ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئەزا تەلىماتى

تەبىرى

ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسىرى «كوللىياتى نەفىسى» دەپ «ئەزا خىلىتلارنىڭ جەۋھەر قويۇق قىسمىدىن ھاسىل بولىدۇ ھەم مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، مەشھۇر تېبابەت قامۇسى «ئەلقانۇن فىت تىب» دا ئەبۇئەلى ئىبنىسىنا ئەزا ھاققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىلىتلار ئۇنسۇرلارنىڭ دەسلەپكى قوشۇلۇشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگۈچى جىسىملار بولغىنىدەك، ئەزالارمۇ خىلىتلارنىڭ دەسلەپكى قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولغۇچى جىسىملاردۇر». يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئەزا دېگىنىمىز–خىلىتلارنىڭ قويۇق جەۋھىرى قىسمىدىن ھاسىل بولغان مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك خىزمەتنى بېجىرەلەيدىغان توقۇلمىلارنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەت. ئەزالار–خىلىتلارنىڭ قويۇق جەۋھىرى قىسمىدىن ھاسىل بولغان توقۇلمىلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇئەييەن خىزمىتى ۋە مۇئەييەن مىزاجى بولىدۇ ئىنسانلار تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بەدەندىكى مەخسۇس ئەزالار ئۇلاردىن ماس ھالدىكى خىلىتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. تەبىئىي خىلىتلار بەدەننى دەۋر قىلىپ ئايلىنىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۇچۇچان لەتىف قىسمىدىن ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان روھ شەكىللەنسە، تەبىئىي خىلىتلارنىڭ قويۇق جەھۋەر قىسمى ئەزالارغا بېرىپ ئۆزلىشىپ ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاتنىشىپ ئەزالارنى مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەزالار ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بېجىرىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ سان، سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاتناشمىسا ئەزالارنىڭ نورمال مىزاجى بۇزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە مىزاجى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىلا ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

چۈشەندۈرۈلىشى

ئەزا تەلىماتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەزالار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ھازىرقى زامان ئاناتومىيىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ بىر قىسىم تەرەپلەردە ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارغا ئىگە بولۇپ، ئەزالارنى تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ئاددىي ئەزا ۋە مۇرەككەپ ئەزا دەپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابىتى ئەزالار خىزمىتى ئىلمىنىڭ ھازىرقى زامان فىزىئولوگىيىسىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتى، رولى ۋە ئۇلارنىڭ تەرىپى توغرىسىدىكى قاراش، چۈشەنچىلەرمۇ پەرقلىنىدۇ.

1. ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ئەزا بەدەندىكى ئورنى ۋە تۈزۈلۈشىگە قاراپ يەككە (ئاددى) ئەزا ۋە مۇرەككەپ ئەزالار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. «ئەلقانۇن فىت تىب» ۋە «دەستۇرۇلئلاج» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردىمۇ : «ئەزالار ئاددىي ۋە مۇرەككەپ دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. 1) يەككە ئەزا يەككە ئەزا ھەققىدە مەشھۇر ئەسەر «تېببىي ئاق ساراي» دا: «يەككە ئەزا بولسا ئۆزىگە ئوخشاش پارچىلاردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس بىر ئەزا بولۇپ، ئەڭ چوڭ قىسمىنىڭ نامى بىلەن ئەڭ كىچىك قىسمىنىڭ نامى ئوخشاش بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، «دەستۇرۇلئىلاج»دە : «يەككە ئەزا – بىر خىل توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جىنىستۇر، شۇ سەۋەبتىن سۆڭەك، پەي، گۆش قاتارلىقلار يەككە ئەزا دېيىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، سۆڭەك دېگەندە ئۇ سۆڭەك توقۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. شۇڭا، يەككە ئەزا – رەئىس ئەزالارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا خىزمەت بېجىرىدىغان، تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاددىي بولغان، بىر خىل تەركىبتە تۈزۈلگەن ئەزالاردۇر. ئۇلار سۆڭەك، پەي، كۆمۈرچەك، تارىمۇش، باغلانغۇچ پەي، قان تومۇرلار، كىرگەت پەردە، مۇسكۇل، تۈك، چاچ، تىرناق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 2) مۇرەككەپ ئەزا «دەستۇرۇلئىلاج»دە : «مۇرەككەپ ئەزالار بولسا، پەي، گۆش، تېرە، تومۇر، پەردىلەردىن تەركىب تاپقان ئەزالارنى كۆرستىدۇ» دېيىلگەن. شۇڭا، مۇرەككەپ ئەزا دېگىنىمىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يەككە ئەزالارنىڭ قوشۇلۇشىدىن، بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن ئەزانى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە،تال، قىزىلئۆڭگەچ، يۇتقۇنچاق، كېكىرتەك، ئاشقازان، بۆرەك، دوۋساق، ئاشقازان ئاستى بېزى، تاناسىل ئەزالار، ئۆت خالىتىس، ئۈچەيلەر، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، تىل، لىمفا بەزلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يەككە ئەزالار ھەم مۇرەككەپ ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە بەدەندىكى جايلىشىش ئورنى «ئۇيغۇر تېبابىتى ئەزالار تۈزۈلۈشى ئىلمى»دە بايان قىلىنغان بولغاچقا، بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمىدۇق.

2. ئەزالارنىڭ خىزمىتىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ئەزالار خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ رەئىس ئەزا ، خادىمىي ئەزا، غەيرىي خادىمىي ئەزا دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1 ) رەئىس ئەزا رەئىس ئەزا – ئۆزى نورمال خىزمەت بېجىرەلەيدىغان ھەم باشقا ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك، باشقۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەيدىغان ئەزالاردىن ئىبارەت. ئەبۇ ئەلى ئىبنىسىنا « ئەلقانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرىدە رەئىس ئەزالارنى مۇنداق بايان قىلغان: « رەئىس ئەزالار شەخس ۋە تۈرنىڭ ساقلىنىشىغا زۆرۈر بولغان بەدەندىكى دەسلەپكى قۇۋۋەتلەرنىڭ باشلىنىش مەنبەلىرىدۇر. ئۇلار ئۈچ خىل بولۇپ، يۈرەك ھاياتىي قۇۋۋەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنىدۇر. مېڭە سۈزگۈ – ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنىدۇر. جىگەر – قۇۋۋىتى تەبىئىينىڭ ئورنىدۇر». دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رەئىس ئەزالار مېڭە، يۈرەك، جىگەردىن ئىبارەت ئۈچ ئەزانى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۈچ رەئىس ئەزا روھىي ۋە ھاياتىي قۇۋۋەتلەرنى ساقلايدىغان ئورۇنلار بولۇپلا قالماستىن،

بەلكى ئۇلارنىڭ باشلىنىش مەنبىئىي بولۇپ، ھەربىر ھايات ئىگىسىنىڭ تىرىكلىكى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قېلىش، ئەقلىي، جىما پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، بەلكى خادىمىي ئەزالارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پۈتۈن ئورگانىزمدىكى بارلىق ھاياتىي پائالىيەتلەرنى ئومۇمىي دائىرىدە تەڭشەپ، تولۇقلاپ، تىزگىنلەپ بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلايدۇ.

(1) مېڭە مېڭە بولسا روھىي نەپسانىينىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدىكى بارلىق ھەرىكەتلەر، سەزگۈ پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. مېڭىنى مەركەز قىلغان روھىي نەپسانىينىڭ تۈرتكىسى ۋە قوزغىتىش تەسىرىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان قۇۋۋىتى نەپسانىي قوزغىلىپ، بەدەندىكى بارلىق سۈزگۈ ھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئورگانىزمدىكى ھەرىكەتلەر روھىي نەپسانىينىڭ تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان قۇۋۋىتى نەپسانىي ئىچىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ باشقۇرۇشى ۋە تەسىرى كۆرسىتىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرۇشى ئاستىدا، ئاندىن بارلىققا كېلىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرىكەت سەزگۈنى چوڭ مېڭە پوستىلىقى ۋە كىچىك مېڭە تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھىس – سۈزگۈ قۇۋۋىتى پۈتۈن بەدەندىكى ئىچكى – تاشقى بەش سېزىمنى سېزىدۇ.

