ئاياللارساغلاملىقى

بالىياتقۇ تاشقى پەردە ياللۇغى

بۇ بالىياتقۇنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردە ياللۇغلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

   سەۋەبى :
  بالا چۈشۈپ كېتىش ياكى بالىياتقۇ ئاجىزلاپ قېلىش، ھەيز كۈنلىرىدە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، ھەيز توختاپ بالىياتقۇ يىغىلىپ قېلىش ياكى سىزلام، سىبلىس زەھەرلىك ماددىنىڭ كېسەل تېنىدە بولىشى، تۇخۇمدان ياكى تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن بالىياتقۇ ياكى تۇخۇمداندا ئۆسمە شەكىللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى :
   بۇ كېسەل ئۈچ خىل ھالەتتە كۆرۈلىدۇ :
   1 . بالىياتقۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەزالارغا چاپلىشىپ قالىدۇ.
   2 . بالىياتقۇ پەردىلىرىدە ئوفۇنەتلەنگەن ماددا يىغىلىپ قالىدۇ.
   3 . بالىياتقۇ پەردىلىرىدە يېرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.
      ئەگەر  كېسەل ئۆتكۈر بولسا تىترەتكۈچى قىزىتما بولىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ ۋە كۆپ قۇسىدۇ، ئەۋرەت قىسمىدا قاتتىق ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ. بېسىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىش كۈچىيىدۇ. كېسەل داۋاملىق پۇتىنى يىغىپ ياتىدۇ، پۇتىنى سۈنسا ئاغرىش ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئېغىزنىڭ تەمى ئاچچىق، ئىشتىھا كەم، ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ، قورسىقى كۆپۈپ قالىدۇ ( يەرلىك ئورۇندىن قان سېزىپ چىقىپ داس بوشلۇقىغا يىغىلىپ قالغاچقا، ئەۋرەت قىسمى كۆپۈپ قالغان بولىدۇ ) ، ئەگەر بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى ئەزالار بىلەن چاپلىشىپ قالغان بولسا، كېسەل ئورنىدىن قوزغىلالمايدۇ. داۋالاش پرىنسىپى :
سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك .
   يەككە دورا بىلەن داۋالاش :
   1 – رېتسىپ :
   يەرلىك شوخلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم،  50 مىللىمىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ياللۇغ  قايتۇرىدۇ.
   2 – رېتسىپ :
   بىنەپشە، ئۆشبە ۋە ئاق لەيلى ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇن كۈندە ئىككى  قېتىم ھوردىتىپ بېرىلسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
   3 – رېتسىپ :
   سېمىزئوت ئۇرۇقى، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى ۋە كاسىنە  ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قايناتمىدا يەرلىك ئورۇن كۈندە ئىككى قېتىم يۇيۇپ بېرىلسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
   4- رېتسىپ :
   قىزىلگۈل، سانا، ئاق لەيلىگۈلدىن يەتتە گرامدىن، خيارشەنبەردىن 24 گرام ئېلىپ، قايناق سۇدا دەملەپ، ئۈستىگە يەتتە دانە بادام مېغىزىنىڭ شىرنىسىنى قوشۇپ كۈندە ئىككى قېتىم، 30 مىللىمىتىردىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ.
   5 – رېتسىپ :
   ئاق لەيلىگۈل، نېلۇپەرگۈلى، بابۇنەگۈلى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىكلىلمىلىك، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى ۋە زىغىر .ۇرۇقىدىن 12 گرامدىن، ئارپا، كىپەك ۋە قىزىلگۈلدىن 24 گرامدىن، قەنت چامغۇرىدىن 120 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قاينىتىپ، دورىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە بىمارنى بىر سائەتكە قەدەر ئولتۇرغۇزىپ بەرگەرندە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
   مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش :
   1-  رېتسىپ :
   ئەرقى شوخلا ( تەركىبى : شوخلىدىن 100  گرام، سۇدىن 500  مىللىمىتىر ئېلىپ، پارلاندۇرۇلقان سۇيىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئۈچ قېتىم، 50  مىللىمىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   2 -رېتسىپ ؛
   خېمىرى بىنەپشە  ( تەركىبى :   بىنەپشىدىن سەككىز كىلوگرام، ئاق شېكەردىن 30  گرام  ئېلىپ، شېكەرنى قىيام قىلىپ، ئۇنىڭغا سوقۇپ تەييارلانغان بىنەپشىنى سېلىپ خېمىر قىلىپ ) كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10  گرامنى گاۋزىبان ئەرقى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
   2 – رېتسىپ :
   ئەرقى گاۋزىبان ( تەركىبى : گاۋزىباندىن بىر كىلوگرام، سۇدىن ئالتە لېتر ئېلىپ، گاۋزىباننى تازىلاپ پار قازىنىغا سېلىپ، سۇنى قۇيۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئەرەق تارتىلىدۇ. ) كۈندە ئۈچ قېتىپ، ھەر قېتىمدا 20 – 50 مىللىمىتىردىن ئىچىلىدۇ.
   4- رېتسىپ :
   مەجۈنى پولۇنىيا ( تەركىبى : زەپەردىن 100 گرام، بادام مېغىزىدىن 60 گرام، ئەپيۈندىن 40 گرام، سۇ ئىلەپتىن 36 گرام، قىزىل بەھمەن، جۇزبۇۋا، بەسبانە ۋە بەدىياندىن 30 گرامدىن، خۇلىنجان، دارچىن، ئۇد بىلسان ۋە ئاق بەھمەن 20 گرام، ئىپاردىن 15 گرام، قارىمۇچ، بەزرۇل بەنجى، پەرپىيۇن، سۇمبۇل، ئاقىر قەرھا، زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، ئەنبەر ۋە كۈمۈش ۋەرەقتىن 10 گرام، ئاق شېكەردىن بىر كىلوگرام،ئاق ناۋاتتىن 1.25 كىلوگرام، ھەسەلدىن ئىككى لېتر ئېلىپ، قۇرۇق دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋات شىرىسىدە ئېرىتىلگەن ئەپيۈننى سېلىپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلدە قەيام قىلىپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن 1.5 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
   كالا گۆشى، لازا، تۇخۇم قاتارلىق يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاناقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button