ئەرلەر ساغلاملىقى

مەزى بىزى ئوسمىسى

مەزى بىزى ئوسمىسى
( مەمەت ئمىن )

 

ئەگەر 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە ئىككى سائەتتە بىر قىتىم كىچىك تەرەت قىلىدىغان، كىچىك تەرەتنى توختىتالمايدىغان، كىچىك تەرەت قىلىپ بولۇپ يەنە كىچىك تەرەت قىلغۇسى كىلىدىغان، كىچىدە ئىككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە قوپىدىغان ۋە ياكى كىچىك تەرەت قىيىنلىقتەك ئەھۋاللارنى،  نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغانلاردا بولىدىغان نورمال ئەھۋال دەپ قارىشىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا بۇئالامەتلەرنى مەزى بىزى ئۆسمىسى (İyi huylu prostat hiperplazisi) كەلتۇرۇپ چىقارغان.

 

ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق كىسەل؟ بۇ كىسەل بىلەن تونوشۇش ئۈچۇن ئالدى بىلەن مەزى بىزى بىلەن تونۇشماقلىق لازىم.

 

مەزى بىزى دىگەن نىمە؟

 

مەزى بىزى (prostat) ئەرلەرنىڭ دوۋسىنىڭ توۋەن تەرپىگە ۋە سۈيدۈك يولىنىڭ ئەتىراپىغا جايلاشاقان جىنسى بەز بولۇپ، سۈيدۈك يولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. چوڭلۇقى ئادەم تۇغۇلغاندا 1.5 گىرام ئەتىراپىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەندە 11 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. 25 ياشقا بارغاندا 18 گىرام، 70 ياشقا بارغاندا تەخمىنەن 31 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى جىنسى سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىش بولۇپ، بۇ بەز ئاجىرتىپ چىقارغان جىنسى سۇيۇقلۇق مەنىنىڭ 15% تەشكىل قىلىدۇ. مەزى بىزى تەخمىنەن 50 پارچە ئۇششاق بەزچىلەردىن تۇزۇلگەن بولۇپ، نەيچىلەر ئارقىلىق سۇدۇك يولىغا تۇتۇشىدۇ.

 

مەزى بىزى ئوسمىسى دىگەن زادى قانداق كىسەل؟

 

سۈدۈك يولى ئەتىراپىغا جايلاشقان بۇ بەز ياشنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ يوغۇناپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يوغۇناش يونۇلۇشى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى ئىچكى تەرەپكە يەنى سۈدۈك يولىغا قاراپ يوغۇناش، يەنە بىرى تاشقى تەرەپكە قاراپ يوغۇناش. مەزى بىزىنىڭ بىرىنجى تۇردىكى يوغۇناش نەتىجىسىدە سۈيدۈك يولى تارىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەت قىيىنلىشىدۇ، دوۋسوندىكى كىچىك تەرەتنى پۇتۇنلەي سىيىپ چىقىرۋىتىش قىيىنلىق تۈپەيلىدىن ھەر قېتىملىق كىچىك تەرەتنىڭ مىقدارى ئازلايدۇ، كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن بىر قىسىم كىچىك تەرەت دوۋسوندا قىپ قالىدۇ، بۇ دوۋسىنىڭ ئۇنۇملۇك سىغىمچانلىغىنى كىچىكلىتىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەتنىڭ قىتىم سانى كوپىيىدۇ. بۇ خىل كىسەل ئەگەر ۋاختىدا داۋالانسا يامان ئاقىۋەت ئەكەلمىگەنلىگى ئۇچۇن، ھەمدە مەزى بىزى راكىدىن پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن، ياخشى سۈپەتلىك مەزى بېزى ئۆسمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

 

ئادەم بەدىنى بىر كۈندە 1.5 لىتىردىن 2.5 لىتىرگىچە سۈيدۈك ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، دوۋسىنىڭ نورمال سىغىمچانلىغى 0.5 – 0.6 لىتىر ياكى 500 – 600 گىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ئادەم ئادەتتە 6 سائەتتىن 8 سائەت ئەتىراپىدا بىر قىتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قىتىم كىچىك تەرەت قىلغان كىشى، نورمال ئەھۋالدا كىچىدە كىچىك تەرەتكە چىقمايدۇ. مەزى بىزى ئوسمۇسىگە گىرىپتار بولغان كىشى بىر كىچىدە كەم دىگەندە ئىككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە قوپىدۇ. مۇنداقچە ئەيىتقاندا، ئەگەر ئەرلەر كىچىدە كىچىك تەرەتكە ئىككى قىتىمدىن ئارتۇق چىقسا، مەزى بىزى ئوسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىق ئىھتىمالى يۇقۇرى بولىدۇ. مەزى بىزى راكىدىمۇ بۇ ئالامەتلەر بولغانلىغى ئۇچۇن، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن مەزى بىزى راكىنى ئاساسى ئورۇندا قويۇپ تەكشۇرتۇش كىرەك.  ئەلۋەتتە ياخشى سۇپەتلىك مەزى بىزى ئۆسمىسى راك كىسىلىگە ئايلانمايدۇ، بىراق راك كىسىلى بۇ كىسەل بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇشى ياكى بۇكىسەلگە گىرىپتار بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن راكقا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.

 

قانداق كىشىلەر مەزى بىسى ئۆسمىسىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

 

ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندا مەزى بىزى نورمالدىن يوغۇناشقا باشلايدىغان بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ 50%،  80 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ 80% بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بىراق بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاران 50% دە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كىچىك تەرەت نورمالسىزلىق ئالامەتلىرى بولۇپ، ئاران 25% ئەمىلى داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ.

 

ئەرلەر نىمە سەۋەپتىن بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؟

 

بۇ كىسەلنىڭ ھەقىقى سەۋىبى تىخى تازا ئىنىق بولمىسىمۇ، بىراق كۆپۈنچە مۇتەخەسىسلەر بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ياشانغان كىشىلەردىكى جىنسى ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئەرلىك جىنسى ھورمۇننىڭ رولىنىڭ ئۆزگۈرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

 

بۇ كىسەلنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى ۋە ئاقىۋىتى

 

1.       كىچىدە ئىككى قىتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەت قىلىش
2.       كىچىك تەرەتنىڭ مىقدارى ئازلاپ، قىتىم سانى كۆپىيىپ كىتىش
3.       كىچىك تەرەت قىيىنلىشىش ۋە ياكى سىيەلمەسلىك
4.       كىچىك تەرەتتىن كىيىن سۈيدىكىنى توختىتالماسلىق ۋە ياكى سۈيدۈك تامچىش.
5.       كىچىك تەرەتنى كونتۇرۇل قىلالماسلىق
6.       دوۋسى يوغۇناپ كىتىش ۋە بورەكتە تاش پەيدا بولۇش
7.       بورەك زەيىپلىشىش
8.       بەل تىلىپ ئاغرىش
9.       ئەرلىك جىنسى قابىلىيەت ئاجىزلاش
نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button