ھېس – سەزگۈ قۇۋۋىتى روھىي نەپسانىينىڭ تەركىبىدىن چىققانبولۇپ، ئورنى مېڭىدە بولىدۇ. فىزىئولوەىيىلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ھەر قانداق بىر سېزىمنىڭ پەيدا بولۇشى، ئالدى بىلەن سەزگۈ ئەزالارنىڭ غىدىقلاشنى قوبۇل قىلىشىغا تايىنىدۇ. كېيىن مۇناسىۋەتلىك سېزىم يەتكۈزۈش نېرۋىلىرى بىلەن يۇلۇن ۋە مېڭە غولىدىكى يۇقىرىلاپ ماڭغان نېرۋا باغلاملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ مېڭە پوستىلاق قىسمىغا يەتكۈزۈلۈپ، مۇناسىپ ئورنىدىكى خىزمەت پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭە يەنە ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھەرىكەتلەرنى ۋە ئىچكى – تاشقى بەش سېزىمنى باشقۇرۇپلا قالماستىن ئۆزىدىن چىققان بىر قىسىم نېرۋا تالىرى ئارقىلىق يەنى ھەر خىل ۋېگېتاتىۋ نېرۋىلار ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى ھەم بەز سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بەزلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. يەنى ۋېگېتاتاىۋ نېرۋىلار پاراسىمپاتىك نېرۋا ۋە سىمپاتىك نېرۋا دەپ بۆلۈنگەن بولۇپ، سىمپاتىك نېرۋا قان تومۇرغا نىسبەتەن كېڭەيتىش، يۈرەك سوقۇشنى ئاستىلىتىش تەسىرىنى بېرىدۇ. پاراسىمپاتىك نېرۋا يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىش، قان تومۇرلارنى قىسقارتىش تەسىرىنى بېرىدۇ. سىمپاتىك نېرۋا يەنە نەپەسلىنىش ئەزالىرىغا نىسبەتەن كانايچە سىلىق مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرىدۇ. پاراسىمپاتىك نېرۋا كانايچە سىلىق مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىدۇ. سىمپاتىك نېرۋا – ھەزىم ئەزالىرىدىكى بەزلەرنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تورمۇزلاپ، قورىغۇچى مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، پاراسىمپاتىك نېرۋا ئاشقازان ۋە باشقا ھەزىم ئەزالىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان،

ئۈچەي ھەرىكىتى ۋە ئۆت خالتىنىڭ قىسقىراش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورىغۇچى مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرىدۇ. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، مڭېە ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى نېرۋىلىك جەھەتتىن باشقۇرۇپ تۇرغان بولغاچقا، بەدەندىكى مۇرەككەپ پائالىيەتلەر بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە، جارى بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، مېڭە، رەئىس ئەزا دەپ قارىلىدۇ. (2) يۈرەك يۈرەك روھىي ھايۋانىينىڭ باشلىنىش مەنبىئىي بولۇپ، بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ باشقا ئەزالاردىن بۇرۇنراق تەرەققىي قىلىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز دەۋرىلىك كېڭىيىپ، تارىيىپ ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق قاننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان روھىنى بەدەننىڭ ھەممە قىسىملىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئادەم ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر يۈرەك ھەرىكىتى داۋامىشىدۇ. ئەگەر يۈرەك ھەرىكەتتىن توختىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مېڭە ھۈجەيرىسىمۇ ئۆلۈپ ھاياتلىق ئاخىرلىشىدۇ. دېمەك، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ توختىشى ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۈرەك ھەرىكەتلىنىپ قاننى سىقىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە ئوكسىگېننى قان تومۇرلار ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ، پۈتۈن بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بەدەندە پەيدا بولغان تۈرلۈك كېرەكسىز ماددىلارنى قان ئايلىنىش ئارقىلىق مۇناسىپ ئەزالارغا يەتكۈزۈپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ بەدەننى تازىلاپ تۇرىدۇ. بەدەندە ھاسىل بولغان كېرەكسىز بولغان گازلارنى ئۆپكىگە يەتكۈزۈپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاشقا شارائىت ھازىرلايدۇ. مېڭىنىڭ خىزمىتىمۇ يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىينىڭ مېڭىگە يېتىپ بېرىش ئارقىلىق ئورۇندىلىنىدۇ. مېڭىگە يۈرەك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى جۈملىدىن روھنى تولۇق يەتكۈزۈپ بەرگەندىلا ئاندىن مېڭە ئۆز خىزمىتىنى بېجىرەلەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ئەزالارغا ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بەرگەندىلا ئاندىن ھەر قايسى ئەزالار ئۆز خىزمىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ھاياتلىقنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك مۇھىم بولغان رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

(3) جىگەر جىگەر روھىي تەبىئىينىڭ مەركىزى ئورنى بولۇپ، ئىستېمال قىلىنغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن قان خىلىتى،

بەلغەم خىلىتى، سەپرا خىلىتى ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنى ھاسىل قىلىپ، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ، بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىپ بەدەندىكى ئارتۇق قان خىلىتىنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. جىگەر قان، بەلغەم، سەپرا سەۋدا خىلىتلىرىنى سان ۋە سۈپەتكە لايىق ئىشلەپچىقارغادىلا پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ئەزالار شۇ خىلىتلاردىن ئوزۇقلىنىپ، ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بولۇپمۇ يۈرەكتىن ئىبارەت رەئىس ئەزادىكى روھىي ھايۋانىيمۇ سان سۈپەتكە لايىق ئىشلىنىپ چىققان تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەمىنلىنىشى بىلەن شەكىللىنىپ، ئاندىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇڭا، جىگەر رەئىس ئەزا دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى زامان فىزىئولىگىيىسىدە «جىگەرنى ئەڭ چوڭ ماددا ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى، بەدەندىكى قەنت، ماي، ئاقسىل ، ۋىتامىن قاتارلىقلارنىڭ ئالمىشىشىدا جىگەرنىڭ رولى چوڭ » دەپ تەرىپلىنىدۇ.

2) خادىمىي ئەزا خادىمىي ئەزا – رەئىس ئەزالارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا باشقا ئەزالارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەم باشقا ئەزالارنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرىدىغان ئەزالاردىن ئىبارەت. ئۆپكە، بۆرەك، ئاشقازان، ئۈچەي، تال، ئۆت خالتىسى، نېرۋىلار، قان تومۇرلار، دوۋساق قاتارلىقلار خادىمىي ئەزا بولۇپ، ئۇلار مېڭىدىن چىققان نېرۋىلارنىڭ باشقۇرۇشى، يۈرەكنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىشى، جىگەرنىڭ خىلىت بىلەن تەمىىنلىشى ئاستىدە ئاندىن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بارالايدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە خادىمىي ئەزالار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. (1) ئۆپكە ئۆپكە خادىمىي ئەزا بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوكسىگېننى سىرتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلىش ۋە بەدەندە ھاسىل بولغان CO2نى بەدەن سىرتىدا چىقىرىشتىن ئىبارەت مۇھىم خىزمەتنى يۈرەكنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بېجىرىدۇ. ئۆپكە يۈرەكتىن ئىبارەت رەئىس ئەزانىڭ خىزمىتىگە تايىنىپ، باشقا ئەزالارغامۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەم بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كېكىردەك، كاناي، كانايچىلار ۋە قان تومۇرلارنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆز خىزمىتىنى بېجىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خادىمىي ئەزا دەپ قارىلىدۇ. (2) بۆرەك بۆرەكنىڭ ئورگانىزمدىكى رولى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، قان ئېقىمىدىكى ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكسىز بولغان ماددىلارنى ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتى ئارقىلىق سۈيدۈك سۈپىتىدە ئاجرىتىپ سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى، دوۋساق قاتارلىق ئەزالارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت مۇھىم خىزمەتنى بېجىرىدۇ. لېكىن بۆرەكمۇ يۈرەكتە ھاسىل بولغان روھىي ھايۋانىيدىن ئوزۇقلىنىپ ئۆز خىزمىتىنى جارىي قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا يۈرەكنىڭ قاننى ئايلاندۇرۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئاندىن ئۆز خىزمىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، سۈيدۈك ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، بۆرەك رەئىس ئەزالارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، ئۇلاردىن ئوزۇقلۇققوبۇل قىلىپ باشقا ئەزالارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەم باشقا ئەزالارنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆز خىزمىتىنى جارىي قىلدۇرىدىغان بولغاچقا، خادىمىي ئەزا دەپ قارىلىدۇ.

