ئاياللارساغلاملىقى

ئاياللار داس سۆڭىكى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

ئاياللار داس سۆڭىكى ھامىلىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىدىكى سۆڭەكلىك تۇغۇت يولىدىن ئىبارەت .

چۈشەنچە

ئاياللار داس سۆڭىكىنىڭ تۈزىلىشى داس سۆڭەك-ھامىلىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىدىكى سۆڭەكلىك تۇغۇت يولىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ توققۇز كۆز سۆڭىكى، توغرا سۆڭەك ۋە ئىككى پارچە يانپاش سۆڭەكتىن تۈزۈلگەن، كۆمۈرچەك ۋە كۈچلۈك تاراموشلار ئارقىلىق ئۆز-ئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. داس سۆڭەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى تۇغۇتقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەربىر يانپاش سۆڭەك يەنە سۆڭگەچ سۆڭىكى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك ۋە دوۋسۇن سۆڭەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، 16 ياشقا كىرگەندە بىر پۈتۈن سۆڭەك بولۇپ، ئارىسىدا ئېنىق چېگرا بولمايدۇ، توققۇز كۆز سۆڭەكنىڭ ئىچكى تەرىپى ئويمان، سىرتقى تەرىپى دۆڭ بولىدۇ، يۇقىرىقى قىرى ئالدىغا چىقىپ توققۇز كۆز سۆڭەك بۇغۇزىنى شەكىللەندۈرۈپ، 5-بەل ئۇمۇرتقىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. تۆۋەنكى تەرىپى توغرا سۆڭەك بىلەن تۇتىشىپ، توققۇز كۆز بۇغۇمىنى ھاسىل قىلىدۇ(2.1-رەسىم).

تۈزۈلىشى

داس سۆڭىكى 1. توققۇزكۆز سۆڭىكى تۇمشۇقى؛

2. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك بىسى؛

3. يېپىق تۆشۈك؛

4. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك؛

5. يانپاش سۆڭىكى؛

6. توققۇزكۆز سۆڭىكى؛

7. قۇيرۇق سۆڭىكى؛

8. دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسى.

ئىككى يانپاش سۆڭەكنىڭ ئالدىنقى قىسمى كۆمۈرچەك ئارقىلىق تۇتۇشۇپ، دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى تەرىپى داس سۆڭەك بوشلىقىنىڭ ئالدىنقى دىۋارى ۋە ئىككى يان دىۋارىنى تۇزىدۇ، ئىككى يانپاش سۆڭەكنىڭ ئارقا قىرى بىلەن توققۇز كۆز سۆڭىكىنىڭ يان قىرى تۇتۇشۇپ، ھەرىكەتچانلىقى ناھايىتى ئاز بولغان توققۇز كۆز سۆڭگەچ بوغۇمىنى ھاسىل قىلىدۇ، توققۇز كۆز سۆڭىكىنىڭ ئالدىنقى تەرىپى داس سۆڭەك بوشلىقىنىڭ ئارقا تېمىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تارامۇشلار بوشاپ كەتكەنلىكتىن، ھەرقايسى بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئاشىدۇ، شۇڭا داس سۆڭەك دىئامېتىرى تۇغۇت مەزگىلىدە بىر ئاز ئۇزىرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز كۆز توغرا بوغۇمىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئەڭ زور بولىدۇ)تۇغۇت مەزگىلىدە توغرا سۆڭەك 2-1 سانتىمېتىر ئارقىغا سۈرىلىدۇ(. ئۇندىن قالسا توققۇز كۆز سۆڭگەچ بوغۇمىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئاز بولىدۇ. داس سۆڭىكىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى تاراموشلار ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. تۇغۇت بۆلۈمىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى توققۇز كۆز دۆڭچە تارامۇشى بىلەن توققۇز كۆزتارامۇشىدىن ئىبارەت.

