ساغلاملىق بىلىملىرى

كەم قانلىقنىڭ سەۋەپلىرى

. ئاشقازان ،ئۇچەي كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدۇ . ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان ياللۇغى ، ئاشقازان راكى ،ئۈچەي ياللۇغى .ئۈچەي سىلى ،سوزۇلما ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللكلەردە ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق ھەزىم بولماي ياكى تولۇق سۇمۇرۇلمەي كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ .
2. جىگەر كېسەللكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدۇ .ھەرخىل جىگەر كېسەللكلىرى سەۋەبىدىن جىگەرنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلانى بىرىكتۈرۈش ۋە خىلىت ئىشلەش خىزمىتى تەسىر گە ئۇچۇراپ ،جىگەر سان – سۇپەتكە لايىق خىلىت ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ،نەتىجىدە سەرىپ بولغان قان خىلىتى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ تۇرمىغاچقا ،تەدىرىجى قان ئازلىقنى كەلتۇرۇپ چېقىرىدۇ .
3. تال كېسەللكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدۇ .ھەرخىل تال كېسەللكلىرى تەسىرىدە تالنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى پارچىلاش ئېقتىدارى كۈچىيىپ كېتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن قان تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىپ بولغان قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئازىيىپ كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ .
4 .ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدۇ. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتەرلىك بولغان تەقدىردىمۇ تەركىبىدە تۆمۇر ۋە ۋىتامىن B12يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چېقىدۇ.
5 . ھەرخىل قاناشلىق كېسەللكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدۇ.يەنى ئۆپكە سىلى ،كېزىك ،تولغاق ،بوۋاسىر ،ھەيىز كۆپ كېلىش ،ئاشقازان-ئۈچەيلەردىكى قاناش ،سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق لېسەللكلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرشى نەتىجىسىدە كۆپلەپ قان يۇقىتىش بولۇپ ، بىرلىك مىقداردىكى قان سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ .قان ئازلىق كېلىپ چېقىدۇ.
6. سىرىتقى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدۇ.ھەرخىل سىرىتقى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن چوڭ قاناش يۈز بەرگەندە كۆپلەپ قان يوقىتىش بولۇپ قان ئازلىق كېلىپ چېقىدۇ.
7. يېلىكتىكى كېسەللكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدۇ.يىلىك .ئۆسمىسى ،يىلىك سىلى قاتارلىق كېسەللكلەردە يىلىكنىڭ قان ئىشىلەش خىز مىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ،سەرىپ قىلىنغان قاننىڭ ۋاقتىدا تولۇقلىنىپ تۇرماسلىقى سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ .

(نۇرلۇق تېببى بىلىملەر تورى)

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button