىلى ھىندىستاننىڭ لاكنو شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا قەدەر ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھرىدىكى ئىسلام تېبابىتى دارىلفۇنۇمدا رەسمىي دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈپ كەلگەن.
      جامالىدىن ئاقسارايى تېبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدە خەلقاراغا يۈزلەنگەن، مۆتىۋەر ئالىم سۈپىتىدە مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئالىمنىڭ «كىتابى تىب ئاقسارايى» ناملىق ئەسىرى ۋەتىنىمىزنىڭ سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ. 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button