ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش

چۈشەندۈرۈش
تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش : تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا تېبابىتىمىزنىڭ ئاساسلىق دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئون ئەسىرلىك داۋالاش ئەمەلىيەتلىرىدە تومۇر تۇتۇش ئۇسۇلىنى ۋە تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق بىمارلاردىكى كېسەللىكلەرنى پەرق ئېتىشنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بارغانسېرى تولۇقلاپ مۇكەممەل بىر تومۇرشۇناسلىق ئىلمىنى شەكىللەندۈرۈپ چىققان. تومۇر تۇتۇش ئۇسۇلى قەدىمكى كىشىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئەمەلىيەتلىرى جەريانىدا توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمىزنىڭ كېسەللەرنى تەكشۈرۈپ، كېسەللەرنى تونۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

تومۇر ھەرىكىتى ۋە تومۇر ھەرىكىتى ئامىللىرى
ئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا ئورگانىزمدىكى ھەرقانداق بىر ھەرىكەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئامىلنىڭ تۈرتكىسى ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئالەت: ئەزالار، يۈرەك قان تومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. پائىل: ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يەنى قۇۋۋىتى ھايۋانىينى كۆرسىتىدۇ. قۇۋۋىتى ھايۋانىي يۈرەكتىن روھىي ھايۋانىينى قان ئېقىمى بىلەن بىرگە پۈتۈن ئەزا، توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈپ، ئومۇمىي بەدەننىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى نورمال جارى قىلدۇرىدۇ. ھاجەت: ئورگانىزىمنىڭ ھاۋايى نەسىمى (ئوكسىگېن) نى ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىپ، بۇزۇق ماددىلار، ھاۋايى دۇخانى ( كاربون تۆت ئوكسىد)نى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش ئېھتىياجىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ خىل ئامىل بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىرى بولمىسا يەنە باشقىسىنىڭ خىزمىتى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. ئالەت، پائىل، ھاجەت نورمال بولسا، يۈرەك ۋە قان تومۇرلار ھەرىكىتى نورمال بولىدۇ. ئەگەر ھاجەت كۆپ بولسا، قان تومۇرلار ھەرىكىتىدە تېزلىشىش پەيدا بولىدۇ. ھاجەت ئاستا بولسا يۈرەك ۋە قان تومۇر ھەرىكىتى ئاستا بولىدۇ. يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچى قانچە زور بولسا، يۈرەك ۋە قان تومۇر شۇنچە كۈچلۈك سالىدۇ. ئەكسىچە تومۇر ھەرىكىتى شۇنچە ئاجىزلايدۇ. ئەگەر ئالەتتە بىرەر كېسەللىك ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچىمۇ ئاجىزلاپ، پۈتۈن بەدەننىڭ تەبىئىي پائالىيەتلىرىدىمۇ مۇئەييەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. تومۇرنىڭ ھەرىكىتى شىرىيان(ئارتېرىيە) تومۇرىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ۋە كېڭىيىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە شىرىيان(ئارتېرىيە) تومۇرىدا ئىككى ھەرىكەت ۋە بىر جىملىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئىككى ھەرىكەت تومۇرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تارىيىشىدىن ئىبارەت. لېكىن ھەرىكەت دەۋرى ئوتتۇرىسىدا جىملىق دەۋرى روشەن مەلۇم بولمايدۇ. تېۋىپ تومۇرنى تۇتقاندا، كېڭىيىش ۋە تارىيىش دەۋرى بىلەن جىملىق دەۋرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىش لازىم. كېڭىيىش ھەرىكىتى ئاسان سېزىلىدۇ. ئۇ دائىم قول ئۇچىغا ئۇرۇلىدۇ. تارىيىش ھەرىكىتىنى بىلىش تەس ئەمەس. ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ ھەرىكىتى يۈرەك ھەرىكىتى بىلەن ماس بولىدۇ. شۇڭا بىرەر ئەزادا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئارتېرىيە تومۇر ھەرىكىتىدە توسالغۇ بارلىققا كەلسە، ئۇ يۈرەكتە ئەكس ئېتىدۇ. يۈرەك باشقۇرغۇچى رەئىس ئەزا بولغاچقا، قان تومۇرلار ھەرىكىتىنىمۇ باشقۇرىدۇ. بەدەنگە كېرەكلىك ئوكسىگېن ۋە قۇۋۋەتنى تۇتقان قان شىرىيان (ئارتېرىيە) تومۇرى ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇزۇق، چىقىرىندى ماددىلار ۋەرىد (ۋېنا) تومۇرلىرى ۋە يۈرەكنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەرقايسى چىقىرىش ئەزالىرى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ھاياتلىق تەبىئىي ئىسسىقلىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ كۈچ يۈرەكتە بولىدۇ. شۇڭا تەبىئىي ئىسسىقلىقنىڭ ئەھۋالى يۈرەكتىن بىلىنىدۇ. تېۋىپ بۇنى تومۇر ئارقىلىق بايقايدۇ، شىرىيان (ئارتېرىيە) تومۇر ئىچىدە قۇۋۋىتى ھايۋانىي بولىدۇ. شۇڭا تېۋىپ قۇۋۋىتى ھايۋانىي ۋە بەدەننىڭ بۇ قۇۋۋەتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاز – كۆپلىكىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىپ تومۇرنى تۇتۇپ، شىرىيان(ئارتېرىيە) ھەرىكىتىنى كۈزىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر قېتىم نەپەس ئېلىپ، نەپەس چىقىرىش جەريانىدىكى يۈرەكنىڭ سوقۇش قېتىم سانى تومۇر سىجىللىقى دېيىلىدۇ. نورمال چوڭ كىشىلەرنىڭ تومۇر سىجىللىقى 5–4 قېتىمغىچە بولىدۇ. بالىلارنىڭ 8 ~ 7 قېتىمغىچە بولىدۇ. ساغلام كىشىلەر ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە تومۇر ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ. دېمەك، يۈرەك ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدە تورمۇلارنىڭ سوقۇشىدا قىسقىرىپ كېڭىيىشتىن ئىبارەت ھەرىكەت ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىملىق پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت نورمال ئەھۋالدا سىستېمىلىق، رەتلىك، تەكشى داۋاملىشىدۇ. شىرىيان تومۇرى ھەرىكەتلىك تومۇر بولغاچقا، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى شىرىيان(ئارتېرىيە) تومۇرلىرىنى تۇتۇپ يۈرەكنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ چېكە تومۇرى، تۆۋەنكى ئېڭەك شىرىيان تومۇرى، بىلەيزۈك بوغۇم شىرىيان (ئارتېرىيە) تومۇرى، پۇت، دۈمبە شىرىيان (ئارتېرىيە) تومۇرى قاتارلىقلارنى تۇتۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىلەيزۈك بوغۇم شىرىيان(ئارتېرىيە) تومۇرىنىڭ ئورنى يۈرەككە يېقىن، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى نېپىزرەك بولۇپ، تومۇر ھەرىكىتىنى سېزىش ئوڭاي ھەم ھەرقانداق كېسەللىك ھالىتىگە، بەدەن ھالىتىگە مۇۋاپىق بولۇپ تۇتۇشقا ئەپلىك.

تومۇر تۇتۇش ئۇسۇلى
تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش : تېۋىپ تۆت بارمىقىنى بىمارنىڭ بىلەيزۈك بوغۇم يېنىدىكى بىلەك شىرىيان (ئارتېرىيە) تومۇرى ئۈستىگە قويۇپ، بەلگىلىك بېسىم بىلەن تۇتۇش ئارقىلىق تومۇردىكى ئۆزگىرىشلەرگە باھا بېرىدۇ. تومۇر تۇتۇشنى ئۆگىنىشتە ئالدى بىلەن تېنى ساغلام كىشىلەرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆپ قېتىم سىناقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى باشقا كېسەل كىشىلەرنىڭ تومۇرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇتۇش لازىم. ئەگەر تومۇر ھەرىكىتى كۈچلۈك بولسا، ئوتتۇرىچە بېسىم بىلەن تۇتۇش، ئاجىز بولسا يېنىك تۇتۇش لازىم. مۇرەككەپ كېسەلنىڭ تومۇرىنى ئۇزۇنراق تۇتۇپ بىلىش لازىم. تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق تومۇرنىڭ توم – ئىنچىكىلىكى، كۈچلۈك – ئاجىزلىقى، قاتتىق – يۇمشاقلىقى، ئىسسىق – سوغۇق، تېز – ئاستىلىقى، چوڭقۇر – يۈزەلىكى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ، بىمارنىڭ مىزاجى، خىلىتى (كېسەللىك ماددىسى)، يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقدارى، ھەرىكەت ۋە جىملىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

تومۇر تۇتۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى
تومۇر تۇتقاندا ئالدى بىلەن تومۇر تۇتۇشنىڭ مەقسىتىنى بىمارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بىمارنى ئازادە ئولتۇرغۇزۇپ ياكى ياتقۇزۇپ تۇرۇپ تۇتۇش لازىم ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئەمەل قىلىش لازىم.

