تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپلىكىدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقى

بىر كىشى مەسىھۇل مەلىك ساھىبىنىڭ شىپاخانىسىغا كېلىپ، ئۆز كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلدى.
بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئالتە ئايدىن بېرى بىلىم ئاغرىيدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۆرەكتە سانجىلىش بولىدۇ. جىنسىي قۇۋۋەتمۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى. ھەكىم سوراپ بىلدىكى، بىمار جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىكەن. بۇ ئادەت ھازىرغىچە داۋام قىلىۋېتىپتۇ.
دىياگىنوز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كېسەللىككە جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپلىكىدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقى ئىكەن دەپ دىياگنوز قويدى ۋە ئۇنىڭغا دورا بەلگىلەپ بەردى. ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا قۇرسى زۇمرەت، قورسى پولاتتىن بىر دانىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا جاۋارىش جالىنۇستىن يەتتە گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ يىگەيلا، ئۈستىدىن شەربىتى بەدىياندىن 48 گرام، ئەرقى بەدىياندىن 132 گىرام ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەيلا، غىزادىن كېيىن قۇرسى ھەزىمىدىن بىر دانە يېگەيلا، غىزالىرىغا شورپا بىلەن كاكچە نان (ياغسىز، نىپىز، كەڭ نان) ھەم ئىللىتىلغان توخۇ تۇخۇمى يېگەيلا. چۈچۈمەل تەملىك ۋە تۇتقۇچى، تەسىرلىك، يەللىك نەرسىلەرنى يېيىشتىن پەرھىز قىلغايلا.
بىمار دورىلارنى بىر ئاي ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتى.
قوشۇمچە: يوقاردا تىلغا ئېلىنغان پىششىق دورىلار ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىلىرى ۋە ئۇيغۇر تېبابەت دورا دۇكانلىرىدىن تېپىلىدۇ.
ھەكىم مۇھەممەد ئەھمەتخاننىڭ شىپاخانىدىكى ھىكايەتلەر ناملىق كېتابىدىن ئېلىندى .


# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button