(3) ئاشقازان – ئۈچەيلەر ئاشقازان – ئۈچەيلەر يۈرەك ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قان سۇيۇقلۇقى بىلەن بىللە يېتىپ كەلگەن جىگەر ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي خىلىتلاردىن ئوزۇقلىنىپ، مېڭىنىڭ نېرۋىلىق باشقۇرشىنى قوبۇل قىلىپ، ئادندىن كېيىن يېمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ۋە پىششىقلاپ كەيلۇس ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىقلاشتۇرۇپ، جىگەردىكى ئىككىنچى ھەزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەمدە ھاسىل قىلغان كەيلۇس ماددىسىنى ئۈچەي ماسارىقا تومۇرلىرىنىڭ ياردىمىدە جىگەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئاشقازان – ئۈچەي جىگەرنىڭ خىلىت ھاسىل قىلىش خىزمىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خادىمىي ئەزا دېيىلىدۇ.

(4) تال تال خادىمىي ئەزا بولۇپ، زاپاس سەۋدا خىلىتىنى ساقلايدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى جىگەر دەرۋازىسىغا بار ىدىغان ۋېنا تومۇردىن باشقا ھەر قانداق ئەزانى ئۆزىگە ۋاسىتە قىلمايدۇ. ئۇ ئادەتتە ئىممۇنىتېتلىق ئەزا بولۇپ، رەئىس ئەزالار خىزمىتى تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋە سەۋدا خىلىتىنى زاپاس ساقلاش رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ. شۇڭا، تال خادىمىي ئەزا دېيىلىدۇ.

3) غەيرىي خادىمىي ئەزا ئۆزى گەرچە روھىي ھايۋانىي بىلەن ئوزۇقلانسىمۇ، ماھىيەتتە مۇستەقىل ئەزا بولۇش لاياقىتى بولمىغان ۋە باشقا ئەزالارنىمۇ بەاشقۇرالمايدىغان ئەزالار غەيرىي خادىمىي ئەزالار دەپ ئاتىلىدۇ. غەيرىي خادىمىي ئەزالار ئادەم ئورگانىزمىنى ئۆزئارا بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ شەكىل جەھەتتىن ئورگانىزمىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش بىلەن تىرىكلىكتىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەرگە ۋاسىتە سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. سۆڭەك، مۇسكۇل، پەي، تارامۇش قاتارلىقلار غەيرىي خادىمىي ئەزا ھېسابلىنىدۇ.

3. ئەزالارنىڭ مىزاجى ئورگانىزمىدىكى ھاياتلىق پائالىيەتلەر ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. توقۇلمىلار بولسا ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. توقۇلمىلار ئەزانى تەشكىل قىلىدۇ. ئەزالار بولسا سىستېمىنى تەشكىل قىلىدۇ. سىستېمىلار بىرلىشىپ مۇكەممەل بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە – جانلىقلار ئورگانىزمنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا ئەزا – توقۇلمىلارنىڭ مىزاجىنى شۇ ئەزا – توقۇلمىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورتاق مىزاجى ۋە دەرىجىسى، يەككە تەننىڭ مىزاجىنى ئەزا – توقۇلمىلارنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەر توپىنىڭ ئورتاق مىزاجى ۋە دەرىجىسى بەلگىلەيدۇ. ھۈجەيرىلەر – ئورگانىزمىدىكى تۆتىنچى ھەزىم جەريانى ئارقىلىق قان ئايلىنىش ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ئۆز تەركىبىگە لايىق بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن ئوزۇقلانغان بولغاچقا مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولىدۇ. ھۈجەيرە – توقۇلما – ئەزالارنى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك بولغاچقا، ئەزالارنىڭ مىزاجى ۋە ئەزانى تۈزگۈچى ھۈجەيرە مىزاجى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنى ئەزالارنى تۈزگۈچى ھۈجەيرە توپىنىڭ مەلۇم مىزاجىدىكى ئەڭ يۇقىرى بەلگىلىنىدۇ. يەنى ئەزالارنى تۈزگۈچى ھۈجەيرە توپىنىڭ مەلۇم مىزاجىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئەزالاردا شۇ خىل مىزاجنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەزالار ئۆز خىزمىتىگە مۇۋاپىقلاشقان مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدىكى خىزمەت پائالىيىتىنى نورمال داۋالاشتۇرىدۇ. ئەگەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەزالارنىڭ مىزاجىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلسە، شۇ ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ماس ھالدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن تاشقىرى، ئەزالارنىڭ مىزاجى – شۇ ئەزانىڭ جايلىشىش ئورنى، تۈزۈلۈشى، ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدىكى ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيەتكە ماسلىشىشچانلىقى، قوشنا جايۇلاشقان ئەزالار ۋە بەدەندىكى ھەر خىل ئاجراتما ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆز خىزمىتىنى نورمال ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنى لايىقلاشقان ئەڭ مۇۋاپىق مىزاجغا ئىگە بولىدۇ. دېمەك ئەزالارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىىك خىزمەت بېجىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كەيپىيات ئەزالارنىڭ مىزاجى دېيىلىدۇ. ھەربىر ئەزانىڭ مىزاجى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجىدا يۈز بېرىدىغان كېسەللىكلەر ئېھتىمالىنى بىلىش، كېسەللىكلەرگە دىئاەنوز قويۇش، داۋالاش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرىنى مەقسەتكە لايىق تاللاش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىەە. تۆۋەندە ئەزالارنىڭ مىزاجى ئايرىم – ئايرىم شەرھىلىنىدۇ.

1.ھۆل ئىسسىق مىزاجدىكى ئەزالار 1) يۈرەك يۈرەكنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك تەرىپلەشكە بولىدۇ.

(1) يۈرەكنىڭ ئەسلىي مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسىمۇ،كېڭىيىپ – قىسقىراش ھەرىكىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن مىزاجدىكى قۇرۇقلۇق پەسىيىپ، ھۆللۈك ئاشقازان. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىسسىق ئەزا ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە «ئەلقانۇن فىت تىب» دا : «بەدەندىكى ئەڭ ئىسسىق نەرسە روھ ۋە روھنىڭ پەيدا بولۇش ئورنى يۈرەكتۇر» دېيىلگەن. «دەستۇرۇلئىلاج»دا بولسا : «ئەزالارنىڭ مىزاجىنى خىلىتلارنىڭ مىزاجى بىلەن بىر – بىرىگە قىياس قىلغاندا، يۈرەك ھەممىدىن ئىسسىقراقتۇر» دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئىسسىق تەبىئەتلىك دور ا- دەرمەكلەر ۋە يېمەكلىكلەردىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ياكى سىرتىدىن ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەنكۆپرەك مايلانسا، ئەڭ ئىسسىق كېلىدىغان ئەزا يۈرەك بۇ يۈرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

(2) يۈرەك بولسا، روھىي ھايۋانىي ۋە قۇۋۋىتىي ھايۋانىينىڭ مەركىزى ئورنى. يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىينىڭ تۈرتكىسىدە قۇۋۋىتى ھايۋانىي قوزغىلىپ،يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراش – كېڭىيىش ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننى روھ بىلەن تەمىنلەيدۇ. روھ ئىسسىق بولۇپ،قۇۋۋەتنىڭ قوزغاتقۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا روھ كۈچلۈك بولسا، قۇۋۋەتمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. يۈرەك بارلىق روھىي قۇۋۋەتلەرنىڭ باشلىنىش ئورنىدۇر. شۇڭا يۈرەكنىڭ مىزاجى ئىسسىق.

(3) يۈرەك مىزاجى توغرىسىدا «كوللىياتى نەپىسى» دېگەن كىتابدا : «يۈرەك تەبىئەت دۇنياسىدىكى قۇياشنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى. قۇياش بولسا پۈتۈكل تەبىئەت دۇنياسىنى يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق ھەم ھەرىكەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۈرەكمۇ ئادەم بەدىنىگە ئىسسىقلىق ھەم ھەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتى يۈرەكتىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى توختىسا بارلىق ئەزالارمۇ ھەرىكەتتىن توختايدۇ» دەپ شەرھلەنگەن.