(1) تېۋىپنىڭ بارماق ئۇچلىرى قاتمىغان، يۇمشاق بولۇشى، سېزىملىرى ياخشى بولۇشى، ئىسسىق – سوغۇقلىقى نورمال بولۇشى لازىم. بارماق ئارىلىقلىرىدا بەلگىلىك ئارىلىق بولۇشى لازىم.

(2) تومۇر تۇتقاندا بىمارنىڭ بىلىكىدىكى سائەت، بىلەيزۈك قاتارلىقلارنى ئالدۇرۇۋېتىش، كۆينەك ۋە چاپاننىڭ يەڭلىرى بىلەن بىلەيزۈكنىڭ بوغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

(3) تومۇر تۇتقاندا بىلەك ئاستىغا يۇمشاق ياستۇق قويۇپ تۇرۇپ تۇتۇش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا تومۇرنىڭ بېسىلىپ قېلىشىدىن تومۇرلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى بىلگىلى بولمايدۇ.

(4) تومۇر تۇتقان قول بىلەن تومۇر ئارىلىقىدا ھېچقانداق نەرسە بولماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، تومۇرلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەرق ئېتىش تەسكە توختايدۇ.

(5) تومۇر تۇتقاندا ھەر ئىككى قولنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەرق ئېتىپ تۇرۇش لازىم. تومۇر تۇتۇش ۋاقتى ئادەتتە 5 ~3 مىنۇتقىچە بولۇشى، ئۇنىڭدىن ئاز بولماسلىقى لازىم. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ.

(6) ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا، قاتتىق ھاياجانلانغاندا، ھاراق ئىچكەندە، تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەككەندە تومۇر تۇتقۇزماسلىق لازىم.

(7) زىيادە تويۇپ كەتكەن ياكى ئاچ قالغاندا، قاتتىق ئۇخلىغان، يېڭىلا مۇنچىدىن چىققاندا تومۇر تۇتقۇزماسلىق لازىم.

(8) تومۇر تۇتقاندا تۇتۇش بېسىمى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ئورۇق كىشىلەرگە لەيلىمە تومۇرلارنى بوشراق بېسىم بىلەن تۇتۇش، سېمىز كىشىلەرنىڭ تومۇرىنى، چۆكمە تومۇرلارنى تۇتقاندا ئوتتۇرىچە بېسىم بىلەن تۇتۇش لازىم.

(9) تومۇر تۇتقاندا پۈتكۈل دىققىتىنى تومۇرلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەرق ئېتىشكە مەركەزلەشتۈرۈش ھەم مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراش لازىم، قالايمىقان سوئاللارنى سورىماسلىق، سەمىمىي، ئەستايىدىل، ئېھتىياتچان بولۇش لازىم.

4. تومۇر تۇتقاندا ئالدى بىلەن ئېنىقلاشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
تومۇرنىڭ سۈرئىتى
ئادەتتە نورمال كىشىلەرنىڭ تومۇرى مىنۇتىغا 100–60 قېتىمغىچە سالىدۇ. ئاياللاردا 80-70 قېتىمغىچە، بالىلاردا بولسا سەل تېزراق سالىدۇ. بوۋاقلاردا بولسا، تومۇر ھەرىكىتى تېخىمۇ تېزراق بولۇپ 140 قېتىمغىچە سالىدۇ. كۈندۈزى تومۇر ھەرىكىتى سەل تېزراق، كېچىسى ئۇخلىغاندا تومۇر ھەرىكىتى سەل ئاستىراق بولىدۇ. بەزى قىزىتمىلىق كېسەللەردە تومۇر ھەرىكىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. باش ئىچىدىكى بېسىمى ئېشىش خاراكتېرلىك كېسەللەردە تومۇر ھەرىكىتى ئاستىراق سالىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا يۈرەك ھەرىكىتى بىلەن تومۇر ھەرىكىتى بىردەك بولىدۇ. بەزى يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىنىشلاردا، بىر قىسىم يۈرەك كېسەللىكلىرىدە يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش مىقدارى بەك ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، ئەتراپتىكى ئارتېرىيە تومۇرلىرىدا تومۇر سوقۇش بولماستىن، تومۇر قېتىمى يۈرەك قېتىمىدىن ئاز بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋاللاردا تومۇر ھەرىكىتى بىلەن يۈرەك ھەرىكىتىنى سېلىشتۇرۇپ بىللە ساناش لازىم.

تومۇر رېتىمى
تومۇر سوقۇش رېتىمى سول قېرىنچە قىسقىرىشنىڭ شىرىيان (ئارتېرىيە) ئىنكاسىدىن ئىبارەت بولۇپ، نورمال كىشىلەرنىڭ تومۇر رېتىمى تەرتىپلىك بولىدۇ، ئەمما نورمال بالىلاردا، ياشلاردا، بىر قىسىم چوڭ كىشىلەردە نەپەسلىنىشكە مۇناسىۋەتلىك يۈرەك رېتىمسىزلىقى بولىدۇ، يەنى نەپەس ئالغاندا تومۇر سوقۇش تېزلىشىپ، نەپەس چىقارغاندا ئاستىلايدۇ، بۇ كېسەللىك ھېسابلانمايدۇ. يۈرەكنىڭ ھەرقايسى قىسىم ئۆتكۈزۈش خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندا يۈرەك رېتىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، بۇ تومۇرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: يۈرەكنىڭ نۆۋەتتىن بۇرۇن قىسقىرىش (بۇرۇن سوقۇشى) دىن پەيدا بولغان 2 لىك تومۇر ياكى 3 لىك تومۇر قاتارلىقلار.

تومۇرنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى
تومۇرنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى شىرىيان (ئارتېرىيە) تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بارماق بىلەن بىلەك شىرىيانىنى بېسىش ئارقىلىق بىلىشكە بولىدۇ، تەكشۈرگەندە يۈرەككە يېقىن تەرەپتىن بارماق ئۇچى بىلەن بىلەك شىرىيانىنى تەدرىجىي كۈچەپ باسقاندا، يىراق تەرەپتىكى بارماققا تومۇر سوقۇش بىلىنمەيدۇ. يەنى يۈرەككە يېقىن تەرەپتىكى بارماقنىڭ شىرىيان سوقۇشىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن كەتكەن بېسىم كۈچى تومۇر سوقۇشنىڭ شىرىيان سوقۇشىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن كەتكەن بېسىم كۈچى تومۇر سوقۇشنىڭ كۈچىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە تايىنىپ شۇ شىرىيان تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى تەخمىنەن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

تومۇرنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى ياكى چوڭ – كىچىكلىكى
تومۇر سوقۇشنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى، شىرىيان تومۇرىنىڭ تولۇش دەرىجىسى ۋە ئەتراپ قان تومۇر قارشىلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ، يەنى يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى تومۇر بېسىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا يۈرەك قان تومۇرىنىڭ خىزمەت ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىشقا قارىتا ناھايىتى چوڭ قىممىتى بار. يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئەتراپ شىريان تومۇر قارشىلىقى ئازراق بولغاندا تومۇر سوقۇش كۈچلۈك ھەم چوڭ بولىدۇ. بۇ چوڭ تومۇر، دولقۇنلۇق تومۇر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، قالقانبەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش، ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلماسلىق قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ، ئەكسىچە تومۇر سوقۇش ئاجىز ھەم كىچىك بولسا، كىچىك تومۇر ياكى يىپسىمان تومۇر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، ئائورتا كلاپان تارىيىش قاتارلىقلاردا كۆرىلىدۇ.

شىرىيان (ئارتېرىيە) دىۋارىنىڭ ئەھۋالى
نورمال ئەھۋالدا بىلەك شىرىياننىڭ كانال دىۋارى سىلىق ھەم يۇمشاق بولۇپ، بەلگىلىك ئېلاستىكىلىقى بولىدۇ. تەكشۈرۈشتە دوختۇر نورمال قول بارمىقى بىلەن نورمال شىرىيان تومۇرىنى بېسىپ قان سۇيۇقلۇقىنى ئۈزۈۋەتكەندە ئۇنىڭ يىراق تەرەپتىكى شىرىيان كانىلىنى تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنى تۇتۇپ بىلگىلى بولسا، شىرىيان قېتىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شىرىياندا تومۇر قېتىش كۆرىنەرلىك بولسا، شىرىيان دىۋارى قېتىپ ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، ئەگرى – بۈگرى يىپ ھالىتىگە كىرىدۇ.

تومۇر دولقۇنىنىڭ شەكلى
تومۇر دولقۇنى بولسا قان ئېقىمى شىرىيان تومۇرىدىن ئۆتكەندە ئىچىدىكى بېسىمنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى تومۇر دولقۇنىنى خاتىرىلەش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۆلچەپ سىزىپ چىققان ئەگرى سىزىقتىن ئىبارەت. ئەمما تېۋىپلار تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تومۇر دولقۇنىنىڭ شەكلى، چوڭ–كىچىكلىكىنى تەخمىنەن مۆلچەرلەپ چىقالايدۇ. شىرىيان ئىچىدىكى بېسىمنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش سۈرئىتى سول قېرىنچە قىسقارغاندا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئارتېرىيە ئىچىگە ئېقىپ كىرىش سۈرئىتى ۋە ئائورتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تۆۋەنگە چۈشۈش سۈرئىتى ئەتراپ كىچىك قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىش دەرىجىسى ۋە ئائورتا كلاپاننىڭ پۈتۈنلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. نورمال تومۇر دولقۇنىنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەلگىلىك سۈرئىتى ۋە ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسى بولىدۇ، ئەمما جىددىي تېز بولمايدۇ، قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقاندىن كېيىنلا يوقىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ھاياجانلانغاندا تومۇر دولقۇنىنىڭ باشلىنىشى ۋە يوقىلىشى بىردەكلا بىر قەدەر جىددىي بولۇپ، تېز بولۇشقا ئۆزگىرىدۇ.