داس سۆڭەكنىڭ ئوقياسىمان كېسىلگەن يۈزى

1. يالغان داس سۆڭەك؛

2. ھەقىقىي داس سۆڭەك؛

3. داس سۆڭەك چېگرا سىزىقى. توققۇز كۆز دۆڭچە تارامۇشى-توققۇزكۆز ۋە توغرا سۆڭەكتىن باشلىنىپ، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك دۆڭچىسىدە ئاخىرلىشىپ، داس سۆڭەك چىقىش ئېغىزىنىڭ يان چېگرىسىنى تۈزىدۇ. توققۇز كۆز تارامۇشى-توققۇز كۆز ۋە توغرا سۆڭەكتىن باشلىنىپ، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك چېنىقدىدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ داس سۆڭەكنى ئۆلچىگەندە مۇھىم بەلگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.دوۋسۇن سۆڭەكنىڭ يۇقىرىقى قىرىدىن توققۇز كۆز تۇمشىقىغا قارىتىپ، بىرسىزىق سىزسا، داس سۆڭەك ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. يۇقىرىقى قىسمى چوڭ داس سۆڭىكى)يالغان داس سۆڭىكى(، تۆۋەنكى قىسمى كىچىك داس سۆڭىكى)ھەقىقى داس سۆڭەك( دېيىلىدۇ)2.2-رەسىم نورمال ئەھۋال ئاستىدا چوڭ داس سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 82-52 سانتىمېتىر، كىچىك داس سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 52-32 سانتىمېتىر، توققۇز كۆز دوۋسۇن سىرتقى دىئامېتىرى 91-81 سانتىمېتىر، يالغان داس سۆڭەك بوشلىقىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدىكى ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس. ھەقىقى داس سۆڭەك بوشلىقى ھامىلىنىڭ تۇغۇلىشىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول بولۇپ، ئەگەر ئۇ نورمال بولمىسا، تۇغۇتقا تەسىر يېتىدۇ، بۇ تۇغۇت بۆلۈمىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئالاھىدىلىكى

1. ئاياللار داس سۆڭىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى داس سۆڭىكىنىڭ تەكشى يۈزى ۋە دىئامېتىرى: داس سۆڭىكىنىڭ ئادەتتە تۆت تەكشى يۈز بار. (1) داس كىرىش ئېغىزىنىڭ تەكشى يۈزى: بۇ ھەقىقى ۋە يالغان داس سۆڭەك بوشلىقىنى ئايرىپ تۇرغان يۈزى بولۇپ، توغرا سوقىچاق شەكىلدە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئەتراپى داس سۆڭىكىنىڭ چېگرىسىدىن ئىبارەت. ئالدى-ئارقا دېئامېتىرى، يانتۇ دىئامېتىرى ۋە توغرا دىئامېتىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدى-ئارقا دىئامېتىرى ئەڭ قىسقا بولۇپ، تۇغۇت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.

(2) داس سۆڭەك بوشلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ تەكشى يۈزى: يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، ئالدى دوۋساق سۆڭەك بىرىكمىسىنىڭ ئارقا تەرەپتىكى ئوتتۇرا نۇقتىسىغا، ئىككى يان تەرىپى يانپاش سۆڭىكىنىڭ مەركىزىگە توغرا كېلىدۇ، ئارقىسى 2-ۋە 3-توققۇز كۆز ئۇمۇرتقىسىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، داس بوشلىقىنىڭ ئەڭ كەڭ قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(3)داس بوشلىقىنىڭ ئەڭ كىچىك تەكشى يۈزى: ئوتتۇرا داس سۆڭىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دوۋسۇن سۆڭەك بىرىكمىسىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكى، ئىككى يان تەرەپ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك چېقىندىسى ۋە توققۇز كۆز توغرا سۆڭەك بوغۇمى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق شەكىللەنگەن تەكشى يۈزدىن ئىبارەت. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك چېقىندىسى ھامىلە بېشىنىڭ داسقا كىرىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم، ئۇنى مەقئەت ياكى جىنسىي يول ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بىلىشكە بولىدۇ.

① توغرا دىئامېتىرى: ئىككى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك چېقىندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بولۇپ، ئوتتۇرىچە 10~10.5سانتىمېتىر.

② ئالدى-كەينى دىئامېتىرى: دوۋسۇن سۆڭەك بىرىكمىسى تۆۋەنكى گىرۋىكىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىدىن توققۇز كۆز توغرا سۆڭەك بوغۇمىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىغىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.11 سانتىمېتىر كېلىد

(4)4 داس چىقىش ئېغىزىنىڭ تەكشى يۈزى: يەنى ھەقىقى داس سۆڭەك بوشلىقىنىڭ چىقىش ئېغىزى، بۇ ئورتاق تۈۋى تەرەپ گىرۋىكى ئىككى ئۈچ بۇلۇڭدىن ھاسىل بولغان. ئالدىنقى ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈستى دوۋسۇن سۆڭەك بىرىكمىسىنىڭ تۆۋەنكى قىرىدىن، يان تەرىپى ئىككى دوۋسۇن سۆڭەك ۋە ئولتۇرغۇچ سۆڭەك ئاستى شاخچىسىدىن، ئارقا ئۈچ بۇلۇڭ توققۇز كۆز-توغرا سۆڭەك بوغۇمىدىن، ئىككى يان تەرىپى توققۇز كۆز دۆڭچە تارامۇش ۋە ئولتۇرغۇچ سۆڭەك دۆڭچىسىدىن ئىبارەت. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك دۆڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىئامېتىر بولسا، ئىككى ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئورتاق تۈۋى تەرەپ گىرۋىكى يەنى چىقىش ئېغىزىنىڭ توغرا دىئامېتىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە 9-8.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئىككى يان دوۋسۇن سۆڭەك شاخچىسى دوۋسۇن سۆڭەك بىرىكمىسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە دوۋسۇن سۆڭەك ئەگمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، نورمال ئاياللارنىڭ دوۋسۇن سۆڭەك ئەگمىسى 80-90° لۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ. چىقىش ئېغىزىنىڭ ئالدى-ئارقا دىئامېتىرى دوۋسۇن سۆڭەك بىرىكمىسىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكىدىن توققۇز كۆز-توغرا سۆڭەك بۇغۇمىغىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 11.5 سانتىمېتىر، توققۇز كۆز-توغرا سۆڭەك بوغۇمىدىن چىقىش ئېغىزى توغرا دىئامېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە نۇقتىسىغىچە بولغان تىك سىزىق ئارقا ئوقياسىمان دىئامېتىر بولۇپ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 9 سانتىمېتىر كېلىدۇ.

