دورىگەرلىك ئىلمى

دورىلارنى ئەرەق ياسالمىسى بىلەن ئىچىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

ئەرەق ياسالمىسى بىر ياكى بىر نەچچە خىل خام دورىنى ئەرەق چىقىرىش قازىنىدا 1:6 تە سۇ قويۇپ قاينىتىپ، پارغا ئايلاندۇرۇپ ، بۇنىڭغا سوغۇق ئېقىم تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق،تامچىلىتىپ يىغۋېلىنغان سۈزۈك سۇيۇق دورا ياسالمىسى بولۇپ ، كىلىنكىدا كۆپىنچە يالغۇز ئىشلىتىلمەي ،باشقا ياسالما دورىلار بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. دورىلارنى ئەرەق ياسالمىسى بىلەن بىرگە ئىچكەندە شۇ دورىنىڭ تەسىرىنى تېزلەتكىلى ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ، بېرىلگەن دورىنى بەدەننىڭ يىراق چوڭقۇر قىسىملىرىغا يەتكۈزگىلى ، سۇيۇقلۇق تولۇقلاش ئارقىلىق ، بەدەننىڭ ئىمۇنىت كۈچىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىى بولىدۇ.  شۇڭا پېشقەدەم تېۋېپلارنىڭ كېسەل داۋالاش تەجىربىلىرىدە ۋە قەدىمكى تىببىي كىتابلاردا زور كۆپچلىك دورىلارنى ئەرەق ياسالمىلىرى بىلەن ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەمما بۇگۈنكى كۈندە تېۋېپلىرىمىز بۇ خىل ئۇسۇلغا سەل قاراپ ، دورىلارنى قايناقسۇ بىلەن ئىچىش ئادىتىگە ئايلىنىپ قېلىپ ، يۇقىرقىدەك ئارتۇقچىلىقلارنى قولدىن بېرىپ قويىۋاتىدۇ. بىر نەچچە يىللىق كىلىنكىلىق تەجىربىلەرمۇ دورىلارنى ئەرەق ياسالمىلىرى بىلەن ئىچكەندە ھەقىقەتەن يۇقىرقىدەك ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى بولدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا كەڭ كەسىپداشلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلنى كىلىنكىدا قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندە بىر نەچچە خىل كۆپ ئىشلىتلدىغان ئەرەق ياسالمىلارنىڭ كىلىنكىدىكى ئىشلىتىشىنى تونۇشتۇرىمەن.
1. يۈرەك ، قان تومۇر، يۇقىرى قان بېسىم كىشلىرىگە بېرىلدىغان دورىلارنى ئەرقى گاۋزىبان، ئەرەقى بادرەنجى بۇيا ، ئەرەقى بىدىمىشكى، ئەرەقى سەندەل،ئەرەقى سۇمبۇل قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئۈنىمىنى يەنە بىر دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرگىلى بولىدۇ.
2. ھەزىم ېستىمىسدا كېسەللىكلەردىن ئاشاقازان ، جىگەر كېسەللىكلىرىگە بېرىلدىغان دورىلارنى ئەرەقى كاسىنى، ئەرەقى بەدىيان، ئەرەقى سۇمبۇل،ئىت ئۈزۈم ئىرىقى قاتارلىقلار بىلەن ئىچكەندە شۇ بېرىلگەن دورىلارنىىڭ ئۈنۈمىنى يەنە بىر دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
3. قان بۇزۇلىشتىن بولغان كېسەللىكلەرگە بېرىلگەن دورىلارنى ئەرەقى چۆبىجىن، ئەرەقى شاھتەرە ، ئەرەقى سەندەل، ئەرەقى ئۈشبە قاتارلىقلار بىلەن ئىچكەندە شۇ بېرىلگەن دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنە بىر دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرگىلى بولىدۇ.
4. سۈيدۈك يولى سىستېما كېسەللىكلىرىگە بېرىلدىغان دورىلارنى ئەرەقى بەدىيان ، ئىت ئۈزۈم ئەرەقى،ئەرەقى كاكىنەچ، ئەرەقى گۈزەر، ئوغرى تىكەن ئەرەقى قاتارلىقلار بىلەن ئىچكەندە شۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ژورنىلىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button