5. تومۇرنىڭ تۈرلىرى
1. تەبىئىي تومۇر قان مىزاجلىقلارنىڭ ( ھۆل ئىسسىق مىزاجلىقلارنىڭ ) تومۇرى تېز، توم، كۈچلۈك، ئۇزۇن، ئىسسىق سوقىدۇ. سەپرا مىزاجلىقلارنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، تېز، كۈچلۈك، ئىسسىق ،قاتتىق سوقىدۇ. بەلغەم مىزاجلىقلارنىڭ تومۇرى كەڭ، ئاستا، قىسقا، يۇمشاق، سوغۇق سوقىدۇ. سەۋدا مىزاجلىقلارنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستا، قىسقا، سوغۇق سوقىدۇ. مىزاجلار يەككە بولماي مۇرەككەپ بولغاچقا كىشىلەرنىڭ مىزاجى قان مىزاج بولسا قانغا سەپرا ياكى قانغا بەلغەم ياكى سەۋدا يانداش كەلگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا تومۇر ھەركىتى يۇقارقى يانداش مىزاجلىقلارنىڭ تومۇرى يانداشچىلىقىدا بولىدۇ. مەسىلەن : مىزاجى قان بولغان بولسا يانداش مىزاجى سەپرا بولسا بۇنداق كىشىلەرنىڭ تومۇرىنى تۇتقاندا تومۇرىنىڭ ئورنى كەڭ، ئۈستىگە ئۆرلىشى، ئىنچىكە، تېزراق بولۇپ بەدىنى قىزىقراق بولىدۇ. ئەگەر قانغا بەلغەم يانداش بولسا تومۇر ئورنى توم، تومۇرنىڭ ئۈستىگە سوقىشى سۇس، تومۇر ھەركىتى سۇسراق، بەدەن نەم، ئىسسىق، سوغۇقلۇقتا مۆتىدىل بولىدۇ. ئەگەر قانغا سەۋدا يانداشقان بولسا تومۇرنىڭ ئورنى كەڭ، تومۇرنىڭ ئۈستىگە سوقىشى ئىنچىكە، تومۇر ھەركىتى ئوتتۇرھال، بەدەن نەم، ئىسسىق سوغۇقلۇقتا مۆتىدىل بولىدۇ. يۇقارقىلار تەبىئى مىزاجلارنىڭ تومۇر ھەركىتى دىيلىدۇ.

2. غەيرى تەبىئىي تومۇر كلىنىكىدا نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان تومۇر دولقۇنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

ئۇزۇن تومۇر
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا تەبىئىي ھالەتتىكى تومۇر (شۇ كىشىنىڭ ساق ھالەتتىكى تومۇر ھەرىكىتى) دىن ئۇزۇنراق سېزىلىدىغان تومۇر ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ خىل تومۇر ھارارەتلىك كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. بىمارنىڭ بەدەن ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن بىر قىسىم ساق كىشىلەردىمۇ ئۇزۇن تومۇر شەكلى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنى كېسەللىك دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ تومۇرنىڭ جايلىشىشىنىڭ تېيىز – چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ.

قىسقا تومۇر
تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا نورمالدىن قىسقىراق بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تومۇر ھەرىكەتلىنىش ۋاقتىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل تومۇر شەكلى تەبىئىي ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تومۇرنى تۇتقاندا پەقەت بىرلا بارماققا ئۇرۇنغاندەك سېزىلىدۇ.

توم تومۇر
كەڭ تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا تومراق سېزىلىدۇ، بۇ بەدەندە سۇيۇقلۇقلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، كۆپرەك بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەردە ۋە بەلغىمى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.

ئىنچىكە ( تار ) تومۇر
تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا نورمالدىن ئىنچىكە بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، بەدەندە قۇرۇقلۇق زىيادىلىشىپ ھۆللۈك ئازايغانلىقتىن ۋە تەبىئىي ھارارەت ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى ۋە قۇرۇتقۇچى ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغۇچىلاردا، بەدەننى سوۋۇتقۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق، كېزىك كېسىلى ۋە قەنت سىيىش كېسىلىدىن سۇسىزلىنىش، ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر (جىگەر، ئۆپكە، ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئاغرىش)، يۈرەك زەئىپلىكى، كۆپ ئۇخلاش، ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇسىز قېلىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ.

يۈزە تومۇر
تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا يۈزە لەيلەپ سالغاندەك بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، ئۈستۈن تومۇر ياكى لەيلىمە تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تومۇر بەدەندە ھارارەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

چۆكمە تومۇر (چوڭقۇر تومۇر )
تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا چوڭقۇرلۇقتا سېلىۋاتقاندەك سېزىلىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، يۈزە تومۇرنىڭ ئەكسىچە تەبىئىي ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

كۈچلۈك تومۇر
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا كۈچلۈك ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، روھىي ھايۋانىينىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدىغان تومۇردۇر. قان خىلىتى ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ زىيادىلىكىدىن بولغان كېسەللەردە ئىپادىلىنىدۇ.

ئاجىز (كۈچسىز) تومۇر
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى كۈچسىز ئۇرۇنىدىغان، ھەتتا بىلىنمىگۈدەك سالىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ،كۆپىنچە قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئۆز جىسمانىي قۇۋۋىتىدىن ئېشىپ كەتكەن جىسمانىي ھەرىكەت ياكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، خوراتقۇچى كېسەللىكلەر، ھۇشسىزلىق قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.

تېز تومۇر
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى تېزلىشىپ كەتكەن، كېڭىيىش – تارىيىش ھەرىكىتىنىڭ مۇددىتىدىن بۇرۇن تاماملانغان ھالەتتە ئۇرۇنىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەندە ھاجەت كۈچەيگەن، قۇۋۋەت ئاجىزلىغان، ئەزا ياكى قان تومۇرلاردا جىددىيلىك، قاتتىقلىشىش بولغان ئەھۋالدا ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ دەم سىقىلىش، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە قاتتىق جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندا، جىددىيلەشكەندە كۆرۈلىدۇ.

ئاستا تومۇر
بۇ خىل تومۇر تېز تومۇرنىڭ ئەكسىچە تومۇر بولۇپ، تېۋىپنىڭ بارمىقىغا تومۇر ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا بىلىنىدۇ، كۆپىنچە بەدەندە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، قالايمىقان تاماق يېيىش، كەم قانلىق، بەدەن زەئىپلىكى، سوزۇلما ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.

بىر تۇتاش تومۇر ( ئارقىمۇ ئارقا سالغان تومۇر )
تومۇرنىڭ كېڭىيىش ۋاقتى سوزۇلۇپ، جىملىق ۋاقتى نورمالدىنمۇ قىسقا بولغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تىۋىپنىڭ بارمىقىغا كەينى – كەينىدىن ئۇرۇنىدۇ. قۇۋۋىتى ھايۋانىي ئاجىزلىغانلىقىنى، بەدەندە ھاجەتنىڭ ئازايغانلىقىنى، تومۇرلاردا قاتتىقلىق پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

پەرقلىق تومۇر
بۇ خىل تومۇر بىر تۇتاش تومۇرنىڭ ئەكسىچە تومۇرنىڭ كېڭىيىش، تارىيىشى تېزراق، جىملىق ۋاقتى نورمالدىن ئۇزۇنراق بىلىنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت بولۇپ، قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قاتتىق تومۇر
تومۇر تېۋىپنىڭ بارمىقىغا قاتتىق بىلىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەندە قۇرۇقلۇق ھۆللۈكنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بولۇپمۇ بەزگەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

يۇمشاق تومۇر
تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى يۇمشاق، مۇلايىم ئۇرۇنىدىغان تومۇردىن ئىبارەت. ساق كىشىلەردە ئىپادىلەنسە سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپىنچە بەدەندە ھۆللۈك كۆپىيىپ كەتكەندە، بولۇپمۇ نېرۋا-ئەسەب كېسەللىكلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا قاتارلىقلار.

ئىسسىق تومۇر
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا ئىسسىق بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، بەدەندە ھارارەتنىڭ ئارتۇقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.