(4) يۈرەكنىڭ ئەسلىي مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسىمۇ توختىماي كېڭىيىپ – قىسقىراپ ھەرىكەتلىنىپ قاننى ئايلاندۇرۇپ بېرىشتەك خىزمەت پائالىيىتىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن مىزاجى ھۆل ئىسسىققا ماسلاشقان. ئەگەر ئۇنىڭ مىزاجىدا قۇرۇقلۇق كەيپىيات بولسا، ئۇنىڭ كېچە – كۈندۈز قىسقىراپ – كېڭىيىپ ھەرىكەت قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى قۇرۇق كەيپىياتلىق جىسىملارنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن بولىدۇ. يۈرەكنىڭ مىزاجىدا ھۆللۈكنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ نورمال پائالىيىتىگە لايىقلاشقان بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يۈرەك كۆكرەك بوشلۇقىدا ئىككى ئۆپكىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۆپكىنىڭ ھۆل مىزاجىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۆپكىدىن ئوكسىگېن مول بولغان خىلىتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولغاقا، ئۇنىڭ مىزاجى ھۆل بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك كىتابلىرىدىمۇ : «ئۆپكە يۈرەكنىڭ شامالدۇرغۇچىسى، يۈرەكنى يەلپۈپ، ھۆللەشتۈرۈپ سوۋۇتۇپ تۇرىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇلاردىن يۈرەكنىڭ مىزاجىنىڭ ئەسلىي قۇرۇق ئىسسىق بولسىمۇ، ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدىكى خىزمەت ئېھتىياجىغا ماسلاشقان ھەقىقىي مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

(5) يۈرەك بەدەندىكى پۈتكۈل قىزىل قان تومۇرلارنى ۋاسىتە قىلىپ، خىلىتلارنى پۈتۈن بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزۈپ، ھاياتلىق پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاشۇ يۈرەك ۋە قان تومۇرلاردا ئايلىنىۋاتقان ئومۇمىي خىلىتنىڭ 50 پىرسەنتى قان خىلىتى ( زاپاس ساقلىنىۋاتقان خىلىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) بولۇپ، ئۇنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ يۈرەكنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىققا ئۆزگەرگەن.

2 . جىگەر جىگەرنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكىدەك تەرىپلەشكە بولىدۇ. ماددا ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى ۋە «قۇۋۋىتى تەبىئىي»نىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەنت، ماي، ئاقسىل، ۋىتامىن، ھورمون قاتارلىقلارنىڭ ئالمىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئادەم ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇقلاردىن خىلىت ئىشلەپچىقىرىپ نورمال ھاياتلىق پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. جىگەردە قان كاۋاكچىلىرى مول بولۇپ، ئۇلارغا قان سۇيۇقلۇقى تولۇپ تۇرغاچقا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، قانسۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كەيمۇس ياكى خىلىت ھاسىل بولۇش ئۈچۈن ياخشى شەرت شارائىت ھازىرلىنىپ جىگەر ھۈجەيرىسى يېتەرلىك خام ئەشياغا ئاسانلا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىگەر ھۈجەيرىسىدە ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىدىغان قۇۋۋەتلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بەزى قۇۋۋەتلەر پەقەت جىگەردىلا بولۇپ، ئاكتىپچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. جىگەر ئورگانىزمدىكى ئىككىنچى ھەزىمئورنى بولۇپ، ئۈچەي ماسارىقا تومۇرلىرى ئارقىلىق جىگەرگە يېتىپ كەلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى پارچىلاش، بىرىكتۈرۈش، زەھەرسىزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بىئو – خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەرنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كۆپ مىقداردىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنى بەدەنگە قۇيۇپ بېرىدۇ.

(2) جىگەرنىڭ قان ئايلىنىش مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، مىنۇتىغا 1500 مىللىلېتىر، 24 سائەتتە تەخمىنەن 2000 كۇب لېتىر قان سۇيۇقلۇقىنى ئايلاندۇرىدۇ. جىگەردە تەخمىنەن 500 مىڭ دانە جىگەر ئۇشاق بايراقچىسى بولۇپ، تەخمىنەن 250 مىليارد جىگەر ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كۈنىگە 12 ~ 18 گرام ئاقسىلنى سېنتېزلەيدۇ. ئۇنىڭدا تەخمىنەن 100 گرام گىلوكوەىن بولىدۇ. جىگەر قان خىلىتىنى زاپاس ساقلاپ بەدەندىكى قان خىلىتىدىن ئوزۇقلىنىدىغان ئەزالارنىڭ قان خىلىتىغا ئېھتىياجى چۈشكەندە دەرھال ئاجرىتىپ مۇناسىپ ئەزالارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا جىگەردىكى قان ئېقىم مىقدارى كۆپ، جىگەردە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا ۋە جىگەر قان خىلىتىنى زاپاس ساقلىغاچقا جىگەرنىڭ مىزاجىدا ھۆل ئىسسىقلىق ئىپادىلەنگەن.

(3) جىگەر بولسا ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ مەركىزىي ئورنى. ئادەم ئىستېمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇق، دورا – دەرمەكلەرنىڭ ھەممىسى بەدەنگە ئۆزلىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جىگەردىن ئۆتۈشى كېرەك. ئادەم ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىلار تەركىبىدىكى سۇنىڭ مىقدارى باشقا ماددىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئەڭ كۆپ بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جىگەر مىزاجى ھۆل بولىدۇ.

(4) جىگەر جايلىشىش ئورنى جەھەتتىن يۇقىرى قورساق قىسمىغا جايلاشقان. ئۈستى تەرەپتىن دىئافراگما ئارقىلىق ئىسسىق ئەزا بولغان يۈرەككە قوشنا كېلىدۇ ھەم جىگەرنىڭ ئاستىدا ئارتۇق سەپرا خىلىتىنى ساقلايدىغان ئۆت خالتىسى بىلەن قوشنا. شۇڭا يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئىسسىق ئەزالار بىلەن قوشنا بولغاچقا، ئۇنىڭ مىزاجى ئىسسىق بولىدۇ.

3 ) ئۆپكە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىكى بەلغەم خىلىتى ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئۆپكە «بەدىنىدىكى ئارتۇق بەلغەم خىلىتىنى زاپاس ساقلايدۇ ھەمئەسلىي مىزاجى ھۆل سوغۇق بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. لېكىن بەدەندىكى جايلىشىش ئورنى، باشقا ئەزالارنىڭ تەسىرى، خىزمەت پائالىيىتى،قان ئېقىم مىقدارى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆپكىنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىدەك تەرىپلىنىدۇ. (1) ئۆپكە ئورۇن جەھەتتىن كۆكرەك بوشلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئوڭ – سول ئىككى قاناتچە بولىدۇ. ئۇ ئورۇن جەھەتتىنئەڭ ئىسسىق ئەزا يۈرەك ۋە غول ئارتېرىيە بىلەن يېقىن قوشنا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆپكىنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.

(2) ئۆپكە ئۆزىدىكى ئۆپكە ئارتېرىيىسى ۋە ئۆپكە ۋېناسى ئارقىلىق يۈرەكتىن كەلگەن قان سۇيۇقلۇقىنى ئايلادۇرۇپ ئۇنى سىرتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان ھاۋائىي نەسمىي بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ ۋە كېرەكسىز گاز بۇخارات CO2 نى قوبۇل قىلىپ، كېرەكسىز گاز (CO2) نى سىرتقى مۇھىتقا چىقىرىپ ھاۋا بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھاۋانىڭ ھۆل ئىسسىق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئىزچىل ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۆپكىنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق دېيىلىدۇ.

(4) ئۆپكىنىڭ مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىق بولۇشى ئۇنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان. ئۆپكە كېڭىيىپ– تارىيىش ئارقىلىق نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان ئەزادۇر. ئەگەر ئۇنىڭ مىزاجىدا قۇرۇقلۇق مەۋجۇت بولسا، ئۆپكە كېڭىيىپ – تارىيالماي ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ھازىرقى زامان تېببىي پەن فىزىئولوگىيىسىدە : «ئۆپكە ھاۋا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا نەپەسلىنىش ئەزالىرىنى ئۆتكۈزگەن ھاۋانى ئىسسىتىش، نەملەش، تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ» دېيىلگەن. بۇنىڭدىنمۇ شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆپكىنىڭ مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىق بولۇشى ئۇنىڭ نورمال خىزمىتىگە ماسلاشقان بولىدۇ.

4) كۆز كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئورگانىزمىدىكى مۇرەككەپ ئەزالارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئارقىلىق كۆرۈش پائالىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. كۆز – يەتتە قەۋەت پەردە، ئۈچ ھۆللۈك، نۇر ئۆتكۈزگۈچ كاۋاك پەي، قان تومۇرلار ۋە كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى نېرۋىلاردىن تۈزۈلگەن. يەتتە قەۋەت بولسا كۆز تۇتاشتۇرغۇچى پەردىسى، مۈڭگۈز پەردە، ئۈزۈمسىمان پەردە ياكى رەڭدار پەردە، قان تومۇرلۇق پەردە، كۆرۈش تور پەردىسى، ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە، كۆز ئېقىدىن ئىبارەت. ئۈچ ھۆللۈك بولسا – شېشىسىمان ھۆللۈك، كۆز گۆھىرى، تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك ياكى كۆز دالانچا سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت. كۆز مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىق ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكىدەك تەرىپلەشكە بولىدۇ.

