ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

مۇپاسىل كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە پەرۋىش قىلىش

قىسقىچە مەزمۇنى: مەقسەت: ئۇيغۇر تېبابىتىدە مۇپاسىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى زىمات تېڭىش پەرۋىش مەشغۇلاتى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىمارلارنى ئەڭ ياخشى پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ بىمارلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش.
ئۇسۇل: 2009- يىلى 2- ئايدىن 2010- يىلى 3- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بۆلۈمىمىزدە يېتىپ داۋالىنىۋاتقان 108 نەپەر بىمارغا نىسبەتەن زىماد تېڭىپ داۋالاش ۋە پەرۋىش خىزمىتى ئىشلەندى. نەتىجە:دوختۇر سېستىرالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ، داۋالىشى ۋە پەرۋىش قىلىشى نەتىجىسىدە مۇپاسىل كېسەللىكىنى زىمادى سۆرۈنجان بىلەن داۋالىغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.يەكۈن:زىماد تېڭىپ داۋالىغاندىن كىيىن بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بوغۇم ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بىمار كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كۈچەيتىش ،
بىمارلارنىڭ تىببى خادىملار بىلەن ياخشى ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا يەرلىك ئورۇننىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن دىققەت قىلىش، پەرۋىش ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللاردۇر.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بوغۇم ياللۇغى، زىماد تېڭىپ داۋالاش، پەرۋىش
تونۇش: « مۇپاسىل » كېسەللىكى بوغۇملارنىڭ يەل ، ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن بوغۇم سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان بوغۇملار ئاغرىش ، ئىششىش، ھەرىكتى قىيىنلىشىش، ھەتتا يوقۇلۇش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
ھازىرقى پەرۋىش قىلىش ئومۇمىي ئەنئەنىۋى بولغان «كېسەلنى مەركەز قىلىش» تىن ئۆزگىرىپ «بىمارلارنى مەركەز قىلىش» تىن ئىبارەت پەرۋىش قىلىشقا ئۆزگەردى.
ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىش ئىلمىي ئۇيغۇر تېبابەت نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلغان ئاساستا ھازىرقى زامان پەرۋىش ئىلمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىشىدىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىش سۈپىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئادەتتىكى ماتېرىيال : ئۇمۇمىي بىمار 108، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار 74 نەپەر ، %68 نى، ئەرلەر 34 نەپەر%31 نى، يېشى 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغانلار 38 نەپەر %35 نى ، 50 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغانلار 53 نەپەر بۇلۇپ%49 نى ، 60 ياشتىن يۇقۇرلار 17 نەپەر %15 نى ئىگەلللەيدۇ. خىلىت ئېتىبارى بۇيىچە : موزا تەملىك بەلغەمدىن بولغانلار 64 نەپەربۇلۇپ %59، غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغانلار 44 نەپەر بۇلۇپ%40 نى ئىگەللەيدۇ.
مەزمۇن: ئۇيغۇر تېبابىتىدە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا باشقا داۋالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە كۆپۈنچە زىماد تېڭىپ داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلماقتا. ھەمدە بىر قەدەر ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۆلۈمىمىزمۇ ھازىرغىچە 108 نەپەر بىماردىكى بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكى ئىچىدىن دورا ئىشلىتىش بىلەن بىرگە سىرتىدىن زىمادى سۆرۈنجان بىلەن زىماد تېڭىشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالىغان بولۇپ، دوختۇر سېستىرالارنىڭ ياخشى ماسلىشىپ ئەستايىدىل داۋالاش ۋە كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش نەتىجىسىدە، بوغۇم ياللۈغى كىسەللىگى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى يۇقىرى بولدى.
پەرۋىش قىلىش ئۇسۇللىرى :
سىرتىدىن دورا بىلەن تېڭىش مەشغۇلاتى :
ماتېرىيال تەييارلىقى : زىمات تېڭىشقا كېتەرلىك ماتىريالار ( داۋالاش ھارۋىسى ، دورا ئالماشتۇرۇش، قاچىسى، ئەگمە قاچا، يۇپۇق ، شىرما، ئۇيغۇر تېبابىتى تېڭىق دورىلىرى ، خەسە، بىنېت، تۇخۇم قاتارلىقلار)
دورا تەييارلاش : تەييارلانغان تۇخۇمنى دورا قاچىسىغا چېقىپ تەييارلانغان دورا تالقىننى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇپ ، تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ، زىمات دورىسى تەييار قىلىمىز .
مەشغۇلات تەرتىپى : ئۈچىنى تەكشۈرۈش يەتتىنى سېلىشتۇرۇش – قول يۇيۇش – ماسكا تاقاش- ماتېرىيال تەييارلاش – بىمارغا داۋالاش مەخسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش – شېرما تارتىش – يۇپۇق يېپىش – تەييارلانغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىنى يەرلىك ئۇرۇنغا تەكشى سۈرتۈش – يەرلىك ئۇرۇننى تېڭىش – بىنىت بىلەن ئۈستىدىن ئوراش – پىلاستر بىلەن مۇقۇمداش – تېڭىقنىڭ چىڭ بوشلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش – بىمارغا ياردەملىشىپ كىيىمنى كىيدۈرۈش – بىمارغا بەدىنىنى ئىسسىق ساقلاش ۋە 40 مىنۇت يېتىپ ئارام ئېلىشنى تاپىلاش – باشقا ماتېرىياللارنى رەتلەپ دېزىنفىكسىيە قىلىش – قول يۇيۇش – خاتىرە قالدۇرۇپ ئىمزا قۇيۇش.
