ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

تىبابەتچىلىك ساۋادى

ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيەتلىرى جەريانىدا ساقلىقنى ساقلاش، كېسەل كۆرۈش، ئەملەش (داۋالاش)، دورىگەرلىك ۋە مال دوختۇرلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش تىببىي ئىلىم نەزەرىيىسىنىمۇ يەكۈنلەپ چىققان. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزەرىيىسىدە ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئادەم بەدىنىنىڭ ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكى، ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت – قۇۋۋەت، ئوزۇق – قۇۋۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىلمىي قاراش ئالغا سۈرۈلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ قارشى مەركەزلىك ھالدا تۆۋەندىكى ئەمەلىيەت ئۈنۈملىرىدە گەۋدىلىنىدۇ.

1) ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى بويىچە: تېۋىپلىرىمىز ئادەمنىڭ جىسمانىي، مەنىۋى سالامەتلىكىنى كۈچەيتىش، قوغداش، ئادەمنى ئاغرىقنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىبابەتچىلىكنىڭ تۈپ مەقسىتى دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلار شۇ مەقسەتتە:

(1) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە شەخسىي ۋە مۇھىت تازىلىقىغا، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا، ھەرىكەت قىلىشقا، كېسەلنى سەل چاغلىماسلىققا، شاد – خۇرام يۈرۈشكە دىققەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەرغىپ قىلىپ ساقلىقنى ساقلاش ساۋادلىرى، تەۋسىيە – نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوللانما – كىتابلارنى يېزىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە تىببىي بىلىم تارقىتىپ كەلگەن. <سالامەتلىك تېپىلماس دۇنيا>، <تەننىڭ ساقلىقى پادىشاھلىق> دېگەن ماقال تەمسىل ئاشۇنداق تەۋسىيە – نەسىھەتلەرنىڭ مەھسۇلى. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ تەۋسىيە – نەسىھەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئىلمىي ئىخچاملاپ <قۇتادغۇبىلىك> داستانىدا مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:

4615 كېسەل گالدىن كىرۇر، ئۇنى چىڭ كۆزەت،

يېگىن ئاشنى تەڭشەپ، ئاز – ئاز پەقەت.

(2) شەھەر – يۇرتلاردا <دۇرۇت – نىجاد>، <مازايى – ماشايىق>، <جىن – ئالۋاستىنى قوغلاش> نىڭ تەرغىباتچىلىرى – ھۆكۈمالار بىلەن رىقابەتلىشىپ شىپاخانىلار ئېچىپ، ئەملەش ۋە سەييارە ئەملەشنى يولغا قويغان.

)3( ئىز باسار يېتىشتۈرۈشنى جامائەتنىڭ ساقلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە قاراپ شاگىرىت تەربىيلەشنى يولغا قويغان.

)4( ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان كىچىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش رېتسىپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۆي بويىچە ئىگىر، چىلان، دانەكچە، زىرە، موزا، بوزبۇغا، يانتاق شېكىرى )تەرەنجۋىل( قاتارلىق خام دورىلاردىن ئايرىلماس ئادىتى ئومۇملاشقان.

2) داۋالاش بويىچە: كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن. تېۋىپلىرىمىز كېسەل سەۋەبىنى ئادەم مىجەزىدە پەيدا بولغان ئۆزگىرىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، داۋالاش بويىچە <بىر پۈتۈنلۈك> (ئادەم ئەزايىنىڭ ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈكى) نەزەرىيىسى، <ئىسسىق>، <سوغۇق>، <يەل – قوقاق> نەزەرىيىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار شۇ ئاساستا كېسەل كۆرۈش، داۋالاش، دورا ھازىرلاش چارە – تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان:

(1) كېسەل كۆرۈشتە سوراش، تومۇر تۇتۇش، تىلىغا قاراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن.

(2) داۋالاشتا دورا ۋە يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل داۋالاشنى ئادەت قىلغان.

