ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار

نېرۋىلارنىڭ زىيادە جىددىيلىك سېزىمىنى پەسەيتىپ، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىنى بېرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار دېيىلىدۇ.

   ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر (تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىن كېلىپ چىققان تەرلىك توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى، رېماتىزم، ھامىلىدارلىقتىن بولغان بەل ئاغرىش، باش ئاغرىش، چىش ئاغرىش، ھۆللۈكتىن بولغان يۈرەك رىتىمسىزلىقى، گال ئاغرىقى قاتارلىقلار) ىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسى زىيادە جىددىيلىشىپ سېزىمى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئاغرىق كۈچىيىپ، ئورگنىزمنىڭ نورمال فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى بۇزۇلۇش، ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئاغرىق پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولغاچقا، ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە سەۋەبىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق ياكى ھۆل سوغۇق بولىدۇ. بۇ دورىلار نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، جىددىيلىكنى پەسەيتىش، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، زەخمىلەرنى پۈتتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىنى بېرىدۇ. بۇ خىل خۇسۇسىيەتتىكى دورىلار ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلاردۇر. مەسىلەن: مەجۈنى بەرشىشا، مەجۈنى پولۇنىيا، مەجۈنى داۋائى ئەپيۈن، ھەببى شىپا، خەشخاش گۈلى يېغى، رەۋغىنى موم Ⅰ، رەۋغىنى دەھتۇرە، ئاغرىق توختىتىش زىمادى، زىمادى ئەپيۈن، زىمادى مۇسەككىن، مەتبۇخى مۇپاسىل ھەمدە قۇرسى ئەپيۈن، شەربىتى خەشخاش Ⅱ قاتارلىقلار.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button