ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۆزىنى ئۇۋۇلاپ ساغلاملىقنى ئاسراش ئۇسۇلى

ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يىقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش، بەل-تىز ئاغرىشنى داۋالىغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرىغىمۇ نېرۋىنى تەڭشەش، مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇش، يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش تەسىرىنى كۆرسىتىپ، مۇئەييەن دەرىجىدىكى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ.
ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى كېسەللىكتىن قۇتۇلۇپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشتىكى قەدىمىي ئۇسۇل بولۇپ، ئاددى ۋە ئاسان بولغانلىقى، ئارتۇقچە زېھنىي كۈچ كەتمەيدىغانلىقى، بىمارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئاشۇرمايدىغانلىقى، مۇھىتقا بولغان تەلىپىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى ھەمدە روشەن ناچار تەسىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىمارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.          ئۆزىنى ئۇۋۇلاپ ساغلاملىقنى ئاسراشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم:
(1) ئۇۋۇلاشتىن بۇرۇن چوڭ-كىچىك تەرەتنى پاكىز چىقىرىپ، كەڭ كىيىم كىيىپ، ئازادە بەدەن ھالىتى بىلەن، شۇنىڭدەك خاتىرجەملىك ۋە ۋەزمىنلىك بىلەن مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇش لازىم.
(2) ئۇۋۇلىغاندا ماھارەت ۋە كۈچىنىشكە دىققەت قىلىش لازىم، قول ماھارىتى يىنىك ۋە سىلىق بولۇشى، كۈچ ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولۇشى، يەرلىك ئورۇن ئاغرىماسلىق، بىئارام بولماسلىقنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. تېرىنى كۈچەپ ئىشقىلاشتىن ساقلىنىش لازىم.
(3) ئۇۋۇلاشنى ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەندە ياكى ئۇخلاش ئالدىدا ئېلىپ بېرىش لازىم. قورساق بەك ئاچ، بەك توق چاغدا ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ؛  بەك چارچىغاندا ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ؛ ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ۋە ھامىلىدار مەزگىلىدە ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ.
ئۆزىنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچى خىل ئۇسۇل، ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن چېكە، باشنىڭ يان تەرىپى، فېڭچى پەللىسىدىن مۈرە قىسمىغىچە ئۈچ-تۆت قېتىم مۇجۇش ۋە ئىشقىلاش كېرەك، ئىككى تەرەپتە بىرلا ۋاقىتتا ئۇۋۇلاشقا بولىدۇ. ئاندىن كېين تەرتىپ بويىچە چۈيچى پەللىسى (جەينەك توغرا يوللۇق مۇسكۇلىنىڭ سىرتقى تەرەپ ئۇچىدا، جەينەكنى ئېگىپ، چىزې پەللىسى بىلەن يۇقىرىقى بىلەك سۆڭىكى سىرتقى ئۈستۈنكى ئوشۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان سىزىقىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىدىن پەللە ئېلىنىدۇ)، نېيگۇەن، زۇسەنلى ۋە يۇڭچۇەن پەللىلىرىنىڭ ھەر بىرى بىر مىنۇتتىن بېسىلىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا بىر قولى بىلەن بويۇننىڭ ئارقا قىسمى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە كۈچ بىلەن 20~30 مىنۇت مۇجۇلىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇلنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ قوللانسا بولىدۇ. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، باشقا كىشىنى تەكلىپ قىلىپ پۈتۈن بەدىنىنى ئۇۋۇلاتسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button