بەش ئەزا كېسەللىكلىرى

قۇلاق ئاغرىش

كېسەللىك ھەققىدە

كېسەللىك سەۋەبى

بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەننىڭ مىجەزى بۇزۇلۇش، يەل، ئىسسىق-سوغۇق تەسىر قىلىش، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، قۇلاققا سۇ، ھاشارات ياكى باشقا يات ماددىلار كىرىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قۇلاق ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا ئادەتتە تۆۋەندىكى تۆت چوڭ دائىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ: 1. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز ئۆزگىرىشىنىڭ قۇلاققا يامان تەسىر قىلىشى. 2. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) لىق ئۆزگىرىشىنىڭ قۇلاققا يامان تەسىر قىلىشى. 3. ھەر خىل ئىچكى تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن ئىسسىق ياكى سوغۇق يەل (بۇخار) پەيدا بولۇپ قۇلاققا يامان تەسىر قىلىشى ياكى مېڭىدىكى ئارتۇقچە ماددىلارنىڭ قۇلاققا چۈشۈشى. 4. سىرتقى ئامىللارنىڭ قۇلاققا بولغان يامان تەسىرى، مەسىلەن: ئىسسىق ياكى سوغۇق قۇلاق ئىششىقلىرى، قۇلاققا چىققان ھەر خىل جاراھەت-چاقىلارنىڭ قۇلاققا تەسىر قىلىشى ۋە غەيرىي نەرسىلەرنىڭ قۇلاققا كىرىپ كېتىشى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كونكرېت سەۋەبى

1، مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز ئىسسىقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددا (خىلىت) لىق سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىپ بەلغەم ياكى سەۋدا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

2. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز سوغۇقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددا (خىلىت) لىق سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىپ بەلغەم ياكى سەۋدا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

3. ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن بۇخارلار، پار ئارىلاش ئىسسىق ھاۋا قاتارلىقلار قۇلاققا كىرىپ يەلگە ئايلىنىپ قۇلاق ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك قىزىق سۇ ياكى ئارىشاڭ سۇلىرى قۇلاققا تەسىر قىلىپ قۇلاق ئىچىدە ئىسسىق يەل پەيدا قىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسسىق دورىلارنى قۇلاققا كۆپرەك تاڭغان ياكى تېمىتقانلىقتىن قۇلاقتا ئىسسىق يەل پەيدا بولۇپ قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

4. بەدەندە سوغۇق يەلنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياكى سوغۇق شامالنىڭ زىيادە تەسىرى، سوغۇقلۇقى ئارتۇق سۇنىڭ باشقا كۆپ قۇيۇلۇشى ۋە سوغۇق سۇدا كۆپ چۆمۈلۈش، سوغۇق دورىلارنى قۇلاققا كۆپ تېڭىش ۋە تېمىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشنىڭ ئۇششاق تېرە تۆشۈكچىلىرى تارىيىپ يەللەر تارقىلالماي قويۇق يەلگە ئايلىنىپ قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. مېڭىدىكى ئارتۇقچە ماددىلار ۋاقتىدا تازىلانمىسا قۇلاققا چۈشۈپ يامان تەسىر پەيدا قىلىپ قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. قۇلاقتا يۈز بەرگەن قۇرۇق ئىسسىق خاراكتېرلىك ئىششىق سەۋەبىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

7. قۇلاقتا يۈز بەرگەن ھۆل سوغۇق خاراكتېرلىك ئىششىق سەۋەبىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

8. قۇلاقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل جاراھەت ۋە يىرىڭلىق چاقىلار تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

9. قۇلاققا قۇرۇت، چۈمۈلە، كۇمۇتىغا ئوخشاش كىچىك ھاشاراتچىلار ۋە ياغاچ پارچىسى، كىچىك ئاشلىق دانلىرى، ئۈنچە-مارجان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ كىرىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

10. قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىپ ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمىسە قۇلاقتا ئىششىق پەيدا بولۇپ قىلىپ قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

11. قۇلاق كىرى بولۇپمۇ يىرىڭلىق ئاجرالمىلار قېتىشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتمەي ياكى ئېلىۋېتىلمەي ئۇزۇنغىچە قۇلاق يولىدا تۇرۇپ قالسا قۇلاق يولىنى ئېتىۋېلىش بىلەن بىرگە قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

12. قۇلاق ساھەسى سىرتقى جەھەتتىن زەخىملىنىش، قۇلاق كۆيۈپ قىلىش ياكى ئۈششۈپ قىلىش، قۇلاقتا يۈز بەرگەن كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇلاق ئېقىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قوشۇمچە كېسەللىكلەر، مەسىلەن: قۇلاق سىرتقى ئۆسۈكچىسىنىڭ ۋەرىمى يەنى قۇلاق ئارقا سۆڭەك پەردىسىنىڭ ئاستىغا يىرىڭ يىغىلىش، قۇلاق سېزىم ئەسەبلىرىنىڭ ۋەرىمى، ۋەرىد تومۇرىنىڭ توسۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەرىمى، مېڭە پەردىسىنىڭ قۇلاق مەنبەلىك ۋەرىمى قاتارلىقلاردا شۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرىدىن سىرت ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇلاق ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. [0]

