ئاياللارساغلاملىقى

ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندا بەدەن شەكلىنى ساقلاشتا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئاياللار بەدىنى بىلەن چىرايىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن 35 ياشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكىدەك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك:
داۋاملىق سۇ ئىچىپ بېرىش. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان سۇ ئىچكەندە تېرىگە، شۇنداقلا ئۈچەينىڭ راۋانلىقىغا پايدىلىق.
رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش.
خىزمەت ۋە باشقا ئېھتىياجلار بىلەن نۇرغۇن ئايال كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىدۇ. رادىياتسىيەنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى ھەرگىز كىچىك چاغلىماسلىق كېرەك.
ۋاقتىدا ئۇخلاش.
ئۇخلىغان ۋاقىتتا بەدەن ئورگانىزملىرى دەم ئېلىش ۋە تەڭشىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. قانغۇچە ئۇخلاش بەدەننىڭ نورمال مېتابولىزمىغا پايدىلىق.
ئۇزاق ئولتۇرماسلىق.
بىر قىسىم ئاياللار تاماق يەپ بولۇپلا ئولتۇرۇش ياكى يېتىشقا ئادەتلەنگەن، بۇنداق بولغاندا، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ئاسانلا سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تېرە بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش.
ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تېرە ئاسراش مايلىرىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم.
گىرىم يۇيۇشتا ئەستايىدىل بولۇش.
بەزى ئاياللار بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇخلاش ئالدىدا يۈزىدىكى گىرىمىنى يۇيۇۋەتمەيلا ئۇخلايدۇ. بۇ تېرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button