قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان كۆز قارشى
قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان كۆز قارشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ھازىرقى ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريە ئاساسلىرى قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنى تۇنۇشتىكى دەسلەپكى نۇقتئىنەزەرلىرىنى ئاساس قىلغان.يەنى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەسلى ئاساسى ماددا،ماددى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ماددى قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ھىس قىلىش، ھادىسلەرنى توغرا كۈزىتىش ۋەئۇلاردىن ئالغان تەسىرات،چۈشەنچىللىرىنى توغرا تەھلىل قىلىش ۋە ئەمىلى سىناقلاردىن ئۆتكۈزىش ئارقىلىق پەيدا بولغان.
بۇنىڭ مۇنداق ئىككى پاكىتى بار:
1)ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىدائى تۇرمۇش شارائىتى ۋە ياشاپ كەلگەن جايلىرىنىڭ مۇھىت شارائىتى ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىنىڭ يات پىكىرلەر بىلەن بۇلغانمىغانلىغى ۋە تەبىئى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.
2)ئۇيغۇرلار پەيدا بولغان ياشاپ كەلگەن جايلار،تەبىئى شەرت-شارائىتى ياخشى ماكانلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئۇلار تەبىئەت ھادىسلىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى. ئۇلار يەر شارىنىڭ شىمالى موتىدىل بەلۋىغىدا ۋە تۆت پەسىل (ياز، ئەتىياز، كۈز، قىش) ناھايىتى روشەن، پەسىللەر ئۆز ۋاقتىدا باشلىنىپ ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدۇ. كۈندىزى ئىسسىق، كىچىسى سوغۇق بۇلىدىغان، قار، بوران كۆپ چىقىدىغان، ئىقىن، دەريا، كۆللەر، تاغ، يايلاق، ئورمانلىق، قۇملۇقلار خىلى كۆپ ساننى ئىگەللىگەن ۋە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ بولغان ماكانلار بولغاچقا، ئۇلار ھەر سائەت،ھەر مىنۇت تۇرلۇك تۇمەن تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرشى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا نىسبەتەن ئىيىتقاندا كۆپرەك بولغان.ئۇلار دائىم تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىش ئارقلىق ئۆلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا مەجبۇر ئىدى.ئۇلار يازنىڭ ئىسسىق، قىشنىڭ سوغۇق،ئەتىياز بىلەن كۈز پەسلىنىڭ موتىدىل ھاۋاسى قاتارلىق تەبىئەت خۇسۇسىيەتلىرىنى بۇرۇنراق تۇنىغان.
ئۇيغۇرلار بىرىنچى بۇلۇپ 12 مۇچەل(12يىل) ۋە تۆت پەسىل كالىندارى ئۈستىدە مۇكەممەل چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلغان.
ئۇيغۇرلار ئاسماندىكى قۇياشنىڭ پۈتۇن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتىغا تەسىر ئۆتكۇزۇپ تۇرىدىغانلىغىنى بايقاپ،ئۇنىڭغا پەۋقۇللاددە چوقۇنغان،ئۇلار قۇياشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ھارارىتىنىڭ كۆيدۈرۈش، قۇرۇتۇش، تارتىش،تىپىش،ئىسسىتىش، پىشۇرۇش ۋە ھەركەتلەندۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ، ئۇنى ئادەتتىكى ئوتقا ئوخشاتقان.ئوتمۇ يۇقۇرقىدەك خۇسۇسىيەتلەرنى بىرىدۇ دەپ قاراپ ئوت قۇياشنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى بۇلۇشى مۈمكىن،دەپ قاراپ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىغى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ماددا دەپ تۇنىغان. ئۇلار يەنە ھاۋانىمۇ تۇنىغان،سۇنىمۇ تۇنىغان،تۇپراقنىمۇ تۇنىغان.
دىمەك ئۇلار تەبىئەتتىكى بۇ تۆت چوڭ ماددا (ئوت،ھاۋا،سۇ،تۇپراق) تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاساسى قۇرلۇشى ئۈچۈن چوڭ تۆت تۈۋرۈك بۇلۇپ،ئەگەر بۇ تۆت تۈۋرۈكنىڭ بىرى بولمىسا تەبىئەت دۇنياسى بەرپا بولمايدۇ،تۇرالمايدۇ،دەپ چۈشەنگەن.
شۇڭا بىز قەدىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان كۆز قارشى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتى زىچ باغلىنىشلىق،ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىريىسى قەدىنقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان دەيمىز.خۇلاسىمىز شۇكى قەدىنقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدىكى ئەسلى كۆز قاراشلىرىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئەمىلىيەتتە ھىچ قانداق ئاساس يوق.ئۇ، ماددى دۇنيادىن ئىلىنغان ۋە دىئالىكتىك ماتىريالىزىملىق كۆز قاراشلارنىڭ توغرا ئىنكاسى.ئۇنى ئەسلى كۆز قاراش ئۇسۇلى بىلەن تىخىمۇ ئىلگىرلەپ تەھلىل ۋە تەتقىق قىلساق يەنە يىڭىلىقلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريىسىنىڭ خەزىنىسى تىخىمۇ بىيىشى مۈمكىن.