ئاياللارساغلاملىقى

تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمداندا تەركىبىدە نورمالسىز سۇيۇقلۇق تۇتقان خالتىلىق ئىششىق شەكىللىنىپ، كلىنكىدا ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك شەكىللىنىش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

 

غەرب تېبابىتى نامى تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى
كېسەللىك سەۋەبى كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى ھەيز قالايمقانلىشىش، ھامىلىدار بولماسلىق، تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 卵巢夹肿
كېسەللىك ئورنى تۇخۇمدان

مۇندەرىجە

  • 1سەۋەبى
  • 2ئالامىتى
  • 3دىئاگنوزى
  • 4سېلىشتۇرما دىئاگنوزى
  • 5ئەگەشمە كېسەللىك
  • 6داۋالاش پىرىنسىپى
  • 7داۋالاش ئۇسۇلى
  • 8دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1سەۋەبى

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تۇخۇمدانغا تەسىر قىلغاندا تۇخۇمدان توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، توقۇلما ئارىلىقلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، توقۇلما ئارىلىقىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ قان تومۇرلارغا ئۆتۈشىنى توسۇپ، كۆپلەپ سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا خالتىسىمان ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تۇخۇمدانغا تەسىر قىلغاندا تۇخۇمدان سىرتقى قەۋىتىدىكى پەردىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا ۋە شىللىق پەردىلەردە سۇيۇقلۇقلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ كېسەللىككە سەۋەبچى بولىدۇ.

3. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمداندىكى ياللۇغلىنىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇخۇمدان ياللۇغلانغاندىن كېيىن ئاجرالما ماددىلار يىغىلىپ تۇخۇمدانغا ئورۇنلىشىپ خالتىلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ.

2ئالامىتى

ھەيز قالايمقانلىشىش، ھامىلىدار بولماسلىق، تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىش، بىئارام بولۇش، قورساق قىسمىدا مونەكچە پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

3دىئاگنوزى

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئىلگىرى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى ياكى تۇخۇمدان ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش ياكى ئاغرىق كۈچىيىش، قورساق قىسمىدا نورمالسىز مونەك ياكى ئىششىق شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەردە كۆرۈلىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە تۇخۇمداندا خالتىلىق ئىششىقنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

2) داس بوشلۇقىغا ھاۋا تولدۇرۇپ تەكشۈرۈلىدۇ.

3) قان رايىنى تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى يۇقىرىلايدۇ.

4سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

1. ئۆتكۈر تۇخۇمدان ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.  ئۆتكۈر تۇخۇمدان ياللۇغىدا تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، قىزىش، جۇغ-جۇغ بولۇش، توڭۇپ تىترەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەتتا ئاغرىق سىرتقى جىنسىي ئەزالارغىچە تارقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇۋەتكەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ. قورساق مۇسكۇللىرىدا جىددىيلىك بولمايدۇ، ئۈچەي كوكىراش تاۋۇشى نورمال بولىدۇ.

2. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدا قورساق ئاغرىش بولىدۇ. دەسلىپىدە كىندىك ئەتراپى ياكى قورساقنىڭ يۇقىرىقى قىسمى تۇتقاقلىق ئاغرىيدۇ. بىر نەچچە سائەت ياكى ئون نەچچە سائەتتىن كېيىن ئاغرىق قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىغا مەركەزلىشىدۇ ھەمدە داۋاملىق ئاغرىيدۇ، قىزىتما بولىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىدا ئوڭ تەرەپ يانپاش ئالدى يۇقىرى قىسمى بىلەن كىندىكنى تۇتاشتۇرغان سىزىقنىڭ ئوتتۇرا سىرتقى 1/3 قىسمى تۇتاشقان ئورۇندا تۇراقلىق ھەم روشەن بولغان بىر ئاغرىش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىنى بېسىپ قويۇۋەتكەندە ئاغرىق كۆپىيىدۇ، پۇتنى يىغىش، تۈزلەش ھەرىكىتى قىلدۇرغاندا ئاغرىق كۈچىيىدۇ.