(1) كۆزدە قان تومۇرلار ناھايىتى زىچ بولۇپ، قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئىنتايىن مول. كۆز ئارتېرىيىسى بويۇن ئىچىدىكى ئارتېرىيىسىدىن چىقىپ كۆرۈش نېرۋا تۆشۈكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كۆز چانىقىغا كىرىدۇ ھەم تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، كۆز ئالما مۇسكۇلى، ياش بېزى، كۆز ئالما دىۋارى ۋە پېشانە قىسمىدىكى تېرىلەرنى قان سۇيۇقلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۆز ئارتېرىيىىسىنىڭ ئاساسلىق شاخچىسى كۆرۈش تور پەردە مەركىزىي ئارتېرىيىسى بولۇپ، كۆز ئالما كەينى تەرىپىنى تېزىپ ئۆتۈپ، كۆز نېرىپ ئىچى ئالدىدىن مېڭىپ، كۆرۈش نېرىپ تەخسىسى ئورنىدا يۇقىرى – تۆۋەن ئىككى غول شاخچىغا بۆلۈنىدۇ. بۇلار يەنە ھەر بىرى ئىككى شاخچىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئوتتۇرا پەردە قىسمىدا تومۇرلۇق پەردە يېتىلىدىغان بىر قەۋەت پەردە بولۇپ، ئۇ كىرپىكسىمان تەنچە كەينى تەرىپىگە جايلاشقان. ئوتتۇرا پەردىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يۇقىرىقى كۆزنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلىشىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆزدە قان تومۇرلار ئىنتايىن زىچ بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقى بىلەن تەمىنلىنىشى ئىنتايىن مول بولىدۇ. شۇڭا يۈرەكتىن كەلگەن روھىي ھايۋانىيدىن كۆپرەك ئوزۇقلۇقلانغان بولغاچقا مىزاجى ئىسسىق ھەم ھۆل بولىدۇ.

(2) كۆز ئالمىسىنىڭ قوشۇمچە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى بولغان كۆز ئالما مۇسكۇلى كۆرۈش ئەزاسىنىڭ ھەرىكەت ئاپپاراتى بولۇپ، كۆز ئالمىسىنى ۋە قاپاقنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى مۇسكۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆز ئالمىسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى مۇسكۇللار تۆت تال تۈز مۇسكۇل، ئىككى تال قىيپاش مۇسكۇلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ئۇلار قىسقىراش، كېڭىيىش ئارقىلىق كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كۆرۈش پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشۇ. بۇ مۇسكۇللارنىڭ قىسقىراش – كېڭىيىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئېنېرگىيە كېرەكلىك بولىدۇ. شۇڭا كۆزنىڭ مىزاجى ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ.

(3) كۆز مىزاجىنىڭ ئىسسىق بولۇشىنى ئۇنىڭ ئىسسىقلىققا بولغان سەزگۈرلۈكىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا دەرمەكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىمۇ كۆز قېرىش، كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ كەتسىمۇ يەنە كۆز قىزىرىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

(4) كۆز مىزاجىنىڭ ھۆل بولۇشى، كۆزدە قان ئېقىن مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە كۆزدە ئۈچ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. كۆز ئالمىسىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئاپپاراتى مۈڭگۈز پەردە، دالانچە سۇيۇقلۇقى، كرىستال تەنچە، ئەينەكسىمان تەنچە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىكى دالانچە سۇيۇقلۇقى رەڭسىز سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ، كۆز دالانچە ئىچىگە تولۇپ تۇرغان بولىدۇ. كۆز دالانچىسى بولسا رەتسىز بوشلۇق بولۇپ، مۈڭگۈز پەردە كەينى تەرىپى، كرىستال تەنچە كىچىك بەلۋاغ ۋە كىرپىكسىمان تەنچە ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان. كۆز دالانچىسى رەڭلىك پەردە تەرىپىدىن كۆز ئالغا ئالدى دالانچىسى ۋە كۆز ئالما كەينى دالانچىسىغا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئالدى – كەينى ئىككى دالانچە كۆز گۆھىرىگە ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. دالانچە سۇيۇقلۇقى كۆز ئالمىسىنىڭ كەينى دالانچىسىدىن ئۆتۈپ، كۆز گۆھىرىدىن كۆز ئالمىسى ئالدى دالانچىسىغا قۇيۇلىدۇ. دالانچە سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئايلىنىشى كۆز ئىچكى بېسىمىنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكزۈپ بېرىش ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردە بىلەن كرىستال تەنچىنى ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىگە ئىگە. دالانچە سۇيۇقلۇقى كۆز ئىچكى بېسىمىنى تەڭشەيدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا كۆز ئىچكى بېسىمى يۇقىرىلايدۇ ھەم نۇر سۇندۇرۇش ئىقتىدارى بۇزۇلۇپ سۈرەتنىڭ فوكۇس نۇقتىسى بۇزۇلۇپ، كۆرۈش ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. دالانچە سۇيۇقلۇقى كۆز ئالمىسىنى ھۆللەپ، كۆز ئالمىسىنىڭ كۆز چانىقى ئىچىدە راۋان ھەرىكەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇڭا كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل دەپ قارىلىدۇ. دېمەك كۆز ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ كۆزنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتە مەرۋايىت، سۈرمە قاتارلىقلارغا ئوخشاش قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتلىق دورىلار ئىشلىتىىدۇ.

5) مۇسكۇل مۇسكۇلنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللار تۈزۈلۈشى ۋە رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سىلىق مۇسكۇل، يۈرەك مۇسكۇلى ۋە سۆڭەك مۇسكۇلى دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. سىلىق مۇسكۇل ئىچكى ئەزا ۋە قان تومۇر دىۋارىنى تەشكىل قىلىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى يۈرەك ۋە يۈرەك دىۋارىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ قىسقىرىشى ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمىغان بولغاچقا، ئىختىيارسىز مۇسكۇل دېيىلىدۇ. سۆڭەك مۇسكۇلى باش، بويۇن، گەۋدە، مۈچىلەرگە تارقالغان بولۇپ، ئادەتتە سۆڭەككە يېپىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قىسقىرىشى ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغان بولغاچقا ئىختىيارىي مۇسكۇل دېيىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەك مۇسكۇللىرىنىڭ سانى 600 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ھەر بىر پارچە مۇسكۇلدا مەلۇم شەكىل تۈزۈلۈش بولۇپ، مول قان تومۇر تارقالغان. مۇسكۇلنىڭ ئاساسلىق تەركىبىقىسمى بولغان ئاقسىل 25 پىرسەنتىنى، سۇ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاز مىقدار ماي، گىلىكوگېن، نىئورگانىك فوسفات تۇزى قاتارلىقلار بار. پۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللارنىڭ يەنە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ساقلاش ۋە تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىش رولى بولىدۇ. مۇسكۇللار ھەرىكەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، قىسقىراپ، كېڭىيىپ پۈتۈن بەدەندە ھەرىكەت پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇسكۇلنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، سۆڭەك مۇسكۇللىرىنىڭ تىنچ تۇرغاندا 100 گرام مۇسكۇلدىن 2 ~ 3 مىللىلىتىر، ھەرىكەت قىلغاندا 50 ~ 70 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى ئېقىپ ئۆتىدۇ. مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. مۇسكۇللارنىڭ توختىماستىن ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى ئىسسىقلىق يەنى روھقا باغلىق بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن مۇسكۇل مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىق بولۇشىنىڭ تەبىئىي خىزمەتكە ماسلاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