سوغۇق تومۇر
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا سوغۇق ئۇرۇنىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەندە ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىكىنى، يەنى ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

تولغان تومۇر
تولۇق تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا تولغان ھالەتتە ئۇرۇنىدۇ. بۇ شىرىيان تومۇرىدا قاننىڭ كۆپلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قان بېسىم يۇقىرى بىمارلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

تولمىغان تومۇر
بۇ خىل تومۇر تولۇق تومۇرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، قان ئازلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

تەكشى تومۇر
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا تەكشى ئۇرۇنىدىغان تومۇر بولۇپ، تومۇرنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، كۈچلۈك – ئاجىزلىقى، تېز – ئاستىلىقى، بىر تۇتاش ياكى ئازلايدىغانلىقى، قاتتىق – يۇمشاقلىقىغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ بىردەكلىكىگە قارىتىلغان، سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تەكشىسىز تومۇر
تەكشى تومۇرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىختىلاپلىق تومۇر دېيىلىدۇ. ئورگانىزمدا، مىزاجدا بىرەر نورمالسىز ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

غەيرىي مۇنتىزىم تومۇر (مۇنتىزىم بولمىغان تومۇر)
تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا مۇنتىزىم تومۇرنىڭ ئەكسىچە ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. تومۇرنىڭ رېتىمى بىر خىل رېتىمدا بولمايدۇ. ئىككى – ئۈچ ھەرىكەتتىن كېيىن جىملىق، يەنى قاتتىق ھەرىكەت قىلغان ھالەتتە سالىدۇ. بۇ مىزاجنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ۋەزىندىن ھالقىغان تومۇر
بۇ خىل تومۇر ھەرىكىتى ھەر خىل ياشتىكىلەرنىڭ ئۆز يېشىغا ماس بولمىغان ھالەتتە سوقىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: كىچىك بالىلارنىڭ تومۇرىنىڭ چوڭلارغا ماس سېلىشى بۇ يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چاشقان قۇيرۇقىسىمان تومۇر (نەبزى زەنبىلپار)
تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى چاشقان قۇيرۇقىغا ئوخشاش، تۈۋى توم، ئۇچى ئۇچلۇق ئىنچىكە بولغىنىدەك دەسلەپتە توم ئۇرۇنۇپ، تەدرىجىي ئىنچىكە، ئاستا ئۇرۇلىدۇ. باشلىنىش سۈرئەت جەھەتتىن تېز باشلىنىپ بارغانسېرى ئاستىلاپ، دەسلەپتە قاتتىق ئۇرۇنۇپ، كېيىن يۇمشاق ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ تەبىئەتنىڭ بارغانچە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەرە چىشىسىمان تومۇر (نەبزى مىنشارى)
تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا ئارقىمۇ ئارقا، خۇددى ھەرە چىشىغا ئوخشاش ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تومۇر ھەرىكىتى بىر ئېگىز، بىر پەس، دەسلەپتە تېز ۋە قاتتىق ھالەتتە بىلىنىدۇ. بۇ بىر قىسىم ئىچكى ئەزالاردا ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشلارنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بولۇپمۇ كۆكرەك ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى، ئىچكى ئەزالارنىڭ ياللۇغىدا ئىپادىلىنىدۇ.

دولقۇنسىمان تومۇر (نەبزى موجى)
بۇ خىل تومۇر خۇددى دەريا قىرغاقلىرىغا سۇ دولقۇنلىرى ئۇرغاندەك تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا دەسلەپتە كۈچلۈك ۋە تېز ئۇرۇلۇپ، ئاندىن دولقۇن قايتقاندەك ناھايىتى تېزلا تومۇر ھەرىكىتى بىلىنمەي قالىدىغان تومۇر شەكلى، بۇ خىل ئەھۋال قان تومۇرلاردا قىسقىرىش بېسىمى يۇقىرى بولۇپ، كېڭىيىش بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلماسلىق، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، زەھەرلىك ئىچكى پوقاق، ئىستىسقا، پالەچ، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تومۇر ھەرىكىتى قىزىتمىلىق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلسە بىمارنىڭ تەرلەپ بوھرانغا كىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. سەۋەبى قۇۋۋەت ئاجىزلاپ، يۈرەك خىزمىتى ناچارلاشقانلىقتىن بولىدۇ.

چۈمۈلە ماڭغان تومۇر (نەبزى نەملى)
بۇ خىل تومۇر تېۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى چۈمۈلە ماڭغاندەك كىچىك، ئارقىمۇ ئارقا، قاتتىقراق، ئەمما ئاجىز سېزىلىدىغان تومۇردىن ئىبارەت. قۇۋۋەتنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يۈرەكنىڭ ساپ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھاياتلىقنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

قۇرت ئۆمىلىگەندەك تومۇر (نەبزى دودى)
بۇ خىل تومۇر ھەرىكىتى تېۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى قۇرت لۆمۈلدىگەندەك بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ، تومۇرنىڭ سوقۇشى كۈچسىز، ئارقىمۇ ئارقا، ئىنچىكە بولىدۇ. لېكىن تېز بولمايدۇ، تېۋىپ بىر قېتىم ئۇرغان تومۇرنى ئىككى قېتىم ئۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ مۇرەككەپلەشكەن تومۇر بولۇپ، قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئالماشقان تومۇر
بۇ خىل تومۇرنىڭ رېتىمى نورمال، تومۇر سوقۇشى بىر كۈچلۈك، بىر ئاجىز بولۇپ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. يۈرەك قىسقىرىشىنىڭ بىر كۈچلۈك، بىر ئاجىز بولۇپ ئالمىشىپ تۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان، يېنىكلىرىدە پەقەت تومۇر دولقۇنى خاتىرىلەش سايمىنى ئارقىلىق خاتىرىلەشكە بولىدۇ. ئېغىرلىرىنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپىنچە يۈرەك مۇسكۇلىدا ئېغىر زەخىملىنىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسىلى، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.

ئىككى چوققىلىق تومۇر (نەبزى غوزالى)
تومۇرنىڭ سىلشى ھاجەتكە لايىق بولسىمۇ،لىكىن تومۇرنىڭ لېكىن تومۇرنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىككى ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدا بىر توختايدۇ. بۇ، ھاجەتنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.

قوش باشلىنىشلىق تومۇر (نەبزى زولىترەت)
ھەرىكەت باسقۇچىدا سۈكۈت بولىدۇ. بۇ قۇۋۋەت (تەبىئەت)نىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بازغان ئۇرغاندەك تومۇر (نەبزى مىتىرىقى)
تومۇر ھەرىكىتىدە تومۇردىكى دولقۇن بارماققا ئۇرۇنۇپ بولۇپ، ئارقىغا بىر ئاز قايتىپ مەركەزگە بارماي تۇرۇپلا، كېڭىيىش ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ. بۇ خۇددى سوقۇلغان بازغاننىڭ سوقۇشىغا ئوخشايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ كۈچلۈكلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن روھنىڭ ساپ ھاۋاغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.

تەرتىپسىز تومۇر (نەبزى ۋاقتى پىلۋەسەت)
سۈكۈت قىلىش ئورنىغا ھەرىكەت يۈز بېرىدۇ. يەنى كېڭىيىش تامام بولغاندىن كېيىن تېزلا تارىيىش باشلىنىدۇ ياكى بىر ئاز سۈكۈت قىلىپلا تارىيىش باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا تومۇر ئالدىراشلىق بىلەن قاتتىق ئۇرىدۇ ھەمدە سۈكۈت قىلىش لازىم بولغاندىمۇ يەنىل ھەرىكەت يۈز بېرىدۇ. تەرتىپسىز تومۇر بىلەن بازغان ئۇرغاندەك تومۇرنىڭ پەرقى شۇكى، تەرتىپسىز تومۇردا كېڭىيىشتىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان تارىيىش تامام بولغۇچە ئىككىنچى قېتىم سوقۇش يۈز بېرىدۇ. بازغان ئۇرغان تومۇردا بىرلا قېتىم سوقۇش يۈز بېرىدۇ. تومۇرنىڭ تەرتىپسىز سېلىشىدىكى سەۋەبى شۇكى، بەدەننىڭ ساپ ھاۋاغا بولغان ھاجىتىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىت ئىچىدىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نەپەس ئېلىشمۇ تېزلىشىدۇ.

تىترىگەن تومۇر ( نەبزى مۇرئەتىش )
تومۇرنىڭ تىترەپ ھەرىكەت قىلىشىدىن ئىبارەت. بەدەندە خىلىتلارنىڭ كۆپلۈكى، قۇۋۋەتنىڭ كۈچلۈكلىكى، تومۇرنىڭ قاتتىقلىقى، قۇۋەتنىڭ كېسەللىككە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى، ھاجەتنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.

تومۇر سوقۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
تومۇر سوقۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نۇرغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ تومۇر تۇتۇپ، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئامىللار جىنس ئايرىمىسى، ياش گۇرۇپپىسى ، مىزاجى، يىل، پەسىل، ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق، جىسمانىي ھەرىكەت، يېمەك – ئىچمەك، ھاراق، ئاغرىش، ياللۇغلىنىش ۋە روھىي ئامىللاردىن ئىبارەت.

