ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

قان خىلىتى

ئۇ بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ماددىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قاننىڭ رەڭگى ئوچۇق قىزىل، تەمى تاتلىقراق،مىزاجى ھۆل ئىسىىق بولىدۇ. ئاساسلىق ئورنى يىلىك ۋە جىگەردە. قاننىڭ تەبىئىتى‹ھاۋا› بىلەن ئوخشايدۇ، شۇڭا ھاۋانىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تەرىپلىنىدۇ. قان، يۈرەكنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى، قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ-تارىيىپ تۇرۇشى ئارقىسىدا پۈتۈن بەدەندە دەۋرى قىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. قاننىڭ بەدەنگە نىسبەتەن خىزمىتى ناھايىتى چوڭ . ئۇ، ھەزىم قىلىنىپ شۈمۈرۈلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ بارلىق جايلىرىغا ھەتتا ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرىگىچە ئېلىپ بارىدۇ. سەرپ بولغان ئوزۇقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. قان، ئۆپكىدن ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان ساپ ھاۋا(ھاۋارايى نەسمى)نى پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ بەدەننىڭ ھاياتلىق پائالىيتى جەريانىدا ئايرىلىپ چىققان كېرەكسىز ماددا ۋە بۇزۇق ھاۋا (ھاۋايى دۇخاۋى)نى ئېلىپ كېتىپ ئۆپكە، بۆرەك،تەر تۆشۈكلىرىگە ئوخشاش چىقىرىش ئەزالىرى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ.
قان ئۆزىنىڭ ھۆل ئىسىسقلىقى بىلەن بەدەننى ئىسسىتىپ قۇۋۋەتلىك قىلىدۇ. بەدەن ھارارىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشىغا قانتىشىدۇ ھەمدە بەدەننى ھۆللۈك بىلەن تەڭشەپ تۇرىدۇ.تېرىنى سىلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا رەڭ بېرىدۇ. بەدەننىڭ نورمال خىزمەت پائالىيتىنى تەبىئىي تەرتىپكە سېلىپ تۇرۇشتا مۇھىم خىزمەت قىلىدىغان باشقا خلىتىلارنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېقىتىپ بېرىپ پۈتۈن بەدەننىڭ تېگىشلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزىدۇ.
قان خلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشلەرنىڭ تەبىئىي مىزاجى ھۆل ئىسىىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى-رويى چىرايلىق،قىزىل، خۇشخۇي، ئۆزى قۇۋۋەتلىك،ئورۇق سېمىزلىكى مۆتىدىل،ئۇيقۇسى ياخشى بولىدۇ. تومۇرى يوغان دولقۇنلۇق سالىدۇ. سۈيدۈگى قىزغۇچ كېلىدۇ، كۆپ ھاللاردا تېنى ساغلام بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئادەتتە ‹‹ قان مىزاجلىق›› كىشىلەردەپ ئاتىلىدۇ.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

# سىستېما گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button