ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

تېرىگە ئېلىپ داۋالاش

تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى دېگەنلىك- يېڭى سويۇلغان قارا ئوغلاقنىڭ ئىسسىق تېرىسىگە بىمارنىڭ مىزاجىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان دورىلارنى سوقۇپ تېرە ئۈستىگە تەكشى سەپكەندىن كېيىن، بىمارنى مەزكۇر تېرىگە چىڭ يۆگەپ بىر سائەت ئەتراپىدا ياتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.

 

مۇندەرىجە

  • 1چۈشەندۈرۈش
  • 2تۇلۇق چۈشەندۈرۈش
  •  تېرىگە ئېلىپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى
  • تېرىگە ئېلىپ داۋالاشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى
  • 3 تېرىگە ئېلىپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
  •  تېرىگە ئېلىپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر
  • تېرىگە ئېلىپ داۋالاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

1چۈشەندۈرۈش

تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تارىخىي ئۇزۇن بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزى يەڭگىل، كېسەلگە زىيانلىق تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قان ئازلىق ، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى دېگەنلىك- يېڭى سويۇلغان قارا ئوغلاقنىڭ ئىسسىق تېرىسىگە بىمارنىڭ مىزاجىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان دورىلارنى سوقۇپ تېرە ئۈستىگە تەكشى سەپكەندىن كېيىن، بىمارنى مەزكۇر تېرىگە چىڭ يۆگەپ بىر سائەت ئەتراپىدا ياتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. تېرىگە ئېلىشتا ئاساسلىقى يۇڭى قىرقىلمىغان، قارا ئوغلاق ياكى قارا ئىرىك پاقلان تېرىسى ئىشلىتىلىدۇ . بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر تىۋىپلىرى قەدىمدىن تازتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىق، قۇۋۋەت ئاجىزلىقتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە تا بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىپ كېلىنىۋاىتدۇ.

2تۇلۇق چۈشەندۈرۈش

 تېرىگە ئېلىپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى

1. تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا تېرىنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرىدە توقۇلما ۋە ئەزالارنىڭ تېمپىراتۇرىسى مۇئەييەن دەرىجىدە يۇقىرىلاپ قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇننىڭ ۋە ئومۇمىي بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشى ياخشىلىنىدۇ .

2. تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا بەدەندە يىغىلىپ قالغان بۇزۇق ماددىلار جۈملىدىن غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇلۇش ۋە سوقۇلۇشتىن بولغان ئاغرىق، قان ئازلىق پەسەيتكىلى بولىدۇ .

3. دورىلىق تېرىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى قولللانغاندا دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش ئۈنۇمىنى ئاشۇرۇپ ، بەدەننىڭ سوغۇقلۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلىرىنى ئۇنۇملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ.

تېرىگە ئېلىپ داۋالاشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى

1. دورىسىز تېرىگە ئېلىپ داۋالاش بۇنىڭدا تېرىسىنى ئىشلەتمەكچى بولغان ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ ناھايتى تېز سويۇپ، تېرە قىزىقلىقى سوۋۇپ بولغۇچە تېرىنى ئىسسىق ھالدا بىمارنىڭ بەدىنىگە بىۋاسىتە يېپىپ ، ئۈستىدىن بىرەر ئەدىيالغا ئوخشاش نەرسە بىلەن يۆگەپ قويىلىدۇ ، ئەگەر قىش پەسلى بولسا يوتقاندا يۆگەپ قويۇلسىمۇ بولىدۇ . يۆگىلىپ يېتىش ۋاقتى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر سائەت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ .

2. دورىلىق تېرىگە ئېلىپ داۋالاش بۇنىڭدا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا جويۇز، بوزبۇغا ، زەنجىۋىل ، ئېگر قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى تېز سۈرئەتتە سويۇۋېلىنغان ئىسسىق تېرىگە سېپىپ ، مەزكۇر تېرە بىمارنىڭ بەدىنىگە يېپىلىدۇ . بۇ ئۇسۇلنىڭ سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە قارىتا ئۇنۈمى ناھايىتى ياخشى، مەسىلەن، سوغۇقتىن بولغان رېماتىزم ۋە ھەر خىل چوڭ – كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى، سوغۇقتىن بولغان بەل ئاغرىش ، ئەرلەر جىنسىي ئاجىزلىقى ، يېڭى توغۇتتىن قوپقان، يېڭى كېسەلدىن قوپقان ، تۈرمىدە ئۇزۇن يېتىپ قالغان ، ماغدۇرسىزلىق ۋە بىر قىسىم يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىگە قارىتا دورىلىق تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى.

3 تېرىگە ئېلىپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 تېرىگە ئېلىپ داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر

تېرىگە ئېلىپ داۋالاشقا ئاساسلىقى قان ئازلىق ، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق كېسىلى ھەم ھەر خىل سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەردىن چوڭ – كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى ، بوغۇملاردىكى ئىششىق ۋە يەل، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى ، ئايالللار كېسەللىكلىرىدىن سوغۇقتىن بولغان بەل ئاغرىقى ، ھەيز قالايمىقانلىشىش ، دوۋسۇن ۋە يىرىق ئاغرىقى ، ئاق خۇن كېسەللىكى قاتارلىقلار مۇۋاپىق كېلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سوزۇلما بۆرەك كېسەللىكى ، پۇت – قوللار قولىشىش كېسەللىكى ، سۇڭەك ۋە گۆشلەرنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى قاتارلىقلار ھەم ئۇرۇلۇش ۋە سوقۇلۇشتىن بولغان ئاغرىقلار، قان ئازلىقتىن بولغان ئاغرىقى ، پەي چۆچۈش كېسىلى بارلار، كېسەلدىن يېڭى قوپقانلار، يېڭى تۇغۇتتىن قوپقان ئاياللار قاتارلىقلارغا تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ .

تېرىگە ئېلىپ داۋالاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

1) سوغۇق ھاۋادا تېرىگە ئالماسلىق يەنى تېرىگە ئالىدىغان ئورۇن ياكى ئۆينىڭ ھاۋاسى ئىللىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ھەمدە بوران-چاپقۇنلۇق، يامغۇرلۇق كۈنلەردە تېرىگە ئېلىشقا بولمايدۇ ، تېرىدىن چىققاندىن كېيىن سوغۇق تەگكۈزۈپ قويماسلىق كېرەك .

2) ئسىسىقتىن بولغان يۈرەك كېسىلى بارلار، قان بېسىمى يۇقىرىلار ھەم باشقا ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلەر تېرىگە ئالماسلىق كېرەك .

3) توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى ئېغىر بولغانلار ھەم بەدەننىڭ ھەرقانداق بىر ئورۇندا قاناش ئەھۋالى بولغانلارغا قارىتا تېرىگە ئېلىپ داۋاالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

4) بوۋاق بالىلارنى ھەم بەك ياشىنىپ بەدىنى ھەددىدىن زىيادە ئاجىرلاپ كەتكەنلەرنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاشقا بولمايدۇ .

5) بىر قىسىم جىددىي كېسەللىكلەر ( كانايچە زىققىسى ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلار) ھەم تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (جىگەر ياللۇغى، قىزىل ، گۈرەن بېزى ياللۇغى . . . قاتارلىقلار)نى تېرىگە ئېلىپ داۋالاشقا بولمايدۇ.

6) تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ۋاقتىنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، بەرداشلىق بېرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك . ئادەتتە نورمال بولغاندا بىر سائەت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ .

7) چاپلىنىدىغان تېرە ھايۋان تېنىدىن ئاجرىتىۋېلىنىدىغان بولغاچقا ، ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان كېسەل بولماسلىقى كېرەك.

8) تېرە ئۈستىگە سېپىلىدىغان دورىلار بەك ئىسسىق، ئۆتكۈر دورىلار ۋە زەھەرلىك دورىلار بولماسلىقى كېرەك

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button