3. ئۆتكۈر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۆتكۈر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىدا ئالامەتلەر بىرقەدەر جىددىي ۋە ئېغىر بولىدۇ. بىماردا قىزىش، جۇغ-جۇغ بولۇش، توڭۇپ تىترەش، ئىشتىھاسىزلىق، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر قورساقنىڭ تۆۋەنكى ساھەسى ئاغرىش بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئاق خۇن مىقدارى كۆپ بولىدۇ. بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، ياللۇغ تۈز ئۈچەيگە تەسىر قىلسا چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

4. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سۇيۇقلۇق يىغىلىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىدۇ ھەمدە تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە مونەك شەكىللىنىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈشنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بولىدۇ. 5. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتا ھامىلىدارلىق تارىخى بولىدۇ. ھەيز توختايدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ تېنى چوڭراق بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلە قولغا بىلىنىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش نىسبىتى ئاشىدۇ. ئۇندىن باشقا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سۇيۇقلۇق يىغىلىش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق قاتارلىق كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى بىلەن بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ پەرقلەندۈرۈلۈشى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق بويىدىن ئاجراش ئۆتكۈر سازاڭئۆسۈكچە ياللۇغى ئۆتكۈر تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغى تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى تولغىشىش ھەيز توختاش تارىخى بولىدۇ ياكى بولمايدۇ بولىدۇ بولمايدۇ بولمايدۇ بولمايدۇ قورساق ئاغرىش ئۆتكۈر تۆۋەن قورساق قاتتىق ئاغرىش بولىدۇ. تىپىك كېسەللىكلەردە شوك بولىدۇ. قورساق ئاغرىش كۆپىنچە تۆۋەن قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپىدىن باشلىنىپ كېيىن پۈتۈن تۆۋەن قورساققا تارقايدۇ تۇتقاقلىق ھالدا تۆۋەن قورساق قىسىم ئاغرىيدۇ كىندىك ئەتراپىدىن باشلىنىپ تۆۋەنگە سىلجىپ ئوڭ تۆۋەن قورساق قىسمىغا بارىدۇ كۆپىنچە نەسىىللىنىش ئەزاسىدا يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ، يۇقۇملىنىش تارىخى بولىدۇ، كېسەل باشلىنىش ئاستا بولۇپ، ئىككى تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسىم يېقىمسىز ئاغرىيدۇ. تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا ئۆسمە بولۇش كېسەللىك تارىخى بولىدۇ، تاساددىپىي تۇتىدۇ، بىر تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا سانجىق بولىدۇ جىنسىي يولدىن خۇن كېلىش قارامتۇل قىزىل رەڭدە بولۇپ، مىقدارى ئاز بولىدۇ. بەزىدە قاراسېرىق پەردە كانىلى تىپىك چىقىرىشنى كۆرۈشكە بولىدۇ جىنسىي يولدىن قان كېلىش مىقدارى كۆپ بولۇپ، ساپ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. جىنسىي يولدىن چىقىرىلغان ماددىدا تىۋىت توقۇلمىلار بولىدۇ. بولمايدۇ بولمايدۇ بولمايدۇ شوك شوكنىڭ سەۋەبى جىنسىي يولدىن قان كېلىش بىلەن ئوڭ نىسبەتتە بولمايدۇ شوك بىلەن جىنسىي يولدىن قان كېلىش ئوڭ نىسبەتتە بولىدۇ بولمايدۇ بولمايدۇ بولمايدۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولىدۇ، قاناش ۋاقتى ئۇزۇن بولغۇچىلاردا تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ نورمال بولىدۇ قورساق ئاغرىش بىلەن تۆۋەن قىزىتما بىر ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ قورساق ئاغرىش بىلەن يۇقىرى قىزىتما بىر ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ يۇقۇملىنىش بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش باسقاندا ئاغرىش بولىدۇ. قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىش ئېنىق بولمايدۇ. ھەرىكەتلىك بوغۇق تاۋۇش بولۇشى مۇمكىن باسقاندا ئاغرىش بولمايدۇ. بەزىدە دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسى ئۈستىدىن بالىياتقۇ تۈۋىنى تۇتقىلى بولىدۇ ئوڭ-تۆۋەن قورساق قىسىم سازاڭ ئۆسۈكچە ئاغرىش توچكىسىدا باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش بولىدۇ. قورساق مۇسكۇلى جىددىلىشىدۇ پۈتۈن قورساق قىسمىدا باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش بولىدۇ. مۇسكۇل جىددىيلىشىش ئېنىق بولمايدۇ كېسەل تەرەپتە باسقاندا ئاغرىش بولىدۇ جىنسىي يولدىن تەكشۈرۈش بالىياتقۇ بوينىنى كۆتەرگەندە ئاغرىيدۇ. بالىياتقۇ يېنىدا مونەك بولىدۇ. بالىياتقۇ تېنى چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ھەيز ئاي سانى مۇناسىپ كەلمەيدۇ بالىياتقۇ تېنىنىڭ چوڭىيىشى ھەيز توختىغان ئاي سانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بالىياتقۇ يېنىدا مونەك بولمايدۇ. بالىياتقۇ بوينىنى كۆتەرگەندە ئاغرىش بولمايدۇ باسقاندا ئاغرىش ئورنى قوشۇمچە ئەزالار ئورنىدىن ئېگىز بولىدۇ ئىككى تەرەپ قوشۇمچە ئەزالاردا باسقاندا ئاغرىش ئېنىق بولىدۇ بالىياتقۇ بىر تەرەپتىن قولغا مونەك بىلىنىدۇ. ئەتراپ قىرلىرى ئېنىق بولىدۇ. ئىتتىرگەندە ئازراق مىدىرلايدۇ. مونەك بىلەن بالىياتقۇ ئارىلىقىدا باسقاندا ئاغرىش ئېنىق بولىدۇ. سوۋوت قىسمىدا باسقاندا ئاغرىش بولمايدۇ ئادەتتىكىقانتەكشۈرۈش ئاق قان ھۈجەيرە نورمال ياكى سەل يۇقىرى بولىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرە تۆۋەنلەيدۇ ئاق قان، قىزىل قان ھۈجەيرە نورمال بولىدۇ ئاق قان ھۈجەيرە ئاشىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرە نورمال بولىدۇ ئاق قان ھۈجەيرە ئاشىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرە نورمال بولىدۇ ئاق قان ھۈجەيرە ئاشىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرە نورمال بولىدۇ ھامىلىدارلىق تەجرىبىسى مۇسپىي بولىدۇ مۇسپىي بولىدۇ مەنپىي بولىدۇ مەنپىي بولىدۇ مەنپىي بولىدۇ.

