ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

كېسەلگە قاراپ دورا تاللاش

1. ھەر قايسى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى، مىزاجى، خۇسۇسىيتى ۋە جايلاشقان ئورنىغا قاراپ شۇ ئەزانىڭ ئۆزىگە مەخسۇس تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش؛ شۇ ئەزالارغا زىيانلىق تەسىرى بار دورا ۋە يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەر بىر ئەزاغا مەخسۇس تەسىر قىلىدىغان دورىلار- تاللانما تەسىرلىك دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل دورىلارنى قەدىمقىلار نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان. ئۇلار مەخسۇس يۈرەككە تەسىر قىلىدىغان دورىلار، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر، تال، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا مەخسۇس تەسىر قىلىدىغان دورىلار قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنى ئىشلىتىشتىمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. مەسىلەن: مىڭە، كۆز، قۇلاق قاتارلىق ئورۇنلارنى تەنقىيە قىلىشتا ھەبىبى قوقىيا، ھەببى ئايارەج، ئىتىرپىل، ئۇستىخۇددۇس، مەتبۇخى ئەفتىمۇن، ھەببى زەھەپ قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنى تازىلاشتا جاۋارىش شەھرىيان، ھەببى تەنكار، ھەببى مەستىكى، مەجۇنى ھىلتېت، مەجۇنى خىيار شەنبەر قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. دېمەك: ھەر قايسى ئورۇننىڭ ئۆزىگە لايىقلاشقان ( تەسىرى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما شۇ ئەزانىڭ خۇسۇسىيتىگە لايىقلاشتۇرۇلغان) دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. پۇت- قول، بوغۇم، تېرە قاتلاملىرىنى تازىلاشتا لوغازىيا بايادەيدۇس، مەجۇنى سۆرۈنجان، مەجۇنى چۆبىنچىنى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. تەڭشەش، تازىلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، شۇ كېسەللىكنىڭ ماھىيتى ۋە باشقا شەرتلەرگە ئاساسەن دورا تاللاش كېرەك. ماددىسىز كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، تەڭشىگۈچى، نورماللاشتۇرۇش (تەئدىل) ئۇسۇلى، ماددىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ماددىنى پۇشۇرغۇچى سۈرۈپ چىقارغۇچى دورىلار قوللىنىدۇ.
2. كېسەل بولغان ئورۇن ۋە كېسەللىك ماھىيتىگە ئاساسەن دورىلار شەكلىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: قان تۈكۈرۈش، قان قەي قىلىشلاردا سوپۇپ (تالقان) دورىلار، قورس (تابلىت- توقاچ) دورىلار قوللىنىدۇ. چۈنكى بۇ شەكىلدىكى دورىلار بىۋاستە قاناش مەنبەلىرىگە يېپىشىپ، قان- تومۇرلار ۋە توقۇلمىلارنى قورۇپ، قاننى ئاساسن توخـىتىشقا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. سوزۇلما كېسەللىكلەر (سەرئى، پالەچ، يەللىك كېسەللىكلەر، بۇۋاسىر) ۋە باشقىلارغا (مەجۇنات خېمىر شەكىلدىكى دورا)لارنى ئىشلەتكەن مۇۋاپىق، ئاشقازان ۋە يۇقىرى ئۈچەيدىكى كېسەللىكلەر مەسىلەن: ئاشقازان، يۇقىرى ئۈچەي توسۇلىشى (ئاشقازان، يۇقىرى ئۈچەي قۇلىنجىسى) دا ئېغىز ئارقىلىق دورا ئىچكۈزۈپ داۋالىغان ياخشى. ئەگەرئىنچىكە، چوڭ ئۈچەي، توغرا ئۈچەي توسۇلۇشى (ئىنچىكە، چوڭ ئۈچەي، توغرا ئۈچەي قولۇنجىسى) ۋە ئۇلارنىڭ باشقا كېسەللىكلىرىدە شۇ كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورىلارنى ئىچكۈزگەندىن تاشقىرى يەنە كىلىزما ئارقىلىق داۋالاىغان ياخشى. مەسىلەن: ھۆقنە ۋە شامچىلار ئىشلەتسە بولىدۇ.
ھەر قانداق بىر ئەزادىكى كېسەللىكنى داۋالىغاندا، مەزكۇر داۋانىڭ باشقا ئەزالارغا بولىدىغان زىيانلىق تەرىپىنى بولۇپمۇ، قوشنا ئەزالارغا بولىدىغان تەسىرىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش كېرەك. شۇنداقلا سۈرۈپ چىقارماقچى بولغان ماددىنىڭ قايسى يول بىلەن چىقىپ كەتسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىغا قاراپ دورا تاللاش كېرەك. مەسىلەن: جىگەردە كېسەللىك پەيدا قىلغان ماددىنى تازىلىماقچى بولساق، ماددىنىڭ جىگەر ئۈستى ياكى ئاستى تەرىپىدە ئىكەنلىكىگە قارىشىمىز لازىم. ئەگەر ماددا جىگەر ئۈستىدە بولسا، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار (مودىررات) بىلەن تازىلاش كېرەك. چۈنكى جىگەرنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە بۆرەك تەرەپكە كېتىدىغان تومۇرلار كۆپرەك بولۇپ، ماددىنىڭ سۈيدۈك يولى ئارقىلىق چىقىپ كېتىشى ئاسانراق بولىدۇ. ئەگەر ماددا جىگەرنىڭ ئاستى تەرىپىدە بولسا، سۈرگە دورىلار بىلەن تەنقىيە قىلىش كېرەك. چۈنكى جىگەرنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئۈچەي يوللىرىغا كېتىدىغان تومۇرلار كۆپرەك بولۇپ، ماددىنىڭ تەرەت يولى ئارقىلىق چىقىپ كېتىشى ئاسانراق بولىدۇ. دېمەك: ھەر قانداق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى تازىلاشتا، شۇ ئەزانىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ماددىنىڭ چىقىش يوللىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ دورا بەلگىلەپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button