جىنسى ئايرىمىسىنىڭ تومۇرغا تەسىرى
ئىنسانلارنىڭ جىنس ئايرىمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ تومۇرلىرىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: ئەرلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ئاياللارغا قارىغاندا مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولىدۇ. مىزاجى ئىسسىقراق بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك جىسمانىي ئەمگەك ۋە پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرغاچقا، بەدەن ھارارىتىمۇ يۇقىرىراق بولىدۇ. ئۇلار ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇقلارمۇ قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، قۇۋۋىتى ھايۋانىيمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. تومۇرىمۇ توم، كۈچلۈك سالىدۇ. تومۇرنىڭ كېڭىيىش، تارىيىش، ھەرىكىتىمۇ ئۇزۇنراق، جىملىق دەۋرىمۇ قىسقىراق بولىدۇ. ئاياللاردا بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، تومۇرى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئاستىراق، ئاجىزراق سالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردا ھەيز، ھامىلىدارلىق، غەم – قايغۇ، دىققەتچىلىك قاتارلىقلارمۇ تومۇرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياش گۇرۇپپىسىنىڭ تومۇرغا تەسىرى
ئۇلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى، ئەزالارنىڭ تەرەققىياتى، خىزمەت پائالىيىتى، بەدەننىڭ ھاجىتى ۋە جىسمانىي پائالىيەت قاتارلىق ئەھۋاللىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، تومۇر سوقۇشىدا بەلگىلىك پەرق بولىدۇ، بوۋاقلىق دەۋرىدە ۋە گۆدەكلىك دەۋرىدە بالىلارنىڭ بەدىنى %60 ئەتراپىدا سۇيۇقلۇق (ھۆللۈك) تەشكىل قىلىدۇ. ھاجىتىمۇ كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تومۇرى تېزرەك سالىدۇ. مىنۇتلۇق سوقۇشى 140 ~150 قېتىمغىچە بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيىتى، ئەقلىي تەپەككۇرى، قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تومۇرلارنىڭ ھەرىكىتىمۇ ئاستىلايدۇ. بالىلىق دەۋرىدە بولسا بوۋاقلىق دەۋرىگە قارىغاندا سەل ئاستىراق سالىدۇ. مىنۇتلۇق سانى 100 قېتىمغىچە سالىدۇ، ياشلىق دەۋرىدە بولسا ئەزالارنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن، بەدەننىڭ ئېھتىياجى كۈچەيگەن، قۇۋۋىتى ھايۋانىيمۇ كۈچەيگەن بولغاچقا، تومۇر سوقۇشىمۇ كۈچلۈكرەك، بالىلىق دەۋرىگە قارىغاندا ئاستا سالىدۇ، مىنۇتلۇق قېتىم سانى 80 ~ 70 قېتىمغىچە بولىدۇ. لېكىن ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىدە تومۇر تېخىمۇ تولغان، كۈچلۈك، جانلىق دولقۇنلۇق سالىدۇ. قېرىلىق دەۋرىدە ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ (ئاجىزلاپ)، ئەزالار خىزمىتى چېكىنىشكە قاراپ ماڭغاچقا، قۇۋۋىتى ھايۋانىيمۇ ئاجىزلاپ،تومۇر سوقۇشمۇ ماس ھالدا ئاجىزلاپ، ئەزالار خىزمىتى چېكىنىشكە قاراپ ماڭغاچقا، قۇۋۋىتى ھايۋانىيمۇ ئاجىزلاپ، تومۇر سوقۇشىمۇ ماس ھالدا ئاجىزلاپ ئىنچىكە سالىدۇ.

مىزاج ۋە خىلىتىنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
مىزاجنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى ئىنسانلار مىزاجىنىڭ ئوخشىماسلىقى تەبىئىي ھالدا تومۇردا ئۆزگىچە خاس ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدۇ. تومۇردىكى بۇ خىل پەرقنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ئاساسلىق يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كـۈچى، تـومۇرلانىڭ ئىـلاستىكلىقى، قاننىـڭ قـويۇق-سـۇيۇقلۇق دەرىـجىسسى ۋە ئـەتـراپ توقۇلمىلارنىڭ قارشىلىق كۈچى قاتارلىق ئامىللاردىن ئىبارەت. قارىمۇ قارشى كەيپىياتلارنىڭ تەسىر قىلىشى تومۇردا پەرقنى پەيدا قىلىدۇ، مەسلەن:قان مىزاجلىق كىشلەرنىڭ تومۇرنىڭ توم، دولقۇنلۇق سېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ كىشىلەردە قان خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، تەبىئىي مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. ھۆللۈك ماددىلارنى يۇمشىتىش، بوشاشتۇرۇش، نەملەشتۈرۈپ سىلىقلاش، ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش تەسىرىنى بەرسە، ئىسسىقلىق ماددىلارنى قىزىتىش ئارقىلىق ھەرىكەت پەيدا قىلىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ھۆل ئىسسىقلىق ئۆزئارا تەسىرلىشىش ئارقىلىق ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى ۋە قىسقىرىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان قان ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولغان قان تومۇرلار دىۋارىغا ئۇرۇلغاندا تومۇرنىڭ كۈچلۈك، دولقۇنسىمان سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، قان مىزاجلىق كىشىلەردە يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچى ( قۇۋۋىتى ھايۋانىي) كۈچلۈك، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقى شۇنچە ياخشى، قاننىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنرەك، ئەتراپ قارشىلىق كۈچى تۆۋەن، يوق دېيەرلىك بولغاچقا تومۇرى توم، دولقۇنلۇق سالىدۇ. بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەردە بولسا تومۇرى توم، ئاستا سالىدۇ. چۈنكى بەلغەم خلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولىدۇ. بۇخىل ھۆل سوغۇق كەيپىيات بىلەن يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ھۆل ئىسسىق كەيپىياتى بىرلىشىش ئارقىلىق سوغۇقلۇق يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلەشتۈرۈپ يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىدۇ. ھۆللۈك يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. نەملىكنى ئاشۇرۇپ بوشىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ يۈرەك ئاستا سوقۇشقا باشلايدۇ. ئاستا سوقۇۋاتقان يۈرەك سول قېرىنچىسىدىن چىققان قان ئېلاستىكىلىقى تېخىمۇ ياخشى بولغان قان تومۇر دىۋارىغا ئۇرۇلۇپ، تومۇرنىڭ ئاستا، توم سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ يۈرەك ھاياتلىق كۈچى (قۇۋۋىتى ھايۋانىي) ئاجىزراق، قان تومۇر ئېلاستىكىلىقى يۇقىرى، قان سۇيۇق، ئەتراپ قارشىلىق كۈچى يۇقىرى بولغاچقا،تومۇرى توم ۋە ئاستا سالىدۇ. سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ تومۇرى تېز، ئىنچىكە سالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىدە سەپرا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات قان تومۇرلارنىڭ ھۆل ئىسسىق كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپ ھۆللۈك بىلەن قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل قارىمۇ-قارشى كەيپىيات بىر-بىرىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. قۇرۇقلۇق كـەيپىيات ئـۈستۈنلۈكنى ئىـگىلـەپ، قـان تـومۇر ئېـلاستىكىلىقىنى تـۆۋەنلەشتۈرىدۇ. ئىسسىقلىق كەيپىيات بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئازايتىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، تومۇرلارنىڭ سوقۇشىنى تېزلەشتۈرىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتىدىكى تېزلىك بىلەن قان ئېقىمى تېزلىشىپ، تېز قىسقىرىۋاتقان يۈرەك سول قېرىنچىسىدىن چىققان قان ئېلاستىكىلىقى تۆۋەن بولغان قان تومۇر دىۋارىغا ئۇرۇلۇپ تومۇرنىڭ تېز، ئىنچىكە سېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچى (قۇۋۋىتى ھايۋانىي) يۇقىرى (كۈچلۈك) بولغان بىلەن قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەن، قان قويۇق، ئەتراپ قارشىلىق كۈچى يۇقىرى بولغاچقا تومۇرى تېز، ئىنچىكە سالىدۇ. سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە سەۋدا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەچكە، ئۇلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ، قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات ھۆل ئىسسىق كەيپىيات بىلەن تەسىر قىلىش ئارقىلىق يۈرەك خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچى تۆۋەنلەپ ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ. قان تومۇرلار ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلايدۇ. ئاجىز سوققان يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان ئېلاستىكىلىقى تۆۋەن بولغان تومۇر دىۋارىغا ئۇرۇلۇش ئارقىلىق تومۇرلارنىڭ ئىنچىكە، ئاستا سېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. يەنى يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچى تۆۋەن، قاننىڭ سۇ تەركىبى تۆۋەن، تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىز، ئەتراپ قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولغان ئەھۋاللار تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە، ئاجىز سالىدۇ. دېمەك، تومۇرلاردىكى بۇ پەرقنىڭ پەيدا بولۇشى يۈرەكنىڭ قۇۋىتى ھايۋانىيسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۈرەكنىڭ قۇۋىتى ھايۋانىيسى قانچە يۇقىرى بولسا قوزغىلىشمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى قانچە ياخشى بولسا، قاننىڭ قويۇق – سۇيۇقلۇق دەرىجىسى شۇنچە ياخشى، ئەتراپ قارشىلىق كۈچى قانچە تۆۋەن بولسا تومۇر ھەرىكىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ دىئاگنوزدا ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم. خىلىتلارنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشى تومۇر ھەركىتىگە ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى بېرىدۇ.