دورا بىلەن داۋالاشتان كېسەل خاراكتىرىگە قاراپ <زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش>، <ئىسسىقنى سوغۇق بىلەن، سوغۇقنى ئىسسىق بىلەن قايتۇرۇش> چارە – تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلگەن. زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش چارىسى بويىچە بەزى ئېغىز ئالماي ئادەم قىينايدىغان ئۆسمە تىپىدىكى ئىششىق، ئاقما جاراھەت قاتارلىق ئاغرىقلارغا كۆكتاش، سىماب، نۆشۈدۈر، زەمچە، تاش سىر قاتارلىق كان – مەدەن ماددىلىرى، يىلان، چايان، كېلە، ئۇچقۇن پاقا قاتارلىق جانلىقلار، كۇچۇلىغا ئوخشاش زەھەر تەركىبلىك ئوت – چۆپ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – مېۋە، يىلتىزلىرىدىن ھازىرلانغان دورا بېرىلىدۇ. ئىسسىقنى سوغۇق بىلەن، سوغۇقنى ئىسسىق بىلەن قايتۇرۇش چارىسى بويىچە ئىسسىق مىجەزلەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن ئاغرىغانلارغا تەبىئىتى سوغۇق، سوغۇق مىجەزلەرگە تەبىئىتى ئىسسىق ئوت – چۆپلەردىن ھازىرلانغان دورا ۋە تەبىئىتى سوغۇق (ئىسسىق) يېمەكلىكلەر بۇيرۇلىدۇ.

يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئادەم ئەزالىرىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى، تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ چىققان بەدەن ئاجىزلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كېسەل خاراكتېرىگە قاراپ ئوزۇقلۇق، شىپالىق رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەر بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش بۇيرۇلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇغداي – قوناق، نۇقۇت – پۇرچاقتىن باشقا يەنە گۆش، قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى، سۈت، تۇخۇم، ئەنجۈر، ياڭاق، بادام – پىستە، ئۆرۈك مېغىزى ۋە شۇ مېغىزلاردىن ھازىرلانغان تالقانلار، توخۇ، چىل، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار – قاناتلارنىڭ گۆشلىرى شىپالىق ۋە بەدەن قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە دەپ قارىلىپ كەم ماغدۇرلۇق، سىل (ئۆپكە كېسىلى)، بۆرەك ئاغرىقى قاتارلىق ئاغرىقلار بېرىلىدۇ. قىزىلگۈل، بىھى، ئانار، سەۋزە، شاتۇت قاتارلىق مېۋىلەردە ئىشلەنگەن قىيام – مۇارببالار نېرۋا، يۈرەك ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە، زىرە، بىدىيان، ئىگىر قاتارلىقلار كەم ئىشتەيلىك، مەيدە سۇسلۇقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بېرىلىدۇ.

گۆشلەر ئىچىدەقوي گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەبىئىتى ئىسسىق، ئۇنىڭدىن قالسا ئات گۆشى، كېيىك، ئارقار، بۆكەن قاتارلىق ھايۋانات گۆشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى، مۈڭگۈز، غولتومۇر قېنى شىپالىق رولغا ئىگە دەپ بەدەن قۇۋۋەتلەشكە بۇيرۇلىدۇ. ئەمما بۇ نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش تەس بولغاچقا ئادەتتە، ئۇنىڭ ئورنىغا قوي گۆشى ئىستېمال قىلىنىدۇ. <قوي گۆشى ئىسسىق، كالا گۆشى سوغۇق، ئۆچكە گۆشى قوقاق> دېگەن ماقال تەمسىل ۋە <تۇغۇتلۇق ئاياللارغا قىرقى ئىچىدە قوينىڭ كاللا – پاقالچىقىنى يېگۈزۈش> ئادىتى شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان.

ئۈگە كېسەللىكلىرى، بەل – پۇت ئاغرىقلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى تاش مىجەز سوغۇقلۇقىدىن، سوغۇق يەلدىن دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق كېسەللىكلەرگە بەدەن سىرتىدىن ئىسسىقلىق قىلىش يەنى قارا قوي ياكى قىرقىلمايدىغان سېرىق ئوغلاق تېرىسىگە كىرىش؛ بوز بۇغا، جويزا، موزىدا دورا تۇتۇش، ئات، قوداي، تۆگە (لوكا يېغى)، ئېيىق يېغى قاتارلىق ياغلارنى سۈرۈش؛ قۇمغا، شورغا كىرىش، ئاپتاپتا يېتىش، ھىڭ، قوۋزاق داچىن، مىقداچىن، پىلپىل، ئاق مۇچ، قارا مۇچ، خاجۇ قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلار ھوردىنىش – يۇيۇنۇش بۇيرۇلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە سۆگەل، تەمرەتكە، قىچىشقاق، ئاق كېسەل قاتارلىق جاھىل تېرە كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى. بۇ كېسەللىكلەرمۇ تازىلىقنىڭ نارچارلىقى، سوغۇق يەلدىن دەپ قارىلىپ قاتتىق پەرھىز قىلىش بۇيرۇلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، داۋالاشتا <قان ئېلىش> ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلغان. تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ، كۆزى، بەدەن ئەزاسى چىڭقىلىپ، قىزىپ ئاغرىغانلارنى <قان قويۇلغانلىق> نىڭ ئالامىتى دەپ پېشانىسى ياكى بىلەك تومۇرىدىن قان ئېلىپ داۋالاپ كەلگەن.

ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىيىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى ۋە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك مۇھىم داۋالاش ئۇسۇلى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى بىلىشكە تېگىشلىك ساۋات شەكلىدە ئىزچىل تەۋسىيە قىلىنىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرى <قۇتادغۇ بىلىك> دە يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ مۇنداق بايان قىلىنىغان:

غىزانى يە ئۆلچەپ، يېمە تولا كۆپ،

ئاقىل بىر ئەزىز سۆز ئېيتتى بۇڭا خوپ :

تولا يېگۈچىنىڭ ئېشى سىڭمىغاي،

ھەزىم بولمىسا ئاش، ھەريان ئاغرىغاي.

كېتەر كۈچ ئەگەر قىلسا ئاغرىق ھۇجۇم،

ئۇنى ئەملەتمىسەڭ ئالدىرىتار ئۆلۈم.

تىلىسەڭ كېسەلسىز ئۆمۈر، ئەي تىگىن،

ئېتى <ئاز يە> دېگەن دورىنى يېگىن.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى تېڭىقچىلىق. تېڭىقچىلار ئادەم ئىسكىلىتىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولغاچ، ئۇلار زەخمىلەنگەن، سۇنغان سۆڭەكلەرنى تېڭىپ ساقايتىشقا ماھىر. ماھىرلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بىر نەچچە يىللىق كونا سۇنۇق ۋە گېپىستە تەكشى تۇتماي قالغان سۇنۇقلارنىمۇ قايتىدىن تېڭىپ ساقايتىدۇ.

3) دورىگەرلىك جەھەتتە: ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئاساسەن ئوت – چۆپتىن ھازىرلانغان دورا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك كۆك تاش، گۈڭگۈرت، سىماب، نۆشۈدۈر، تاش سىر، ئالتۇن، مەرۋايىت، كەھرىۋا قاتارلىق كان – مەدەن مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى، ئىچكى ئەزالىرىمۇ دورىغا سېلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە دورا پىششىق، خام دورا دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. پىششىق دورىلار دورا ماتېرىياللىرىنى سوقۇپ ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەل بىلەن مەلھەم قىلىش، قاينىتىپ شەربەت قىلىش، تالقان قىلىش ئارقىلىق ھازىرلىنىدۇ. خام دورىلار دورا ماتېرىياللىرى بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.

مەيلى قايسى خىلدىكى دورا بولمىسۇن بىر كىشىلىك دورا، دورا ماتېرىياللىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ بىر نەچچە خىل دورىدىن تەييارلىنىدۇ. مەسىلەن، بەرىششا، دۋايىمىسكى قاتارلىق دورىلارنى ئالساق ئۇ ئوتتۇز نەچچە خىل تەركىپ بىرىكمىسىدىن ياسالغان. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇ ساھەدىمۇ ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىرلەر يارىتىلغان.

