ئاياللارساغلاملىقى

بالىياتقۇ مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى

بالىياتقۇ مىزاجى بۇزۇلۇش ياكى بالىياتقۇ خىزمىتىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

  سەۋەبى:
   ھەددىدىن زىيادە ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، قۇرۇقلۇق ياكى ھۆللۈك تەسىرىدىن بالىياتقۇ مىزاجى بۇزۇلۇپ  بالىياتقۇ خىزمىتىدە نورمالسىزلىق بولىدۇ.
   ئالامىتى:
   ھارارەت غەلبە قىلغان ھالەتتە ھەيز ئاز ۋە قويۇق بولىدۇ، قارىغا مايىل قىزىل، سېسىق پۇراقلىق بولىدۇ. بىمارنىڭ بالىياتقۇ ۋە جىنسىي ئەزاسىدا قىزىقلىق سېزىم بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىمۇ ئەرگە بۇ قىزىقلىق سېزىم بىلىنىدۇ. جىگەر ساھەسىدە ئاغرىش سېزىم بولىدۇ، لەۋلىرى قۇرغاق، ئۇسسۇزلۇق كۆپ، ئىشتىھا كەم بولىدۇ، سۈيدۈكى ئاز ، رەڭگى سېرىق بولىدۇ ۋە ئىسسىقلىقنىڭ باشقا ئالامىتى بولىدۇ. سوغۇقلۇق غەلبە قىلغان ھالەتتە ھەيز توختاپ قالىدۇ ياكى مىقدارى ئاز كېلىدۇ، ھەيز قېنى سوغۇق بولىدۇ، رەڭگى ئېقىش قىزىل بولۇپ، بىر بەچچە كۈنگىچە توختىمايدۇ. سۈيدۈكى رەڭسىز، تومۇرى تەرتىپسىز بولىدۇ، ھەزىم بۇزۇلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق بولمايدۇ، بالىياتقۇدا سوغۇقلۇق سېزىم بولىدۇ. ھۆللۈك غەلبە قىلغان ھالەتتە ھەيز كۆپ بولىدۇ، ھەيز قېنى بىلەن بىرگە سۇيۇق ھۆللۈكنىڭ ئېقىشىمۇ كۆپ بولىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى كۆپ ھاللاردا ھۆل تۇرىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولسا ئۈچ ئاي ئىچىدە ھامىلە چۈشۈپ كېتىدۇ.
   داۋالاش پرىنسىپى :
  كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى ئەگەر ھارارەت غەلبە قىلغان بولسا  سوغۇق دورىلار ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.
  يەككە دورا بىلەن داۋالاش :
  1 – رېتسىپ :
  قاپاق مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى، يەرلىك شوخلا، خەشخاش، بىنەپشە ۋە نېلۇپەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بېرىلسە، ھارارەتنى پەسەيتىپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
  2 – رېتسىپ :
  ھەسەل، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن ۋە دارچىندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، بەش گرامدىن ئالتە گرامغىچە ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، سوغۇقلۇقنى يوقىتىپ، مىزاجنى تەڭشەيدۇ.
  3 – رېتسىپ :
  بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، دارچىن ۋە قەلەمپۇردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، ئازراق ھەسەل ئىلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بېرىلسە، بەلغەمنى تەنقىيە قىلىدۇ، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.
   4 – رېتسىپ :
   سۈت، پاقلان شورپىسى، ئۇچار – قانات گۆشى ۋە لوئوقى چىلغوزا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، 10 ~15 گرامغىچە ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، بالىياتقۇ مىزاجىنى نورماللاشتۇرىدۇ.
    5 -رېتسىپ :
   ئۇشەقتىن ئۈچ گرام، قۇندۇز كەھرىدىن ئۈچ گرام، زەپەر ۋە دارچىندىن بىر گرامدىن، ئەنجۈردىن 1.5 گرام ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ، ئىسسىقلىقتىن بولغان بالىياتقۇ كېسەللىكى ئۈچۈن ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن، سوغۇقتىن بولغان بالىياتقۇ كېسەللىكى ئۈچۈن سۇزاپ يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇغا ھۆمۇل قىلىنسا، بالىياتقۇ كېسەللىكى ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.
   مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش :
   1 – رېتسىپ :
   ئەرقى گاۋزىبان (تەركىبى : گاۋزىباندىن بىر كىلوگرام، سۇدىن ئالتە لىتر ئېلىپ، گاۋزىباننى تازىلاپ پار قازىنىغا سېلىپ، سۇنى قۇيۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئەرەق تارتىلىدۇ. ) كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 ~ 50 مىللىلىتىر ئىچىلىدۇ.
   2 – رېتسىپ :
   نېلۇپەر شەربىتى ( تەركىبى : نېلۇپەردىن بىر كىلوگرام، سۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، چالا سوقۇپ، تاسقاپ، پار قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ  پارغا ئايلاندۇرۇپ، تامچىلىتىپ چۈشۈرۈپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بالىلارغا 15 – 20 مىللىمىتىر، چوڭلارغا 40 – 50 مىللىمىتىر ئىچكۈزىلىدۇ.
   3 – رېتسىپ :
   ئانار شەربىتى ( تەركىبى : تاتلىق ئانار سۈيىدىن ئىككى لېتر، ئاچچىق ئانار سۈيىدىن بىر لېتر، شېكەردىن ئالتە كىلوگرام ئېلىپ، تاتلىق ۋە ئاچچىق ئانارنى سىقىپ، سۈيىگە شېكەر قوشۇپ، سۇس ئوتتا ئالتە لېتر قالغىچە قاينىتىپ، قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 25 ~ 35 مىللىلىتىرنى قايناق سۇغا تەڭشەپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   4 – رېتسىپ :
   داۋائى مىشكى ( تەركىبى : زۆرەنبات، دۇرۇنەج، ئەقرەبىي، مەرۋايىت، كەھرىۋا ۋە بىخ مارجاندىن 20 گرامدىن، پىلە غوزىسى، سەزەج ھىندى، سۇمبۇل، قاقىلە كىبار، قەلەمپۇر، ئۆشنە، پىلپىل، زەنجىۋىل ۋە قىزىق بەھمەندىن 20 گرامدىن، ئىپاردىن 8 گرام، ھەسەلدىن 1190 گرام  ئېلىپ، ئىپار بىلەن پىلە غوزىسىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئىپارنى ئايرىم سوقۇپ كۆپۈكى ئېلىنغان خام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئاندىن قالغان دورىلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە كەچتە ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

قۇۋۋەتلىك، ئاسان سىڭىدىغان تائاملارنى يېيىش كېرەك. قىيمىلىق تاماق، كالا گۆشى، بۇسلۇق تاماق، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق يەللىك ۋە غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، سېسىق پۇراقلىق نەرسىلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

نۇرلۇق ھايات ئۇيغۇرتېبابەت دوختۇرخانىسى ئاياللار بۈلىمى .  2014 -08-26

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button