كېسەللىك ئالامىتى

قۇلاق ئىچى ئاغرىش، قۇلاق ئىچى ۋە سىرتى ئىششىش، بەزىدە ئىششىق سەۋەبىدىن ئاڭلاش تەسىرگە ئۇچراش، قۇلاققا قوشۇلۇپ باشمۇ ئاغرىش، بەزىدە ۋاقىتلىق گاسلىق كېلىپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كونكرېت ئالامىتى

1. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز ئىسسىقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددا (خىلىت) لىق ئىسسىقنىڭ ئۆزگىرىپ قان ياكى سەپرا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا باش، يۈز، كۆزلىرى قىزىق بىلىنىدۇ. قۇلاق ئاغرىش بىلەن بىرگە باش ئاغرىيدۇ. سوغۇق نەرسە ۋە سوغۇق نەرسىلەر خۇشياقىدۇ ياكى ئاغرىق پەسىيىدۇ. كۆز ۋە قۇلاق ئەتراپى قىزارغان بولىدۇ. قۇلاقتا ئوت كۆيۈۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. قۇلاق ئىچى ئېچىشىپ بىئارام بولىدۇ. قۇلاقتىن يىرىڭ، كۆزدىن ياش ئاقىدۇ. سەپرادىن بولغانلىرىدا كۆيۈشكەندەك ئاغرىش كۈچلۈك بولمايدۇ، ئەمما باش ئېغىرراق بولىدۇ.

2. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز سوغۇقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددىلىق سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىپ بەلغەم ياكى سەۋدا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىش بىلەن بىرگە قۇلاق، باش ئېغىر بولىدۇ. قۇلاققا ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. قۇلاق بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى ھۆل بولىدۇ. قۇلاقتا قىچىشىش ۋە قىزىللىق بولمايدۇ. ئىسسىق ھاۋا ۋە ئىسسىق نەرسىلەر خۇشياقىدۇ ياكى ئاغرىق پەسىيىدۇ، ئۇيقۇ كۆپ بولىدۇ.

3. ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن بۇخارلار سەۋەبلىك قۇلاق ئاغرىشتا قۇلاق ئاغرىشتىن سىرت ئاشقازان، قورساق قىسمى ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ، قىزىق سۇ ياكى ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ يامان تەسىرى ۋە ئىسسىق دورىلارنى قۇلاققا كۆپ ئىشلىتىشتىن ئىسسىق يەل پەيدا بولۇپ كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىشتىن سىرت باش ئاغرىش، يۈز كۆزلىرى قىزىرىش، كۆپ ئۇسساش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

4. بەدەندە سوغۇق يەلنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياكى سوغۇق شامالنىڭ زىيادە تەسىرى، سوغۇقلۇقى زىيادە سۇنىڭ باشقا كۆپ قۇيۇلۇشى ۋە سوغۇق سۇدا كۆپ چۆمۈلۈش، سوغۇق دورىلارنى قۇلاققا كۆپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىش بىلەن بىرگە باش يەڭگىلرەك ئاغرىيدۇ ھەمدە باش ئېغىر بولىدۇ، قۇلاق غوڭۇلدايدۇ. باشقا ئىسسىق سۇ قۇيۇلسا ئاغرىق پەسىيىدۇ. بەزى ئاغرىقلاردا كۆڭۈل ئېلىشىش، شۆلگەي ئېقىشتەك ئالامەتلەرمۇ بولىدۇ.

5. مېڭىدىكى ئارتۇقچە ماددىلار قۇلاققا چۈشۈپ پەيدا بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىشتىن سىرت باش ئېغىرلىشىپ ئاغرىيدۇ. قۇلاققا ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.

قۇلاق ئاغرىش6. قۇرۇق ئىسسىق خاراكتېرلىك ئىششىقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق قاتتىق لوقۇلداپ ئاغرىيدۇ، بېشى ۋە پېشانىسىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ، يۈزى قىزىرىدۇ. قۇلاق تۆشۈكىدىكى ئىششىقتا قۇلاقتىكى ئاغرىش كۈچلۈك بولمايدۇ. ئىششىق ئېغىز ئالغاندا ئاڭلاش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئاغرىشمۇ تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ، باشقا يامان ئاقىۋەتلەرمۇ كېلىپ چىقمايدۇ. لېكىن ئىششىق قۇلاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسا ئېغىرراق كېسەللىكلەرنى، كۆپىنچە سەرسام (مېڭە پەردە ياللۇغى) ئوخشاش قوشۇمچە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىقىنڭ ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. بۇ خىلدىكى قۇلاق ئاغرىشتا داۋاملىق قىزىتما پەيدا بولىدۇ. ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا ئاغرىق كۈچىيىپ ئاغرىق ھوشىدىن كېتىش، ئەقلىدىن كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.

