خام دۇرىلار

ئامىلە

ئەرەپچە نامى: ئاملەج

پارىسچە نامى: ئامىلە

تونۇش: بۇ سۈتلۈك ئوتلار ئائىلىسىدىكى غازاڭ تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىكرەك دەرەخ ئامىلە بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مېۋىسى ئامىلە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

شىپالىق رولى: رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، چاچ يىلتىزىنى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش، كۆزنىڭ كۆۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، كۆپ ئۇسساش، خاپىغان، يۈرەك ئاجىزلىقى، كۆز ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ ئاجىزلىقى، چاچ چۈشۈش، باھ ئاجىزلىقى، پالەچ، لەقۋا قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇراببا تەييارلاپ ياكى چىلانما تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. مېڭىنى قۇۋۋەتلەشتە يېغى چىقىرىلىپ باشقا چېپىلىدۇ، ئۇرۇقىدىن ئاجرىتىلغان پوستى مۇرەككەپ دورىلار تەركىبىگە قوشۇلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 11 گرام.

زىيانلىق تەسىرى: تال كېسىلى ۋە قۇلۇنجىغا زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: تال كېسەللىكى ئۈچۈن سۇمبۇل، ھەسەل، قۇلۇنجى ئۈچۈن تاتلىق بادام يېغى.

ئورۇنباسارى: ئىككى ھەسسە كابىلە ھېلىلىسى.

چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ گۇۋاڭدۇڭ، گۇۋاڭشى قاتارلىق جايلىرىدىن، ھىندىستان، ئىران، مالايسىيا قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button