4) تازىلىق جەھەتتە: ئۇيغۇرلار تازىلىق سۆيەر خەلق. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى: (1) يېمەك – ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تاماق ئېتىدىغان جابدۇق – سايمانلار مەخسۇس بولۇپ، باشقا نەرسىلەرگە ئىشلىتىلمەيدۇ. چىنە – قاچا، قازان – قومۇچ دائىم پاكىز يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. (2) چالا پىشقان ۋە تەمى ئۆزگەرگەن تاماق، نەرسىلەرنى ۋە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان قوي، كالا، ئۇچار – قانات گۆشلىرىنى يېمەيدۇ. (3) چاچ – تىرناقلىرىنى ئۆستۈرمەيدۇ. كۆرۈنگەن يەرگە چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىشنى، ئاممىۋى سورۇن ۋە تاماق ئۈستىدە كېكىرىپ، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، ئوسۇرۇش، بۇرۇن كوچىلاشنى يامان ئالىدۇ. (4) تاماق ئالدىدا ۋە چوڭ – كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدۇ، بولۇپمۇ تاماق ئېتىشتە قول تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇرۇن تۇتمايدۇ، باش قاشلىمايدۇ. (5) چوڭلار ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئادەتتە <غۇسلى قىلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. چوڭلار چوڭ تەرەتتىن كېين سۇ ئىشلىتىدۇ. ئاياللار تەرەت لاتا تۇتىدۇ. (6) ساتىراشخانىلاردا سەرداپ، چوڭ شەھەرلەردە مۇنچا ئومۇملاشقان. (7) ئۆي قېقىش، كىر – قات يۇيۇش دائىملىق ئادەتكە ئايلانغان. كۈندە ھويلا – ئارام، ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش ساۋابلىق ئىش دەپ قارىلىدۇ. (8) كېسەلنى يۇقىدۇ، دېگەن قاراش ئومۇملاشقان. شۇڭا كىشىلەر ئادەتتە، يۇقۇملۇق كېسەلدىن، بولۇپمۇ ۋابادىن بەك قورقىدۇ. شايار، بۈگۈرنىڭ تارىم بويلىرىدىكى ۋە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا تا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە يۇقۇملۇق كېسەل يۈز بەرسە شۇ جايدىن باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىدىغان، كۆچۈپ ماڭغان يولنى مەلۇم جايغا بارغۇچە ئوت – چۆپ بىلەن ئۆنەپ ماڭىدىغان ئادەت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

ئېۋەنسىز نەرسە بولمىغاندەك ئۇيغۇرلاردا قول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلگەندەك پۇت تازىلىقىغا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. گەرچە ناماز ئوقۇيدىغانلار ئاياغ تەرەت ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتنى يۇيسىمۇ، كۆپىنچە پايتىما بىلەن مەسە ئۆتۈك كىيىپ يۈرگەچ ياتاردا (ياز كۈنلىرى يالىڭاياق يۈرگەنلەرمۇ) ئايرىم پۇت يۇيمايدۇ. ناماز ئوقۇمايدىغانلاردا پۇت يۇيۇش پۇرسىتى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. مۇندىن باشقا كىچىك بالىلارنىڭ بېشىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى يېتەرسىز. بالىلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق باش يارىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردا، بولۇپمۇ كەڭ يېزا – قىشلاقلاردا ئۆي بېسىپ دېگۈدەك بىرەر يېرىمدىن مال بېقىش ئادىتى بولغاچ، باققان مالنى ئەتىسى – ئاخشىمى، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئارىلىق ئۆيدە ساقلايدىغان ئادەتمۇ تەڭ مەۋجۇت. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، تىرىشىپ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئادەتلەر جۈملىسىدىن. چوڭ تەرەتتىن كېيىن سۇ ئىشلىتىش، ئاياللارنىڭ تەرەت لاتا تۇتۇش ئادىتى كۆرۈنۈشتە غەيرىي تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، سۇڭ چىقىش (گىموروي) كېسەللىكى ۋە ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېتىرقىنىپ، تەكرار – تەكرار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ھاسىل قىلغان ئۆزىگە خاس نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە چارە – تەدبىرلىرى ئاساسىدا خەلقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ كەلگەن بولسىمۇ،  ئۇزۇن بىر مۇددەت ئېغىر ئېتىبارسىزلىققا ۋە قاتمۇ قات ئىقتىسادىي بوغۇلۇشقا دۇچ كېلىپ، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىمىز توختاپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. كېيىن بۇ ھالەتكە ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالتۇن دەۋر باشلاندى؛ پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى تەشكىلىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەخسۇس كۈچ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تىببىي مىراسلارنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش خىزمىتى ئىشلەندى؛ رايون دەرىجىلىك ئورۇن ۋە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە دۆلەت ئىگىلىكىدە ياتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىلىرى قۇرۇلدى، مىللىي تىببىي تېخنوكوملار تەسىس قىلىنىپ مىللىي، زامانىۋى تىببىي بىلىمگە ئىگە ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئىشى يولغا قويۇلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئىدى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button