ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

مىزاج

تۆت چوڭ ماددىنىڭ ناھايىتى كىچىك بۆلەكلىرىدىكى كەيپىياتلارنىڭ بىر – بىرىگە تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولغان يېڭى كەيپىيات- مىزاج دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا تۆت چوڭ ماددا قۇۋۋەتلىرىنىڭ بىر – بىرىگە تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن كەيپىيات- مىزاج بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەبئىيەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ.

     تەبئىيەت دۇنياسىدىكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى تۆت چوڭ ماددىنى دەۋرى قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا مەنسۇپ بولىشى، تۆت چوڭ ماددىدىن قايسى بىرىنىڭ غالىپ ئورۇندا تۇرغانلىقىغا باغلىق. ئىنسانلارنىڭ رەڭگى – رويى، قەددى- قامىتى، خۇلق – مىجەزى، ئادىتى، پىسخولوگىك ھالىتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تىپىك پەرقلەرنىڭ ئەڭ ئاساسى قىسمى، ئىنسانلارنىڭ مىجەزىنى تۈزەشكە خام ئەشيا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئارىلاش كەيپىياتىدىن ھاسىل بولىدۇ.

    ئىنسانلارنىڭ رەڭگى رويى ۋە قەددى – قامىتىگە ئالاقىدار سۈپەتلىك پەرقلەرگە سەۋەپچى بولغان ئىچكى ئامىللار تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى نامايەندىسى بولۇپ، بۇ ئامىللار ئىنسانلارنىڭ تۇغما مىزاجىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خىل تۇغما مىزاجىنى سۈنئىي ئۇسۇل ياكى بىرەر ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئەمما ئىنسانلارنىڭ خۇلق- مىجەزى، روھىي ھالىتى، ئۆرپ- ئادىتى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي مۇھىيت تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىدىن ھاسىل بولغاچقا ، بۇ ھالەتنى ئەخلاقى ۋە روھىي تەربىيىلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. جەمئىيەت تۈزۈمى، ماددى شەرت- شارائىتلار، مەنىۋى تەربيىيىلەر، ئىنسانلارنىڭ روھى ئەخلاقى – پەزىلەتلىرىنى ئۆزگەرتىشتە تاشقى سەۋەب بولۇپ رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button