6) يۇتقۇنچاق يۇتقۇنچاق ئالدى – كەينى سەل ياپىلاق، ۋارونكا شەكىللىك مۇسكۇلسىمان نەيچە يول بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان. يۇقىرىقى ئۈچى كاللا ئىچىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئاستى ئۇچى 6 – بويۇن ئومۇرتقىسى تېنى ئاستى قىرى تەكشىلىگەندە قىزىلئۆڭگەچكە تۇتىشىدۇ. يۇتقۇنچاق بوشلۇقى ھەزىم يولى بىلەن نەپەس يولىنىڭ ئورتاق تۇتىشىدىغان يولى بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپ بويىچە بۇرۇن قىسمى، ئېغىز قىسمى ۋە كېكىردەك قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. يۇتقۇنچاق دىۋارىنىڭ شىللىق پەردە قەۋىتىدەمول لىمفا توقۇلمىلىرى بار. مۇسكۇل قەۋىتى توغرا يوللۇق مۇسكۇلدىن تۈزۈلگەن. شۇڭا يۇتقۇنچاقنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇتقۇنچاق ھەزىم قىلىش بىلەن نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئورتاق يولى بولۇپ، بۇرۇن يۇتقۇنچاق قىسمى بىلەن ئېغىز يۇتقۇنچاق قىسمى بۇرۇن بوشلۇقىغا تۇتىشىدۇ. بۇنىڭ شىللىق پەردە تۈزۈلۈشى نەپەس يولىنىڭ شىللىق پەردە تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ. ئېغىز يۇتقۇنچاق قىسمى بىلەن كېكىردەك يۇتقۇنچاق قىسمى بۇرۇن بوشلۇقىغا تۇتىشىدۇ. بۇنىڭ شىللىق پەردە تۈزۈلۈشى نەپەس يولىنىڭ شىللىق پەردە تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ. ئېغىز يۇتقۇنچاق قىسمى بىلەن كېكىردەك يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ شىللىق پەردە قىسمىدا شىللىق سۇيۇقلۇق بېزى ياكى ئارىلاشما بەز ۋەمول لىمفا توقۇلمىلىرى بولۇپ، ئۇلار دائىم سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ يۇتقۇنچاقنى نەمدەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ نەمدەپ تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ ھەمدە يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، مۇسكۇللاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇپ، كېڭىيىپ، قىسقىراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇتقۇنچاقنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق دېيىلىدۇ.

7) قان تومۇر قان تومۇرلار بولسا كۆك قان تومۇر، قىزىل قان تومۇر ۋە قىلقان تومۇردىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇپ، يۈرەككە بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە سىقىپ چىقىرىلىدىغان قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئوكسىگېن ھەم ئوزۇقلۇق ماددىلار جۈملىدىن روھنى پۈتۈن بەدەندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئۇ تەركىبىدە روھىي ھايۋانىي بولغان قاننى ئىزچىل ئايلاندۇرۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.

8) قىزىلئۆڭگەچ قىزىلئۆڭگەچ يېمەكلىكلەرنى توشۇيدىغان مۇسكۇلسىمان نەيچە يول بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يۇقىرى ئۇچى 6 – بويۇن ئومۇرتقا تېنى ئاستى قىرى ئېگىزلىكىدىكى يۇتقۇنچاقتىن باشلىنىدۇ. ئاستىنقى ئۇچى 11 – كۆكرەك ئومۇرتقىسى تەكشىلىكىدە ئاشقازان بىلەن تۇتاشقان. ئۇ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ بويۇن، كۆكرەك، قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بويۇن قىسمى نىسبەتەن قىسقا بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە كاناي ئارىلىقىدا تۇرىدۇ. ئىككى يېنىدا قالقانسىمان بەز، ئىككى يان ياپرىقىنىڭ كەينى قىسمى ھەم بويۇن باش ئارتېرىيىسى تۇرىدۇ. كۆكرەكقىسمى يان ياپرىقىنىڭ كەينى قىسمى ھەم بويۇن باش ئارتېرىيىسى تۇرىدۇ. كۆكرەك قىسمى نىسبەتەن ئۇزۇن، ئالدى يۈزىدە كاناي، ئوڭ – سول شاخچە كاناي ۋە يۈرەك قېپى بار. كۆكرەك ئائورتىسى قىزىل ئۆڭگەچنىڭ سول تەرىپىدە تۇرىدۇ. كۆكرەك بوشلۇقى ئاستى قىسمىغا يېتىپ بېرىپ، كۆكرەك ئاساسىي ئارتېرىيىسى ئوڭغا قاراپ يۆتكىلىپ، قىزىلئۆڭگەچ كۆكرەك ئائورتا سول ئالدى تەرەپ دىئافراگمىدىكى قىزىلئۆڭگەچ تۆشۈكىنى تېشىپ، قىزىلئۆڭگەچ قورساق قىسمىغا سىلجىيدۇ. قورساق قىسمى ئەڭ قىسقا، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر سانتىمېتىر، دىئافراگما ئاستى تەرىپىدە ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. قىزىلئۆڭگەچتە ئۈچ فىزىئولوگىيىلىك تارايغان ئورۇن بار. بىرىنچى تارايغان ئورۇن قىزىلئۆڭگەچنىڭ باشلىنىش قىسمى، ئىككىنچى تارايغان ئورۇن قىزىلئۆڭگەچ بىلەن سول باش كاناي كېسىشكەن ئورۇن، ئۈچىنچى تارايغان ئورۇن قىزىل ئۆڭگەچنىڭ دىئافراگما قىزىلئۆڭگەچ تۆشۈكىدىن ئۆتكەن ئورۇندىن ئىبارەت. بۇ ئورۇنلار يات ماددىلار ئاسان توختاپ قالىدىغان ھەم ئۆسمە ئاسان پەيدا بولىدىغان ئورۇندۇر. قىزىلئۆڭگەچ ئىچكى قىسمىدىكى شىللىق پەردىسى نەم ھەم سىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ شىللىق پەردىلىرى نەيچە بوشلۇققا قاراپ ئۆسۈپ كىرىپ 8 ~ 10 تال تىك پۈرۈكلەرنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ قىزىل ئۆڭگەچنىڭ كېڭىيىشى بىلەن سۇيۇقلۇقلارنىڭ تۆۋەنگە قاراپ ئېقىشىغا ياردىمى بولىدۇ. يېمەكلىكلەر ئۆتكەن ۋاقىتتا پۈرۈكلەر يوقىلىدۇ. مۇسكۇل قەۋىتى بولسا ئىچى ھالقىسىمان، سىرتى تىك ئىككى قەۋەتتىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ يۇقىرى بۆلىكى توغرا يوللۇق مۇسكۇلغا تەۋە. ئوتتۇرا بۆلىكى توغرا يوللۇق مۇسكۇل بىلەن سىلىق يوللۇق مۇسكۇلنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. سىرتقى پەردىسى شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما پەردە بولۇپ، قان تومۇر، نېرۋا مول بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.

9) كىچىك ئۈچەي كىچىك ئۈچەي بولسا ھەزىم قىلىش يوللىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 ~ 7 مېتىر كېلىدۇ. لۆمۈلدەش ھەرىكىتى كۈچلۈك. ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي ۋە يانپاش ئۈچەيدىن ئىبارەت ئۈچ قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. مىزاجى ھۆل ئىسسىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك تەرىپلەشكە بولىدۇ: (1) كىچىك ئۈچەي ھەزىم قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇن. ئاشقازاندا ھاسىل بولغان«كەيلۇس« (تاماق بوتقىسى) كىچىك ئۈچەيدە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى، ئۆت خالتىسىدا زاپاس ساقلانغان سەپرا خىلىتى ۋە ئۈچەي سۇيۇقۇقىنىڭ دەسلەپكى بىئوخىمىيىلىك پىششىقلىشى بىلەن ھەزىم بولۇپ، بەدەنگە شۈمۈرۈلۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقنىڭ كىسلاتا – ئىشقارلىق دەرىجىسى 7.4 ~ 9.4 بولىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، رەڭگى رەڭسىز، سۈزۈك، خۇسۇسىيەت جەھەتتە بەلغەم خىلىتى خۇسۇسىيەتلىك، كەيپىياتى ھۆل سوغۇق بولۇشى مۇمكىن. ئۆت سۇيۇقلۇقى بولسا، سەپرا خىلىتىنىڭ زاپاس ساقلىنىش ھالىتى بولۇپ، كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى ھەزىم قىلىش فىرمېنتلىرى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئاجرىتىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل سۇيۇقلۇقلارنىڭ قۇيۇلۇشى بىلەن ئىنچىكە ئۈچەينىڭ مىزاجى ئىسسىق بولۇشى مۇمكىن.