5ئەگەشمە كېسەللىك

ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ئۈزۈل-كېسىل ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا خالتىلىق ئىششىق تولغىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

 

6داۋالاش پىرىنسىپى

1.غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. تۇخۇمدان ياللۇغىنىڭ ئاسارىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددىنى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق قايتۇرۇش، خالتىلىق ئىششىقنىڭ ئىچىدىكى شىلىمشىق ئاجرالما ماددىلارنى يۇمشىتىش، سۇيۇلدۇرۇش، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4. ئوپېراتسىيە قىلىپ خالتىلىق ئىششىق ئېلىۋېتىلىدۇ.

 

7داۋالاش ئۇسۇلى

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا ئەفسەنتىن، غاپەس، بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، قوغۇن ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 15 ~ 10 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىم 100 مىللىلىتىردىن ياكى مەتبۇخ ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا كەرەپشە يىلتىزى، غاپەس، ئەفسەنتىن، رەۋەن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 7~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 3~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ماددىنى تارقىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ھەببى ئەنزىرۇت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن؛ ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىتىردىن؛ ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئىششىق قايتۇرۇش، خالتىلىق ئىششىقنى يۇمشىتىش، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئىكلىلمىلىك، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى ئۇرۇقى، شوخلا، ئاق لەيلىگۈلى، گۈل بىنەپشە، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئىسپىغۇل قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ، گۈل يېغى ياكى كۈنجۈت يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قايناق سۇدا نەمدەپ زىمات تەييارلاپ، بەل، دوۋسۇن ئەتراپلىرىغا كۈندە 1~2 قېتىم چېپىلىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىنىدۇ. خالتىلىق ئىششىق چوڭ ياكى خەتەرلىك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولسا ياكى تولغىشىپ قېلىپ ئۆتكۈر ئاغرىق ھەم ياللۇغ پەيدا قىلسا، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ.

 

8دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1.تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

3. ۋاقىتلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ھەمدە ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەردىن چەكلىنىدۇ، ياتقاندا ئاساسەن يېرىم ئولتۇرۇش ھالىتىدە ياتقۇزۇلىدۇ.

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button