ئاياللارساغلاملىقى

بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھى رەھمى)

 كىسەللىك تونۇشى :
بالياتقۇ بوينى زىدىسى بولسا ئاستاخاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىداكۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل پاتولوگىيلىك كىسەللىك ئۆزگىرشى ،سىرتتىن كۈزەتكەندە ئۈستۈنكى تىرە ئاستىدىكى ئۇششاق قان تۇمۇرلارئاشكارلىنىپ توق دانچىسىمان قىزىل رەڭگە كىرىدۇ،بۇ خىل ئەھۋال بالىياتقۇ بوينى زىدىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبى:
بالىياتقۇ بوينى زىدىلىنىشى بالىياتقۇ بوينى ئاجىرالمىلىرى كۆپەيگەندە تەڭگسىمان ئۇستۇنكى تېرە ناھايتى تېزلا ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ .نەتىجىدە شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى غەيرى تەبىئى ئۆزگەرگەن خىلىتلار يەرلىك ئۇرۇن توقۇلمىسنى چىرىتىپ تەڭگىسىمان ئۈستۈنكى تىرىنىڭ تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇندىن باشقا تۇغۇت ،بويىدىن ئاجراش، ھاملىنى سۈنىئى ئۇسۇلدا قىرىپ چۈشۈرۈش،بالياتقۇ چىقۇقى قاتارلىقلاردا زەخمىلىنىشتىنمۇ زىدىلىنىش پەيدا بولىدۇ.
ئالامەتلىرى :
ئاق خۇن كۆپىيىدۇ .رەڭگى سۈت رەڭ ،شىلمىشق ،قويۇق بولىدۇ بەزىدە يرىڭلىق ۋە قان ئارلاش كىلىدۇ.ئاق خۇننىڭ كۆپيىشى بىلەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەل، توققۇزكۆز قىسمى سىقىراپ ئاغىرىدۇ. قوساق تۆۋەنگە قاراپ چىڭقىلىدۇ بۇ خىل ئەھۋال ھەر قىتىملىق ھىېيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن ئېغىرلىشىدۇ .بەزىدە تىگىش خاراكتىرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ ،يەڭگىللىرىدە ھېچقانداق يېقىمسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ.
كىلىنكىدا شەلۋەرەش كۆلىمىنڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن بالياتقۇ بوينى زىدىسى ئۈچ دەرجىگە بۆلىنىدۇ .
يىنىك دەرىجسى : شەلۋەرەش بالياتقۇ بوينى كۆلىمنىڭ ئۈچتىن بىر  قىسمىدىن كىچىك بولىدۇ .
ئوتتۇرا دەرىجىسى : شەلۋەرىگەن ئورۇن پۈتۈن بالياتقۇ بويى كۆلىمنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن چوڭ بولىدۇ ياكى ئۈچتېن ئىككى قىسمىغا تەڭ بولىدۇ .
ئېغىر دەرجىسى : شەلۋەرىگەن ئورۇن پۇتۇن بالياتقۇ بوينى كۆلىمنىڭ ئۈچتېن ئىككى قىسمىدىن كۆپ قىسمنى ئىگەللگەن بولىدۇ.
شەلۋەرەشنىڭ چوڭقۇر ئۈزەكى دەرىجىسىگە قاراپ يەككە خاراكتىرلىك تەنچىسىمان خاراكتىرلىك ،ئۆسۈكچىسىمان خاراكتىرلىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش :
جىددى خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالااش،ئاياللار بۆلىمىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش،پىلانلىق تۇغۇش،ھېيىز،ھامىلدارلىق،تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىلدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش. تۇغۇت جەريانىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بالياتقۇ بوينىنڭ يېرىلىپ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش،يېرىلىپ زەخمىلەنگەن بولسا ئۆز ۋاختىدا تىكىش لازىم .
داۋالااش :
 بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى داۋالاشتىن  ئىلگىرى بالياتقۇ بوينىنى قىرىپ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈپ دەسلەپكى دەۋىردىكى بالياتقۇ بوينى راكىنى ئىنكار قىلىش لاازىم. زىدىلىنىشنى داۋالاشتا دەسلەپكى قەدەمدە سەۋەپچى بولغان  خىلىتنىڭ يەنى سەۋدا ياكى سەپرا خىلىتنىڭ مۇنزىچ ئاندىن مۇسھىلى بېرىلىدۇ.شۇنىڭدەك جاراسىملارنى ئۆلتۈرىدىغان،قاننى جانلاندۇرىدىغان،چىرىشكە قارشى تۇرىدىغان ۋە گۆش ئۈندۈرىدىغان دورىلاارنى ئىشلىتىش پىرىنسىپ قىلىنىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىتتىرپىل چۆبىچىن،ئەرقى چۆبىچىن،شەربىتى ئۆشبە،مەجۈنى ئۆشبە،ئەرقى شوخلا،مەجۇنى چۆبىجىن قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button