پىشقەدەم ئۈستازلار

ئابدۇغوپۇر تۇردى ھاجى

كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋراچ، ئابدۇغوپۇر ھاجى 1941-يىلى لوپ ناھىيىسىنىڭ سامپۇل يېزىسىدا مەشھۇر تېۋىپ تۇردى ھاجىم(1859-1987) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.16يېشىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان كېسەل كۆرۈش، كېسەل داۋالاش، ھاۋانچىلاردا ھەر خىل دورا-ئەشيالارنى سوقۇش ھەمدە دورا ياساشتەك ئۆزگىچە تېبابەتچىلىك پائالىيەتلىرى ئۇنىڭدا كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ، مەشھۇر تېۋىپ بولۇپ يېتىشىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپاھ بولۇش ئىستىكىنى پەيدا قىلغان. شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا دادىسى تۇردى ھاجىمغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىشكە كېرىشكەن. ئۇ بىر تەرەپتىن دورا ئەشيالارنى تونۇش، دورا تەييارلاش، دادىسى كېسەل كۆرسە، دورا پۈتۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن نەزەرىيە ئۆگىنىشكە كېرىشىپ، دادىسىنىڭ يېتەكلىشىدە «مىزان تىب» ناملىق ئەسەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. 1964-يىلى سامپۇل يېزىلىق شىپاخانىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دادىسى تۇردى ھاجىمغا ئەگىشىپ تېۋىپلىق قىلىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە، بولۇپمۇ بىر قىسىم جاھىل كېسەللىكلەر ۋە كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش جەھەتتە خېلى مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان. مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، بىر كىشى 16ياش ئەتراپىدىكى ئوغلىنى تۇردى ھاجىمغا كۆرسەتكىلى ئېلىپ كەلگەن. بالىنىڭ چوققىسى پىيالە چوڭلۇقىدا ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، گۆشى لىغىلداپ تۇراتتى. تۇردى ھاجىم بالىنىڭ بېشىنى بىرەر قۇر كۆزەتكەندىن كېيىن، داۋالاشقا كىرىشىپ، دادىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر خىل تالقان دورا تەييارلاپ، ئۇنى بالىنىڭ بېشىدىكى جاراھەتنىڭ ئەتراپىغا سىپىپ چىققاندىن كېيىن، قالغان قىسمىنى بالىنىڭ دادىسىغا بېرىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە كۈندە دورا سېپىشنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇشنى تاپىلاپ، ئىچىدىن ئىچىشكە ھەببى شىڭگىرىف بېرىپ يولغا سالغان. بىر ئايدىن كېيىن ھېلىقى بالىنىڭ بېشىدىكى جاراھەت پۈتۈپ سەرەڭگە قېپىدەك قالغان. مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋلاشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن بالىنىڭ بېشى تولۇق ساقايغان. مۇشۇنداق جاھىل ۋە كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ئابدۇغوپۇر ھاجىم خېلى پىشىپ يېتىلگەن. 1975-يىلى تۇردى ھاجىم خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئابدۇغوپۇر ھاجىم يېزىلىق شىپاخانىدا داۋاملىق ئىشلەپ، ئۆز ئالدىغا كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەڭ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىر قىسىم دورا-ئەشيالارنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، دورا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشقان.
1981-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، دادىسىغا ئەگىشىپ كېسەل كۆرۈش، رېتسىپ يېزىش، كېسەل داۋالاش بىلەن بىرگە، يەنە ئىمىننىياز ئاخۇنۇم، غوجى باھاۋۇدۇن ھاجىم، ئەمەت ھاجىم، ئېلىخان ھەزرىتىم، ئابدۇلھېمىت يۈسۈپ ھاجىم، ئابدۇلھېمىت مۇھەممەت قاتارلىق پېشقەدەم تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتىكى ماھارىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇ مەزگىللەردە داۋاملىق ھالدا «تېببىي ئەكبەر»، «قارابادىن قادىرى»، «دەستۇرۇلئىلاج»، «قارابادىن ئەزەم» قاتارلىق تېببىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ۋە داۋالاش بىلىملىرى جەھەتتە تېخىمۇ يۈكسىلىش ھاسىل قىلغان. ئەنە شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىم سەۋىيەسىنى ۋە داۋالاش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكى، ھەزىم سىستېما كېسەللىكلىرى، پالەچ، خەنازىر(تېرىنىڭ سىرتىغا چىققان لىمفا بەز ئۆسمىسى)، ماي بەز ئۆسمىسى، بالىياتقۇ چىقۇقى، مۇپاسىل، نىقرەس، شېكەر كېسىلى، ئىستىرخا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ كېسەللىكلەرنى روھىي داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەرھىزلەرنى بۇيرۇپ، ئوزۇقلۇقىنى تەرتىپكە سېلىپ، داۋالاش، ھىجامەت قويۇپ داۋالاش قاتارلىق قول ئەمەلىيىتىدە داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
ئابدۇغوپۇر ھاجىم ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ياش ئىزباسارلارنى كەسپىي ئەخلاق ۋە كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ماھارىتى جەھەتتە تەربىيىلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىشلەۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى تايانچ تېۋىپلارغا ئابدۇغوپۇر ھاجىمنىڭ ئەجىر- تۆھپىسى سىڭگەن. ئابدۇغوپۇر ھاجىم خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە دادىسىغا ياردەملىشىپ، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ چىققان. بۇ كىتاپ 1983-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسى تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا باستۇرۇلغان. 2006-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابقا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان 993 دىن ئارتۇق مۇرەككەپ دورا نۇسخىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىكىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن دەرسلىك بولۇپ كەلگەن.
ئابدۇغوپۇر ھاجى كىچىك پىئېل، كەمتەر بولۇپ، كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش جەھەتتە، دادىسى تۇردى ھاجىمنىڭ كەسپى ئىستىلى ۋە ئالىجاناپ تىببىي ئەخلاقنى ئۆرنەك قىلىپ، كەڭ بىمارلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۆيۈنۈپ داۋالاپ، كەڭ خەلىق ئاممىسى ئارىسىدا ياخشى نام قازانغان. ئابدۇغوپۇر ھاجى 2002-يىلى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەل داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىگى ئالىي تېخنىكومى تور بىكىتىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

Back to top button