ھەرقايسى غەيرى تەبىئىي خلىتىلارنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈشھەرقايسى غەيرى تەبىئىي خلىتىلارنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

قان خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
(1) قان خلىتى ئۆز مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا تومۇر ھەركىتى توم، قاتتىق، كۈچلۈك، تىز، ئىسسىق سوقىدۇ.

(2) قان خلىتىغا غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئارىلىشىپ قان خىلىتىنى سۇيۇلدۇرۋەتكەندە تومۇرنى كىڭەيتىۋەتكەنلىكتىن تومۇر ھەركىتى بوش، تومۇر ئورنى كەڭ، تېز، ئىسسىق سوقىدۇ.

(3) قان خىلىتىغا سۈيۈق بەلغەم خىلىتى ئارىلىشىشتىن قان خىلىتى سۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا تومۇر ئورنى كەڭ، ھەركىتى بوش، ئاستا، سوغۇق سالىدۇ. قويۇق بەلغەم ئارىلاشقان بولسا تومۇر توم، قىسقا، تۇتۇق، ئاستىراق سالىدۇ.

(4) قان خىلىتىغا غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتى ئارىلاشقان بولسا قان خىلىتى قويۇقلاشقانلىق سەۋەبىدىن تومۇرنىڭ ئورنى كەڭ، قاتتىقراق، كۆتۈرلىشى ئىنچىكە، ھەركىتى رېتىمسىز بولىدۇ،

(5) قان خىلىتىغا كۆيگەن خىلىتلارنىڭ ئارىلىشىپ ئۇفۇنەت ھاسىل قىلىشتىن بولسا تومۇرى تەرتىپسىز بولىدۇ،يەنى بەزى تېز، بەزى ئاستا بەزى توم،بەزى ئىنچىكە سالىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
(1) سەپرا خىلتىغا غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئارىلاشقان بولسا تومۇر ھەركىتى ئىنچىكە، بوش، ئاستا ،ئاجىز بولىدۇ.

(2) سەپرا خىلىتىغا قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلاشسا تومۇر ھەركىتى ئىنچىكە، تومۇر قاتتىق، تۇتۇق، ئاستا سوقىدۇ.

(3) سەپرا خىلىتىغا ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ھەركىتى ئىنچىكە ،قاتتىق، تىترىگەن ھالەتتە تېز سوقىدۇ.

(4) سەپرا خىلىتىغا غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستا سوقىدۇ.

(5) سەپرا خىلىتىغا كۆيگەن سەۋدا خىلتىدىن ھاسىل بولغان بۇزۇق سەۋدا خىلىتى ئارىلاشقان بولسا تومۇر ھەركىتى تېز، قاتتىق، رېتىمسىز ،سوغۇق سوقىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
(1) بەلغەم خىلىتىغا قان خىلىتى ئارىلاشقان بولسا بۇنداق كىشىلەرنىڭ تومۇرى توم، قىسقا، ئاستا، تومۇرنىڭ تېگى سوغۇق، ئۈستى قىسمى ئىسسىق بولىدۇ.

(2) بەلغەم خىلىتىغا غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىتى ئارىلاشقان بولسا تومۇرى توم، يۇقىرىغا كۆتۈرىلىشى ئىنچىكە، تېزراق سوقىدۇ.

(3) بەلغەم خىلىتىغا غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى ئارىلاشقان بولسا تومۇر ھەركىتى ئاستا، تومۇر توم، ئۈستۈنگە سوقىشى ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستىراق بولىدۇ.

(4) بەلغەم خىلىتىغا قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلاشسا تومۇر ھەركىتى توم، قىسقا، تېز، سوغۇق سوقىدۇ.

(5) بەلغەم خىلىتىغا كۆيگەن سەۋدا خىلىتى ئارىلاشقان بولسا تومۇر ھەركىتى توم، قاتتىق، قىسقا، تۇتۇق ھالەتتە سوقىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
(1) سەۋدا خىلىتىغا غەيرى تەبىئىي قان خىلىتى (قانغا ئارىلاشقان قويۇق سەۋدا خىلىتىدىن ھاسىل بولغان) نىڭ ئارىلىشىدىن تومۇر ھەركىتى ئىنچىكە، قاتتىق، رېتىمسىز، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ.

(2) سەۋدا خىلىتىغا غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ھەركىتى ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئاستىراق، قاتتىق سوقىدۇ.

(3) سەۋدا خىلىتىغا غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ئىنچىكە، بوش، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ.

(4) سەۋدا خىلىتىغا غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتى ئارلىشىشىدىن تومۇر ھەركىتى تېز، قالايمىقان، قاتتىق، تىترىگەن ھالەتتە سوقىدۇ.

(5) سەۋدا خىلىتىغا كۆيگەن خىلتىلاردىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ ئارلىشىشىدىن تومۇر ھەركىتى ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ.

يىل، پەسىللەرنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
پەسىللەردىكى ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۈز بېرىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى پەسىللەرنىڭ كەيپىياتىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تومۇرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەتىياز پەسلىنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، پەسىللەر ئىچىدە ئەڭ ياخشى پەسىل ھېسابلىنىدۇ. تومۇرمۇ ھەر جەھەتتىن مۆتىدىل سالىدۇ. بۇ پەسىلدە پۈتكۈل كائىنات جانلىنىپ يېڭىلانغان، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، ئەزالار خىزمەت پائالىيىتى نورماللىشىپ قان تومۇرلار تەڭشىلىدۇ. قۇۋۋەتلەر زىيادە بولۇپ تومۇرلار دولقۇنلۇق سالىدۇ. ياز پەسلىنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، تومۇر ئۆزگىرىشچانلىققا مايىل بولىدۇ. ھاۋا كىلىماتىدىكى ئىسسىقلىق تەسىرىدىن بەدەندىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ خورىشى بىلەن بەدەندە قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بىرلا ۋاقىتتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ تومۇرنىڭ تېز ھەم ئىنچىكە سېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈز پەسلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى تۇراقسىز، قۇرۇقلۇق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەچكە تومۇرلارنىڭ ھەرىكىتىدىمۇ ئىنچىكە، ئاستا سېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. قىش پەسلىنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا تومۇر توم ھەم ئاستا سالىدۇ. چۈنكى بەدەن ھارارىتى تۆۋەن، ھاۋا سوغۇق، ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى ئىستېمال قىلغان بولسىمۇ، ھۆللۈك ۋە سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن قان تومۇرلارنىڭ ھەرىكىتى سۇسلىشىپ ماددا ئالمىشىشنى ئاستىلاشتۇرۇپ، قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر تومۇردا پەيدا قىلغان تەسىر بەك چوڭ بولمايدۇ، دىئاگنوزدا بەلگىلىك ئەھمىيىتى بولىدۇ.

ئۇيقۇ ۋە ئۇيغاقلىقنىڭ تومۇرغا تەسىرى
ئۇيقۇ ئىنسانلارنىڭ ھايتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولغىنىدەك ئۇيغاقلىق ئىنسانلار ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى، مۇۋاپىق ئۇيقۇ ئىنسانلار ھاياتىغا پايدىلىق بولغىنىدەك، نورمال ئۇيغاقلىقمۇ ئىنسانلار ھاياتلىق پائالىيتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.نورمال ئۇيقۇ كىشىلەرنىڭ جىسمانىي كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەزالارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، ئادەمنى غەم – غۇسلاردىن، قايغۇ – ھەسرەتتىن خالىي قىلىدۇ. بەدەننى يېتەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئىگە قىلىدۇ، روھىي كەيپىياتنى، قان تومۇرلارنى جانلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تومۇرلارنىڭ توم، دولقۇنلۇق سېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەكسىچە زىيادە ئۇيقۇ مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، تىرەڭلىكىنى تۆۋەنلەشتۈرۈپ رېفلېكسلارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ماددا ئالمىشىشتا سۇسلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. تومۇرلار ئاستا، ئاجىز سالىدۇ، نورمال ھەرىكەت قىلغاندا بەدەن چېنىقىدۇ. ماددا ئالمىشىش، قان ئالمىشىش جانلىنىدۇ. ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە تېزلىشىدۇ. مۇسكۇللار تىرەڭلىشىدۇ. قان تومۇرلار ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، تومۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق ھەرىكەتمۇ ئىنسانلار ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تومۇرلارنىڭ ئاجىز، ئاستا سېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىسمانىي ئەمگەكنىڭ تومۇرغا تەسىرى
جىسمانىي ئەمگەكنىڭ تومۇرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. نورمال جىسمانىي ئەمگەك ئىنسانلارغا ساغلاملىق ئاتا قىلسا، ھەددىدىن ئارتۇق جىسمانىي ئەمگەك بەدەندە ماددا ئالمىشىش، قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىۋېتىپ ئەزالارنىڭ خىزمىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. ئىسسىقلىقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىپ ئىستىفىراق كۆپىيىدۇ، بۇنداق بولىۋەرسە، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقىغا ئېلىپ بېرىپ، تومۇر تېز، ئىنچىكە سېلىشنى ھەتتا ئۆز جىسمانىيىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەمگەك بولسا چۈمۈلە ماڭغاندەك تومۇر شەكلىنى پەيدا قىلىدۇ.