(2) كىچىك ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى بۆلەكچىلەر ھەرىكىتى بولۇپ،بۇ بىر خىل ھالقىسىمان مۇسكۇلى ئاساس قىلغان رىتىملىق قىسقىراش ۋە كېڭىيىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئۈچەينىڭ بىر بۆلىكىدە بۆلەكچىلەر ھەرىكىتى بولغاندا، بۇ بۆلەكنى ئۈچەي نەيچىسىنىڭ ئۈستىدىكى مەلۇم ئارىلىقتىكى بىر قانچە ئورۇنلاردا ھالقىسىمان مۇسكۇللار ئوخشاشلا قىسقىراپ تاماق بوتقىسىنى نۇرغۇنلىغان بۆلەكلەرگە بۆلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ئەسلىدە قىسقارماقچى بولغان كېڭىيىپ، كېڭەيمەكچى بولغان ئورۇن قىسقىراپ، تاماق بوتقىسىنى پارچىلايدۇ. مۇشۇنداق قايتا – قايتا تەكرارلىنىپ تاماق بوتقىسىنى پىششىقلاپ بارغانسېرى ئۇششاق قىلىپ يۇمشىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ئۈچەينىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ناھايىتى تېز، تارقىلىشى يىراقراق بولغان بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان لۆمۈلدەش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ قىمىرلاش دولقۇنى دېيىلىدۇ. دېمەك كىچىك ئۈچەي مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىق بولۇشى كىچىك ئۈچەينىڭ مۇشۇ خىل لۆمۈلدەش ھەرىكىتىگە ماسلاشقان.

(3) كىچىك ئۈچەي سۇيۇقلۇقى ئاساسەن ئۈچەيدىكى بەزلەردىن ئاجرىتىپ چىققان بىر خىل ئاجىز ئىشقار خاراكتېرىگە ئىگە سۇيۇقلۇقتىن ئىبارەت. كىچىك ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل فىرمېنتلار بولۇپ، ئۇنىڭ رولى ئىككى تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچىدىن، كۆپ مىقداردىكى كىچىك ئۈچەي سۇيۇقلۇقى كىچىك ئۈچەي ئىچىدىكى ھەزىم قىلىش مەھسۇلاتلىرىنى سۇيۇلدۇرۇپ ئۇنىڭ ئوسموس بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن كىچىك ئۈچەي ئىچىدىكى ماددىلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، كىچىك ئۈچەي سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە كۆپ خىل فېرمېنتلار بار بولۇپ، بۇ فېرمېنتلار ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن كىچىك ئۈچەينىڭ مىزاجى ھۆل ھەم ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ. .2قۇرۇق ئىسسىق مىزاجدىكى ئەزالار ئۆت خالتىسى قۇرۇق ئىسسىق مىزاجىدىكى ئەزادۇر. ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆت خالتىسى تۈزۈلۈشىدىلا قۇرۇقلۇقى يۇقىرى بولغان تارىمۇشلاردىن تۈزۈلگەن. گەرچە ئۆت خالتىسىدا سۇيۇقلۇقلار ساقلانسىمۇ ئۇنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ قۇرۇقلۇقى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئۆت خالتىسى تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى «ئوت» نىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى بولغان سەپرا خىلىتىنى زاپاس ساقلايدىغان ئەزا. سەپرا خىلىتىنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولغاچقا،بۇنىڭدىكى قۇرۇق ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى ئۆت خالىتىسىغا تەسىر قىلىدۇ. ئورۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆت خالتىسى جىگەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقاچقا،جىگەرنىڭ ئىسسىقلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق دېيىلىدۇ. .3قۇرۇق سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار چاچ ، تىرناق، سۆڭەك، پەي، تال، دوۋساق، كۆمۈرچەك، نېرۋا، زەكەر، چوڭ ئۈچەي، كېكىردەك، كاناي قاتارلىقلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ ئەزالاردىن بىر قانچىسى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

1) تال تالنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. چۈنكى تال تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى «تۇپراق»نىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى بولغان سەۋدا خىلىتىنى زاپاس ساقلايدىغان ئەزا بولۇپ، سەۋدا خىلىتىنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. ئورۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يۈرەككە يىراق ئەزا بولۇپ، يۈرەكنىڭ ھارارىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ قۇرۇقلۇقى يۇقىرى بولغان تارىمۇشلاردىن تۈزۈلگەن يەنى ئىچكى تورسىمان تېرە سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بەدەندىكى زەئىپلەشكەن، ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنى ۋە يات نەرسىلەرنى يۇتۇش، تازىلاش رولىغا ئىگە. شۇڭا تالنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ.

2) سۆڭەك سۆڭەكڭنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. چۈنكى سۆڭەك – سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، سۆڭەكP,Ca قاتارلىق قۇرۇق سوغۇق مىزاجدىكى ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن. سۆڭەكنىڭ زىچلىقى يۇقىرى بولغاچقا، سۇ ۋە ھەر خىل ھۆللۈكلەرنى ئۆزىگە سۈمۈرۈش ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا سۆكەڭنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.

3) چاچ چاچنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق، چۈنكى چاچ تۈزۈلۈش جەھەتتىن Zn,Ca قاتارلىق سوغۇق مىزاجدىكى تۇپراق خاراكتېرلىك ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. شۇڭا چاچنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق دېيىلىدۇ.

4) دوۋساق دوۋساقنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، تارىمۇشلاردىن تۈزۈلگەن، تارىمۇشلارنىڭ مىزاجىمۇ قۇرۇق سوغۇق ھېسابلىنىدۇ ھەمدە قورساق بوشلۇقىنىڭ ئاستىغا، بەدەندىكى ئىسسىق ئەزالاردىن يىراق جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ۋەبەدەن ئۈچۈن كېرەكسىز بولغان سۈيدۈك ساقلايدىغان ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن مىزاجى قۇرۇق سوغۇق دېيىلىدۇ.

5) تېرە ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك كىتابلىرىدا تېرىنىڭ مىزاجى قۇرۇقلۇققا مايىل مۆتىدىلدەپ قارالسىمۇ،ئەما تېرە تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن كۆپرەك ئوزۇقلىنىپ بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىنى ئوراپ،ئىنسانلارنىڭ شەكىل –سۈپىتىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ھەم سېزىملارنى سېزىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مىزاجى قۇرۇق سوغۇق دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېرە بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ئەزا بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 16 پىرسەنتىەە توغرا كېلىدۇ. تېرىنىڭ ھەجىمى چوڭلردا 1.5 ~ 2 كۋادرات مېتىر، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا 0.21 كۋادرات مېتىر بولۇپ، قېلىنلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە تېرە ئاستىدىكى ماي قاتلىمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قېلىنلىقى تەخمىنەن 0.5 ~ 4 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ – ئۈستۈنكى تېرە، ھەقىقىي تېرە، تېرە ئاستى توقۇلمىسى، تېرىگە تەۋە قوشۇمچە ئەزالار قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. بۇ تۈزۈلۈشلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېرىنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ.

6) قۇلاق ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك كىتابلىرىدا قۇلاقنىڭ مىزاجى سوغۇققا مائىل مۆتىدىل دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇلاق ئاساسلىقى كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن بولغاچقا مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.

.2ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار ئاشقازان، بۇرۇن، ئېغىز، بۆرەك، مېڭە، بالىياتقۇ، تۇخۇمدان، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، يۇلۇن، تىل، بەز قاتارلىقلارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولىدۇ.

1) ئاشقازاننىڭ ئاشقازاننىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ۋە تالدا زاپاس ساقلانغان سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە ئوخشاش بولمىغان نەيچىسىمان بەزلەر بولۇپ، ئوخشىمىغان ئاجرالمىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدىكى بەزلەر شەكلى ۋە خىزمىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ رايونغا بۆلەنگەن بولىدۇ.

(1) ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدىكى بەزلەر: بۇنىڭ ئورنى ئاشقازان تۈۋى بىلەن قىزىلئۆڭگەچ ئۆزئارا تۇتاشقان جايدا بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەنى 1 ~ 4 سانتىمېتىر بولغان بىر ھالقىسىمان رايوندۇر. بۇ جايدىكى شىللىق پەردىلەردىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان، قىسقا ھەم ئەگىرى – بۈگرى نەيچىسىمان بەزلەر سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.