2) داس سۆڭەك بوشلىقىنىڭ يانتۇلىقى ئاياللار تىك تۇرغاندا، داس بوشلىقى كىرىش ئېغىزىنىڭ يۈزى بىلەن تەكشى يۈزدىن ھاسىل بولغان بۇلۇڭ داس بوشلىقىنىڭ يانتۇلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بۇلۇڭ نورمال كىشىلەردە 50-60° كېلىدۇ. ئەگەر بۇلىڭى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، بالا بېشىنىڭ داسقا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

3)داس سۆڭەك ئوقى داس سۆڭىكىنىڭ پەرەز قىلىنغان تەكشى يۈزىنىڭ مەركىزىنى تۇتاشتۇرغۇچى ئەگرى سىزىقتىن ئىبارەت.ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قىسمى تۆۋەنگە ۋە بىر ئاز ئارقىغا، ئوتتۇرا قىسمى تۆۋەنگە، تۆۋەنكى قىسمى ئالدىغا قارىغان بولىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا ھامىلە مۇشۇ ئەگرى سىزىقنى بويلاپ تۇغۇلىدۇ، شۇڭا بۇ تۇغۇت ئوقى دەپ ئاتىلىدۇ.

4)داس سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ داس سۆڭىكى-سۆڭەك ۋە كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كېيىن كۈندىن-كۈنگە سۆڭەكلىشىدۇ، 8 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان ئارلىق سۆڭەكلىشىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە گەۋدە ياكى پۇتنىڭ داس سۆڭەككە چۈشۈرگەن كۈچى تەكشى بولمىسا ياكى سۆڭەكلىشىشىكە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، داس سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ، غەيرىي بولۇپ قالىدۇ.

5) داس سۆڭەك تۈۋى بۇ داس سۆڭەك تۈۋى مۇسكۇل ۋە سېرىق ئەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، داس چىقىش ئېغىزىنى ئېتىپ تۇرىدۇ، داس سۆڭەك تۈۋى تېيىزدىن چوڭقۇرغا قاراپ 3 قەۋەتكە بۆلىنىدۇ. بىرىنچى قەۋىتى يۈزە قەۋەت بولۇپ، سېرىق ئەت ۋە مۇسكۇلدىن تۈزۈلىدۇ. ئىككىنچى قەۋىتى يۈزە قەۋەت مۇسكۇللىرىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ سۈيدۈك يولى بىلەن جىنسىي يول توسىقىدىن ئىبارەت. ئۈچىنچى قەۋىتى داس پاسىلى بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر قىسمىغا جايلاشقان، تۈزىلىشى مۇستەھكەم، ئۇ مەقئەتنى كۈتۈرگۈچى مۇسكۇل ۋە سېرىق ئەتتىن تۈزۈلگەن. داس تۈۋىنىڭ 1-ۋە 2-قەۋىتى پەقەت داس چىقىش ئېغىزىنىڭ ئالدىنقى يېرىم قىسىمىنىلا يېپىپ تۇرىدۇ. 3-قەۋىتىلا پۈتۈن داس چىقىش ئېغىزىنى يېپىپ تۇرىدۇ. داس سۆڭەك تۈۋىدىن سۈيدۈك يولى، جىنسىي يول، تۈزئۈچەي ئۆتۈش يولى بىلەن ئالدى سۈيدۈك يولى، ئوتتۇرىسى جىنسىي يول، ئارقىسى مەقئەتتىن ئىبارەت ئۈچ يولنى ھاسىل قىلىدۇ.داس بوشلىقىنىڭ تۈۋى داس تۈۋى ئىچىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنى كۆتۈرۈپ يۆلەپ تۇرۇش بىلەن بىرگە ئەزالارنىڭ نورمالنى ئورنىنى ساقلايدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا سەل-پەل ئېچىلىپ، تۇغۇت يولىنىڭ بىر قىسمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمىنىڭ ئىلگىرلىشىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تۈزىلىشى ياكى خىزمىتىدە نورمالسىزلىق بولسا تۇغۇت قىيىنلىشىدۇ.[0]

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button