يىمەك – ئىچمەكنىڭ تومۇرغا تەسىرى
ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى، مىقدارىنىڭ ئاز- كۆپلىكى، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك–كۈچسىزلىكى، ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇق كەيپىياتىنىڭ كېسەل مىزاجىغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ تومۇر ھەرىكىتى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن : تاماقنى كۆپ يەيدىغان كىشىلەرنىڭ تومۇرى تىز، مۇختەلىپ سوقىدۇ. يىمەك –ئىچمەك نورمال بولسا تومۇر قۇۋۋەتلىك سوقىدۇ. تاماقنى ئاز يەيدىغان كىشىلەرنىڭ تومۇرى شۇ تاماقنىڭ كۈچىگە قاراپ بولىدۇ. يەنى تاماق مىقدارى ئاز لىكىن قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇق بولسا ھەسەل، كاۋاپ،تۇخۇم، ياڭاق، ئۈزۈملەرگە ئوخشاش ياخشى قان پەيدا قىلىدىغان ،بەدەن ھارارىتىنى كۆتۈرىدىغان بولسا تومۇر ھەركىتى كۈچلۈك، تىز سوقىدۇ. ئەگەر مىقدارىمۇ ئاز، قۇۋۋىتىمۇ ئاز بولسا گۈرۈچ كاشكاپلىرى بولسا ياكى گۆش، ياغسىز سۇيۈق ئاشلار بولسا تومۇر زەئىپ سوقىدۇ. ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەر سوغۇقلۇق غىزالارنىڭ ئىستىمال قىلسا ، سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر ئىسسىقلىق غىزالارنىڭ ئىستىمال قىلسا ،قۇرۇق مىجەزلىك كىشىلەر ھۆللۈك تاماقلارنى، ھۆل مىجەزلىك كىشىلەر قۇرۇقلۇق تاماقلارنى ئىستىمال قىلسا تومۇر ھەركىتى نورمال، كۈچلۈك سوقىدۇ. ئەگەر ئىسسىق مىزاجلىقلار ئىسسىقلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلسا ،سوغۇق مىزاجلىقلار سوغۇق تاماقلارنى ئىستىمال قىلسا تومۇر ھەركىتى زەئىپ، ئاستا، قالايمىقان سوقۇش بىلەن مېڭە، يۈرەك، ئاشقازان، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىمۇ بۇزىدۇ. شۇڭلاشقا كېسەللەرگە غىزا بۇيرۈشتا مىزاجنىڭ قارىشى تەرەپتىكى غىزانى بۇيرۇش كىرەك. يەنى مىزاجى قۇرۇق بولسا ھۆللۈك غىزالارنى بۇيرۇشقا ئوخشاش. ئوزۇقلۇنۇشتا ياخشى غىزا بىلەن يامان غىزالارنى پىشۇرۇلغان غىزالار بىلەن پۇشۇرۇلمىغان غىزالارنى ،ئاسان سىڭىدىغان غىزالار بىلەن تەستە ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى بىرگە قوشۇپ يىمەسلىك لازىم. ئەگەر يىيىشكە توغرا كالسە پىشۇرۇلمىغان سەيلەرنى نان بىلەن، ئىستىمال قىلىش كىرەك. ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئارقىدىن ئىستىمال قىلىش كىرەك. بۇنداق بولمىغاندا تومۇر بۇزۇلىدۇ.ھاراق ئىچكەندە تومۇر ھەركىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ، ھاراق ئىچكەندە دەسلەپتە تومۇر تېز، كۈچلۈك سوقىدۇ. مەستلىك يۈز بەرگەندىن كېيىن تومۇر ئاجىز، كىچىك، بىر قەدەر ئاستا سوقۇشقا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. تامامەن ھۇشسىزلىنىپ قالغاندا تومۇر زەئىپ، ئاستا سوقىدۇ. ھاراق ئىچكۈچىلەرنىڭ تومۇرىدا جىددىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. بولۇپمۇ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ئاشقازان، جىگەر كېسەللىكلىرى، روھىي ئەسەبىي كېسەللىكلىرى بار كىشىلەر ھاراقنى داۋاملىق ئىچسە كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، تومۇرىدا خىلمۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى سادىر قىلىدۇ. ھاراق جىنسىي قوزغىلىشنى كۈچەيتكەندەك تۇيۇلسىمۇ، ئۇزاق داۋاملاشقانسېرى بەدەننى ئاجىزلىتىپ، جىنسىي بەزلەر خىزمىتىنى بۇزۇپ، مەنىي تۇتالماسلىق، ئاقىۋەتتە ئەرلىك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ئېغىرى قول – پۇت تىترەش (رەئىشە) ۋە مالېخۇلىيا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاغرىش سېزىمىنىڭ تومۇرغا تەسىرى
بىرەر ئەزالاردا يۈز بەرگەن ئاغرىش سېزىمى تومۇر ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. خۇسۇسەن رەئىس ئەزالاردا ئاغرىش كۆرۈلسە تومۇرى تېز،ئارقىمۇ-ئارقا سالىدۇ. لېكىن ئاغرىش ئىچكى ئەزالاردا بولسا دەسلەپتە تومۇر كىچىك، ئارقىمۇ ئارقا سالىدۇ. ئاغرىش قانچىلىك ئۇزاق داۋاملاشسا تومۇردىكى ئۆزگىرىش شۇنچە ئېنىق بولىدۇ. ئاغرىش يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، قۇۋۋىتى ھايۋانىي ئاجىزلاشقانسېرى، تومۇرى قۇرت لۆمۈلدىگەندەك ۋە چۈمۈلە ماڭغاندەك سالىدۇ.

ياللۇغنىڭ تومۇرغا تەسىرى
ياللۇغلىنىش ئەسەبلەر (نېرۋىلار) كۆپ ئەزالاردا، مەسىلەن: ئاشقازان، ئۈچەي، دوۋساق ۋە دىئافراگما، قورساق پەردىسى قاتارلىقلاردا بولسا تومۇر ھەرە چىشىسىمان ۋە قاتتىق سوقىدۇ. ياللۇغ شىرىيان تومۇرى مول ئەزالاردا، مەسىلەن: ئۆپكە، تال قاتارلىقلاردا بولسا تومۇر چوڭ ۋە ئۆزگىرىشچان سوقىدۇ. ئەگەر ياللۇغلىنىش جىگەردە بولسا جىگـەر خىزمىــتـى ناچـارلىـشىـدۇ. ئۇنىـڭ ئوزۇقـلۇقلارنـى ئۆزگـەرتىـش قۇۋۋىتى(قۇۋۋىتى مۇغەييىرە) ئاجىزلىشىپ،ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ .شۇنىڭ بىلەن تومۇرى زەئىپ ۋە كۈچسىز سوقىدۇ.

روھى ئامىللارنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
خۇشاللىنىش، خاپىلىق، جاپا تارتىش، قورقۇش، غەزەپ-نەپرەت، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئامىللار تومۇرغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ خۇشاللانغان ۋاقىتتىكى تومۇرى چوڭ ۋە پەرقلىق سالىدۇ. خاپىلىق ۋاقىتتىكى تومۇر تېز ۋە تىترەپ سالىدۇ. غەزەپلەنگەن ۋە ئاچچىقلانغاندىكى تومۇر چوڭ ۋە ئارقىمۇ-ئارقا سالىدۇ، خىجالەت تارتقاندىكى تومۇر مۇختەلىپ سالىدۇ، لەززەتلەنگەندىكى تومۇر چوڭ سالىدۇ، چۈنكى لەززەت قۇۋۋەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، تومۇر ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ، غەمكىنلىكتە كىچىك، ئاجىز ۋە پەرقلىق ئاستا سالىدۇ. تۇيۇقسىز قورقۇپ كەتكەندە تومۇر تېز تىترىمە، ئۆزگىرىشچان سالىدۇ. ئادەتتىكىچە قورققان ۋاقىتلاردا كىچىك ۋە ئاجىز سالىدۇ. غەم باسقاندا چوڭ، چوڭقۇر، تېز ۋە ئارقىمۇ ئارقا سالىدۇ.

سۈرگە دورىسىنىڭ تومۇرغا بولغان تەسىرى
سۈرگۈ بەرگەندىن كېيىن بەدەندىكى بۇزۇق خىلىتلار تازىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تومۇر ھەركىتى ئوچۇق، نورمال ھالدا كۈچلۈك بولىدۇ. سۈرۈش زىيادە بولسا تومۇر ھەركىتى بوش، زەئىپ بولىدۇ. ئەگەر سۈرگۈ خاتا بېرىلىپ قالسا يەنى سەپرا مىزاجلىقلارغا قۇرۇق ئىسسىق تەرەپتىكى، بەلغەم مىزاجلىقلارغا ھۆل سوغۇق تەرەپدارىدىكى سۈرگىلەر بېرىلىپ قالسا سۈرگەندىن كېيىن ھۇشىدىن كېتىپ تومۇر ھەركىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك سوقۇش يۈز بېرىدۇ.