7. ھۆل سوغۇق خاراكتېرلىك ئىششىقتىن پەيدا بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئانچە قاتتىق ئاغرىمايدۇ، قۇلاق سوغۇق بىلىنىدۇ.

8. قۇلاقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل جاراھەت ۋە يىرىڭلىق چاقىلاردىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا قۇلاق ئانچە قاتتىق ئاغرىمايدۇ، قۇلاق سوغۇق بىلىنىدۇ.

9. قۇلاققا قۇرۇت، چۆمۈلە، كۇمۇتىغا ئوخشاش كىچىك ھاشاراتلار كىرىپ كېتىشىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا ئاغرىقنىڭ قۇلىقىدا بىر نەرسە ماڭغاندەك قىمىرلاش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، قۇلاق قىچىشىدۇ. قۇلاق ئاغرىش ھاشارات مىدىرلىغاندا كۈچىيىدۇ، مىدىرلىمىسا پەسىيىدۇ. بەزىدە قۇلاقتىن شۇ ھاشاراتلار چىقىپ كەتسە ئاغرىش توختايدۇ. ياغاچ پارچىسى، كىچىك ئاشلىق دانچىلىرى، ئۈنچە-مارجان قاتارلىق نەرسىلەر كىرىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان قۇلاق يېقىمسىزلىنىپ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.

10. قۇلاققا سۇ كېرىپ كېتىشتىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، سۇغا چۆمۈلگەن ياكى مۇنچىغا چۈشكەن تارىخى بولىدۇ. قۇلاققا سۇ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن قۇلاقتا ئېغىرلىشىش، غوڭۇلداش يۈز بېرىپ بارا-بارا ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.

11. قۇلاق كىرى بولۇپمۇ يىرىڭلىق ئاجرالمىلار قېتىشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتمەي ياكى ئېلىۋىتىلمەي ئۇزۇنغىچە قۇلاق يولىدا تۇرۇپ قېلىپ قۇلاق يولىنى ئېتىۋىلىشتىن بىرگە كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاغرىش بولمايدۇ، بەلكى قۇلاق پۈتۈپ قالغاندەك بولۇپ بارا-بارا قۇلاق ئاڭلاش سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ،. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاستا-ئاستا قۇلاق يېقىمسىزلىنىپ ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

12. قۇلاق ساھەسى سىرتقى جەھەتتىن زەخىملىنىش، قۇلاق كۆيۈپ قىلىش ياكى ئۈششۈپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا، زەخىملىنىش، كۈيۈپ قىلىش، ئۈششۈپ قىلىش تارىخى بولىدۇ ھەمدە بۇ كېسەللىكنىڭ مۇناسىپ يەرلىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. ئەسلى كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكىگە ئاساسەن قۇلاق ئاغرىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.

باشقا كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا، شۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرى بولغاندىن سىرت، شۇ كېسەللىكىنىڭ ئېغىر يەڭگىللىك دەرىجىسىگە ئاساسەن قۇلاق ئاغرىشنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قۇلاق ئاغرىش يۈز بەرگەندە قۇلاقنى قالايمىقان كولىماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن قۇلاق پەردىسى تېشىلىپ، قۇلاق ئاغرىش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: سىركە 30 مىللىلىتىر، گۈل يېغى، تاتلىق بادام يېغى 15 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا خاس ياغ قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.

2-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: تۇرۇپ سۈيى 600 مىللىلىتىر، كۈنجۈت يېغى 200 مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇرۇپ سۈيىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن سۈيى تۈگىگىچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.

3-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: ئاچچىقتاۋۇز 75 گىرام، تاغ پىيىزى، غارىقۇن، سوقمونىيا، قارا خەربەق، ئۇشەق، ئۈستقۇدرىيۇن 12 گىرامدىن، سېرىق ئوت، مۇقىل، سەبرە سۇقۇترى، كامازىرىيۇس 5. 7 گىرامدىن، ھاشا (تاغ يالپۇزى) ، رۇمبەدىيان، سازەج ھىندى، ياۋا تاغ كۈدىسى ئۇرۇقى، پەرپىيون، ھۇماما، زەنجىۋىل، جۆئدە، سەلىخە، ئاقمۇچ، جاۋاشىر، قۇندۇز قەھرى، سۇمبۇل، پەتەر ئاسالىيۇن، ئۇزۇن زىراۋەندە، ئەمەن ئوسارىسى ئالتە گىرامدىن، جېنتىيانا، ئۈستىقۇددۇس ئۈچ گىرامدىن، ھەسەل 850 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ، 40 كۈن ساقلاپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button