بۇلۇمىمىزدە داۋالانغان 108نەپەر بىمارلارغا قارتا زىمات تىڭىش پەرۋىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇنقى خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلدى ،دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ؛1.بەدەننى ئېسسىق تۇتۇش شامالداپ قىلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر بولغاندا ھەرىكەتتىن چەكلەش تەپسىلى بىمارنىڭ ماسلىشىشى قۇلغا كەلتۈرۈلدى.
2.زىمات تاڭغاندىن كىيىن يەرلىك ئورۇندا قىزىرىش ،قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇر سېستىرالارغا دوكلات قىلىش لازىم.
3.يەرلىك ئورۇندا قىزىرىش،ئەسۋە ئۆرلەش ئۇرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە تاتىلاپ يەرلىك ئورۇننىڭ زەخمىلنىشدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار تەپسىلى چۇشەندۇرۇلدى
نەتىجە: دوختۇر- سىستىرالارنىڭ كۇڭۇل قۇيۇپ داۋالىشى ۋە پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە بۇغۇم ياللۇغىنى زىماتى سۇرۇنجان بىلەن داۋالىغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بۇلدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نوختىلار: 1. روھى پەرۋىش- بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بۇغۇم ياللۇغى توغرىسدىكى ساۋاتلارنى سۆزلەش بىلەن بىرگە زىمات تىڭش مەشغۇلات ئىشلەشتىكى مەخسەت، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ۋە پەرۋىش قائىدىلىرى چۇشەندۇرۇپ قۇيۇلدى ئۇلاردا كېسەللىكتىن خالاس بۇلۇپ ساقىيىپ كېتىشكە بۇلغان ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدى، شۇ ئارقىلىق بىمارلارنىڭ داۋالاش ۋەپەرۋىشكە تىخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى شۇنداقلا كېسەلدىن ساقىيىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدى.
2.تۇرمۇش پەرۋىشى:
1كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىللىگەن بىمارلارغا سىستىرالارنىڭ ھەمكارلىقىدا بالنىست ئىچىدە ياكى دۇختۇرخاناھۇيلىسدا چېنىقېش ئۇسكۇنلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلنىپ ھەركەت قىلدۇرۇلىدۇ .
2.تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن بىمارنىڭ يېشى، بەدەن تۇزلىشى، سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەركەت قىلىش، ئارام ئېلىش ۋاقتى بەلگىلەپ بېرىلىدۇ.
3. پەلەمپەيدىن چىقىپ، تىز يول يۈرۈش، يۈگۈرۈش ۋە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش قاتارلىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش، نەم سوغۇق مۇھىتتىن ساقلىنىش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ، زىيادە سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش بوغۇملارغا چۈشكەن بېسىمنى ئازايتىش، شۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ
ئوزۇقلۇق پەرۋىشى: بىمارنىڭ خىلىتى، مىزاجى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوزۇقلۇق تەرتىپىنى تەڭشەپ، بىمارنى ئوزۇقلاندۇرغاندائاسان ھەزىم بولدىغان يەڭگىل لەتىف يېمەكلىكلەردىن باچكۇگۇشى،چۇپ ئاش ،پاقلان گۆشى، يوقىرى ۋىتامىنلىق ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە، غەلىز غىدىقلىغۇچى ، قاننى سوۋۇتۇپ بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلەتكۈچى ،كالاگۇشى ،قىيمىلىق تائاملاردىن (مانتا ،خوشاڭ ،گۆشگىردە)قېتىق،لەمپۇڭ،لازا-ئاچچىقسۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش.
بالنېستىن چىققاندىن كىيىنكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بوغۇم ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلارنى تونۇشتۇرۇپ، بالنېستىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بالنېستىن چىققاندىن كىيىن بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بۇ كېسەللىكنىڭ قايتا بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كۈچەيتىش.
بىمارلارنىڭ تېببىي خادىملارغا ياخشى ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ دەم ئېلىشقا، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، يەرلىك ئورۇننىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەرگە دىققەت قىلىش، پەرۋىش ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيە ئىلمىي 2004- يىل 2- نەشرى
2. ئۇيغۇر تېبابىتى سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي 2004- يىل 2- نەشرى
3. ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 1995- يىل 1- نەشرى
4. ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىنىش قانۇنىيىتى ئىلمىي 2004- يىل 2- نەشرى
5.تىز بوغۇم سۈڭەكلىشىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىش تېخنىكا مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى قوللانمىسى تەتقىقات تېما .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button