مۇنچىغا چۈشكەندىن كېيىنكى تومۇرغا بولغان تەسىرى
سۇنىڭ ھارارىتى ۋە مۇنچا بەك ئىسسىق بولسا ھاجەتنى ئاشۇرىدۇ، قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئىسسىقلىق نورمال بولسا تومۇر ھەركىتى چوڭ، كۈچلۈك ۋە يۇمشاق سوقىدۇ. ئەگەر سوغۇق بولسا بەدەن ھارارىتى ئىچكى قاتلاملارغا يىغىلىپ قېلىپ، تومۇر ھەركىتى تېز ۋە كۈچلۈك سالىدۇ، زاك، گۈڭگۈرت، قەلەي قاتارلىق مەدەن كانلىرىدىن چىققان ئىسسىق بۇلاق (ئارشاڭ) لارغا چۈشسە تومۇر ھەرىكىتى قاتتىق ۋە تېز بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن تومۇر ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم مۇھىم ئامىللار بولسا، ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن سۆزلەنگەن بولۇپ، كونكرىتنى شەخسلەر تومۇرى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، مىزاجى ۋە بەدىنىدىكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ.

تومۇر ھەركىتى
ھەرخىل كېسەللىكلەردىكى تومۇر كېسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تومۇر ھەركىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەردىكى تونۇشتۇرۇلىدۇ.1) تومۇرنىڭ توم، كۈچلۈك، تېز سوقىشى بەدەندە قان خىلىتىنىڭ ئۆز مىقداردىن ئېشىپ كەتكەنلىگىگە ،جۇشانى خۇندىن بەلگە بېرىدۇ. 2) تومۇرنىڭ قاتتىق ،تېز، ئىنچىكە سوقىشى مېڭىدە سەپرا خىلىتدىن بولغان ئىششىقنىڭ بارلىقىغا ( سەرسام ) كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. 3) تومۇرنىڭ قىسقا ،تېز، يۇمشاق سوقىشى بويۇن بەز ئىششىقى كېسىلى (خانازىر )نىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتى . 4) تومۇرنىڭ ئاستا، يۇمشاق، تىترەپ سېلىشى سەرئى ( تۇتقاقلىق ) كېسىلىنىڭ ئالامىتى . 5) تومۇرنى تۇتقاندا بىر تەرەپنىڭ كۈچلۈك، بىر تەرەپنىڭ بوشراق سېلىشى مېڭىدە توسالغۇ بارلىقىنىڭ ئالامىتى. 6) تومۇرنىڭ ئىنچىكە ،قاتتىق، ئاستا سېلىشى مالىخولىيائى دىماغى (مېڭە مەنبەلىك مالىخولىيا ) كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر. 7) تومۇرنىڭ توم، بوش، تېز سوقىشى يۇتقۇنچاق ئىششىقى، ئاشقازان ،ئۆت ئىششىقى ھەمدە بەدەندە بەز ئۆسمىسى بارلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ. 8) تومۇرنىڭ ئاستا،بوش، رېتىمسىز سوقىشى يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىش، يۈرەك قېرىنچىسى كېڭىيىپ كېتىش كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ. 9) تومۇرنىڭ تېز، تىترەپ سوقىشى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئىششىغانلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 10) تومۇرنىڭ تېز، قالايمىقان، ئىنچىكە سوقىشى يۈرەك دالانچىسىدا ئىششىق پەيدا بولغانلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ. 11) تومۇر تۇتقاندا سول قولنىڭ تومۇرىنىڭ ئوڭ قولنىڭ تومۇرغا قارىغاندا بوش سوقىشى يۈرەك سانجىقى كىسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. 12) تومۇرنىڭ ئىنچىكە، بوش، ئاستا سوقىشى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا بەلگە بېرىدۇ. 13) تومۇرنىڭ تومۇر ئىچى توشقان ھالەتتە سېلىشى ئۆپكىدە ھاۋالىق ئىششىق، زىققا كېسەللىكى بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 14) تومۇرنىڭ ھەرە چىشسىمان، ئىككى يانغا تولغۇشۇپ سوقۇشى ئۆپكە، كۆكرەك پەردىسىگە سۇ چۈشكەن ياكى يەل توشۇپ قالغانغا بەلگە بېرىدۇ. 15) تومۇرنىڭ بوش، قىسقا، ئاستا سوقىشى بەدەننىڭ سوغۇقلىقى، بەلغەمدىن بولغان ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەيدە يارا بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 16) تومۇرنىڭ بوش، ئاستا سوقىشى تومۇرنىڭ ئېسىلەڭگۈ بولىشى ئاشقازان، ئۈچەيدە سوزۇلما ياللۇغنىڭ بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 17) تومۇرنىڭ ئىنچىكە، تېز، ئىسسىق بوش سوقىشى ئۆپكە سىلى، ئاشقازان، ئۈچەيدە سەپرادىن بولغان يارا كېسەللىگىگە بەلگە بېرىدۇ. 18) تومۇرنىڭ تېز، ئىنچىكە، قاتتىق تىترەپ سېلىشى كۆكرەك، باشنىڭ تەرلەپ كېتىشى ھەم نەپەس سىقىلىش، قالقان بەز ئىششىقى، يۈرەك دالانچە ئىششىقى كېسەللىگىگە بەلگە بېرىدۇ.19) تومۇرنىڭ توم، قىسقا، قاتتىق سوقىشى رېماتىزىم خاراكتىرلىك يۈرەك كېسەللىكى، مۇپاسىل كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 20) تومۇرنىڭ بوش، تېز، ئىسسىق سوقىشى نىقرەس ( ئۇششاق بوغۇم ئىششىقى ) كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 21) تومۇرنىڭ ئىنچىكە، قاتتىق، سوغۇق سوقىشى تال ئىششىقى كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 22) تومۇرنىڭ ئىنچىكە، بوش، ئاستا، ئىسسىق، سوقىشى، تىلدا قارا گەز بولىشى قارا كېزىك (ئۈچەي كېزىكى) كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 23) تومۇرنىڭ ئاستا ،تۇتۇق، سوغۇق سوقۇشى ئۈچەي تولغاق كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 24) تومۇرنىڭ توم، قىسقا، تېز سوقىشى بۆرەككە سۇ چۈشكەنلىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 25) تومۇرنىڭ توم، قىسقا ،ئاستا سېلىشى سوغۇقتىن بولغان جىگەر ئىششىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 26) تومۇرنىڭ بىر كۈچلۈك، بىر ئاجىز، بىردەم تېز، بىردەم ئاستا ،بىردەم ئۈستۈن كۆتۈرلۈپ بىردەم پەسلەپ سوقىشى يۈرەك خىزمىتىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىدىن بەلگە بېرىدۇ. 27) ئوڭ قولنىڭ تومۇرىنىڭ قاتتىق، تۇتۇق سوقۇشى ئۆتكە تاش چۈشكەن كېسەللىكتىن بەلگە بېرىدۇ. 28) تومۇرنىڭ تېز، رېتىمسىز سوقىشى يۈرەك كىلاپانلىرىنىڭ تولۇق ئېچىلالماسلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 29) تومۇرنىڭ بوش،ئاستا، رېتىمسىز سېلىشى يۈرەكنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىگە بەلگە بېرىدۇ. بۇ كۆپۈنچە قان قويۇلۇپ قالغانلىق ياكى قان تومۇر تارىيىۋېلىش كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ .

تومۇر تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى
تومۇر تۇتۇش- قەدىمقى كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا توپلىغان مول تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى بولۇپ، ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ كېسەللىكلەرنى تونۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئۇ خىلىت، قۇۋۋەت ۋە مىزاجدىكى ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن توغرا باھا بېرىشتە ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن تومۇر تۇتۇشنى بىردىنبىر خاتاسىز چارە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، بىمارلاردىكى بارلىق كېسەللىكلەرنى بىلگىلى بولىدىغان ئاساسلىق ۋاسىتە دەپ سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق قان ئېقىمىنىڭ تېز– ئاستىلىقى، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، قان تومۇر دىۋارىنىڭ يۇمشاق– قاتتىقلىق دەرىجىسى ۋە قان تومۇر ئىچىدىكى قان سۇيۇقلىقىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ. بۇلارنى بىلىش ئۈچۈن تومۇرشۇناسلىق ئىلمىدىن خەۋەردار بولۇش، بەلگىلىك تومۇر تۇتۇش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك. تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەھۋاللارنى سوراپ تەكشۈرۈش، قاراپ تەكشۈرۈش، تىڭشاپ تەكشۈرۈش ۋە زامانىۋى تەكشۈرۈشلەردىن ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىمارنىڭ مۇھىم زارى ۋە بەدەندە مەۋجۇت ئالامەتلەرگە تەدبىقلىغاندىلا، ئاندىن بىر قەدەر توغرا بولغان دەسلەپكى دىئاگنوزغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. تومۇرنى تۇتۇپلا ھەرگىز قاراملىق بىلەن يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ.

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت قامۇسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button