(2) كىسلاتا ئاجرىتىپ چىقارغۇچى بەزلەر: بۇلار ئاشقازان تۈۋى ۋە ئاشقازان تېنى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ يۈز تەخمىنەن پۈتۈن ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن ئىككى ياكى بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ رايوندىكى شىللىق پەردىلەردە زور مىقداردىكى كىسلاتا خاراكتېرلىك ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئاشقازان بەزلىرى بار بولۇپ، بۇ بەزلەر بىر خىل تۈز كاناللىق بەزلەردۇر. ئۇلار ئاساسەن دىۋار ھۈجەيرىسى، ئاساسىي ھۈجەيرە ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ھۈجەيرىسى بولۇپ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(3) ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزىدىكى بەزلەر: بۇلار ئاشقازان كاۋىكى ياكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ شىللىق پەردىلىرى ئىچىدە كىرىش ئېغىزىدىكى بەزلەر بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن چىقىش ئېغىزى بەزلىرى بولۇپ، ئىشقارلىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ،يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان دىۋارىدىكى سىلىق مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئاشقازاندا قىمىرلاش ھەرىكىتى شەكىللىنىدۇ. قىمىرلاش ھەرىكەت دولقۇنى ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدىن باشلىنىپ چىقىرىش ئېغىزى تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇنىڭ چاستوتى ھەر مىنۇتىغا تەخمىنەن ئۈچ قېتىم بولىدۇ. بىر مىنۇت ئەتراپىدا چىقىش ئېغىزى قىسمىغا يېتىپ بارىدۇ. ئاشقازان قىمىرلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر تەرەپتىن يېمەكلىكلەر بىلەن ئاشقازان سۇيۇقلۇقلىرىنى تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ خىمىيىلىك ھەزىم قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرىدۇ ۋە ئېزىدۇ ھەمدە ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنى 12 بارماق ئۈچەيگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىدۇ. ئاشقازان دىۋارىدىكى سىلىق مۇسكۇللارداۋاملىق مەلۇم دەرىجىدىكى ئۈزۈلمەي قىسقىراش ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇپ،ئاشقازاننىڭ ئاستا – ئاستا بوشىنىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي كۈچىيىدۇ.ئاچ قورساق ۋاقتىدا بەكمۇ ئېنىق بولۇپ،ئاشقازاننى بەلگىلىك شەكلىدە ۋە ئورۇندا ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئاشقازاننىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدۇ.

2) بۇرۇن نەپەس يوللىرى گازلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۆتۈش يولىدۇ. ئۇ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كېكىردەك، كاناي ۋە ھەر دەرىجىلىك كانايچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.نەپەس يوللىرىدىكى شىللىق پەردىلەردە شىروزلۇق سۇيۇقلۇق بەزلىرى بىلەن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بەزلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاجراتمىلىرى شىللىقپەردە سىرتقى يۈزىنى يېپىپ ھەمدە نەپەس يوللىرىغا شۈمۈرۈپ كىرگەن چاڭ – توزان ۋە مىكرو ئورگانىزملارنى چاپلاشتۇرۇۋالىدۇ. شىللىق پەردە قەۋىتىدىكى ئىپتىلىيە توقۇلمىلىرى يالغانكۆپ قەۋەتلىك تۈۋرۈكسىمان موي ئىپتىىيە بولۇپ،ئىپتىلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ مويلىرى داۋاملىق قانۇنىيەتلىك ھالدا بەلگىلىك يۆنىلىشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. مويلارنىڭ يەلپۈنۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق چاڭ – توزان ۋە مىكرو ئورگانىزملىق شىلىمشىلىق سۇيۇقلۇقلار بوغۇز قىسمىغا ئىتتىرىلىپ يۇتۇش ئارقىلىق بەدەن سىرتقىغا چىقىرىلىۋېتىدۇ. يەنە بۇرۇن، كۆز كاۋىكى ئارقىلىق ياش خالتىسىدىكى سۇيۇقلۇق بۇرۇن بوشلۇقىدا كىرىپ، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ نەمىكىنى ساقلايدۇ. شۇنداقلا بۇرۇندىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقارغۇچى بەزلەر سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ بۇرۇننىڭ ھۆل سوغۇقلۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە ھاۋانى نەملەشتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن كۆمۈچەكلەردىن سۆڭەكلەردىن، بۇرۇن تۈكچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆمۈرچەكلەر، سۆڭەكلەر، تۈكچىلەرنىڭ سوغۇقلۇق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇرۇننىڭ مىزاجى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ.

3) بۆرەك بۆرەكنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولىدۇ. چۈنكى بۆرەكنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى سۈيدۈك ھاسىل قىلىش بولۇپ، سۇدا ئېرىيدىغان ماددا ئالمىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرى سۈيدۈك شەكلى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ . سۈيدۈك تەركىبىدە تەخمىنەن %95 ~ 97 سۇ، %3 ~ 5 ئېرىگۈچى ماددىلار بولىدۇ. نورمال كىشىلەرنىڭ بىر سوتكا ئىچىدە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سۈيدۈك مىقدارى تەخمىنەن 1000 ~ 2000 مىللىلىتىر بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 مىللىلىتىر بولىدۇ. سۈيدۈك مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلۈكى ئاساسەن ئورگانىزمنىڭ كۈندۈلۈك قوبۇل قىلغان سۇ مىقدارى بىلەن باشقا يوللاردىن چىقارغان سۇ مىقدارىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بۆرەكنىڭ قان ئېقىممىقدارى زور بولۇپ، ئادەتتە بۆرەكتىن ئۆتكەن قان سۇيۇقلۇقنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۆرەك كىچىك شارچىسىدىن ئۆتىدۇ. ئىككى بۆرەكنىڭ قان ئېقىم مىقدارى پەقەت تىنچ ۋاقتىدا بۆرەك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %20 ~ 25 ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ھەر مىنۇتىغا 1200 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى بۆرەكتىن ئۆتىدۇ. ئادەم بەدىنىدە تىنچ ۋاقتىدا بۆرەكقان ئېقىم مىقدارىنىڭ %94 ئەتراپىدىكى بۆرەك پوستىلاق قىسمىغا تەقسىملىنىدۇ. يىلىك قىسمىنىڭ تەمىنلەيدىغىنى بىر پىرسەنتكە يەتمەيدۇ. بۆرەك جايلىشىش ئورنى جەھەتتىن يۈرەكتىن خېلى يىراق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، يۈرەكتىن كېلىدىغان تەركىبىدە روھىي ھايۋانىي بولغان قان سۇيۇقلۇقى بۆرەككە يېتىپ كەلگىچە ھارارىتى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەكتىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قان سۇيۇقلۇقى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ھارارىتىگە قارىغاندا قايتقان قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ھارارىتى تۆۋەن بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن بۆرەكنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدۇ.

4) بالىياتقۇ بالىياتقۇنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئۇ داس بوشلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دوۋساق بىلەن تۈز ئۈچەي ئارىلىقىدا بولىدۇ. سوغۇقلۇق، تۈز ئۈچەينىڭ ھۆللۈك كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بالىياتقۇ دىۋارى تاشقى قەۋەت، ئوتتۇرا قەۋەت، ئىچكى قەۋەت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرا قەۋىتى ئسىلىق مۇسكۇللاردىن تۈزۈلگەن، شۇڭا بالىياتقۇنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق دېيىلىدۇ.

4) مېڭە مېڭە ئورگانىزمىنىڭ پۈتكۈل ھەرىكەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مېڭە پەردىسى قاتتىق مېڭە پەردىسى، مېڭە ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە،مېڭە يۇمشاق پەردىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مېڭە يۇمشاق پەردىسى مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى ھاسىل قىىدۇ. مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى مېڭە قېرىنچىسىدا ئايلىنىپ ماددا ئالمىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى بويۇن ئىچكى ئارتېرىيىسى بىلەن ئومۇرتقا ئارتېرىيىسىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ۋېنا قېنى ئاساسەن بويۇن ئىچكى ۋېناسى ئارقىلىق كاۋاك ۋېناغا قايتىپ كېلىدۇ. مېڭىدىكى قان ئېقىممىقدارى ناھايىتى مول بولۇپ، تەخمىنەن يۈرەكنىڭ مىنۇتلۇق چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ 14 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى يۇقرى ھەم تۇراقلىق بولۇپ،ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بېجىرىش ئۈچۈننۇرغۇن ئېنېرگىيىگە ۋە ئوكسىگېنغا موھتاج بولىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا مېڭە، روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينىڭ مەركىزىي ئورنى بولۇپ، بەدەندىكى بارلىق سۈزەۈ، ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى تەڭشەپ باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت كىلاسسىك ئەسىرى «دەستۇرۇلئىلاج»دا : »بەش خىل سەزگۈ قۇۋۋەتنىڭ جايلاشقان ئورنى مېڭىدە بولغانلىقتىن، ئۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مېڭىنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولىدۇ». « مېڭىنىڭ مىزاجىنىڭ سوغۇق بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ( روھىي ھايۋانىي بىلەن ھارارىتى ئەسلىينىڭ ئىسسىقلىقى داۋاملىق مېڭىگە كېلىپ تۇرغانلىقتىن، مېڭىنىڭ مىزاجىنى نورمال ساقلاش ئۈچۈندۇر ». «مېڭە مىزاجىنىڭ ھۆل بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى – ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئىسسىقلىق تەسىرىدىن مېڭىنىڭ قۇرۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر» دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭا مېڭىنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق دېيىلىدۇ.[0]

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button