ئاياللارساغلاملىقى

ئاياللاردىكى تۇخۇمدان راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى

تۇخۇمدان راكى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىك بولسىمۇ ، بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالامەتلىرى روشەن بولمىغانلىقتىن، %70 تىن كۆپرەك تۇخۇمدان راكى ئاغرىقلىرى تەكشۈرتكەندە ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئىسپاتلىنىشىچە: تۇخۇمدان راكى ئادەتتە 20ياش ۋە 50 ياش ئەتراپىدىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىكەن. بۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىلىنىكىدا ئېنىق ئىپادىسى بولمىغاچقا، بۇ كېسەللىك ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە ئاندىن بايقىلىدىكەن. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. بۇ كېسەللىكنىڭ ھەر قايسى ئەزالارغا تارقىلىش مەزگىلى تېز بولغاچقا، ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن. شۇڭلاشقا 30 ياشتىن يۇقىرى، ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار قەرەللىك B چاۋ ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەككەن. ھەيز توختىغان ئاياللاردا ئۆسمە بايقالسا، قورساقنى تەكشۈرۈش ئەينىكىدە بۇ ئۆسمىنىڭ ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىكىنى ئايرىش كېرەككەن. ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار قان تەكشۈرتۈپ ئۆسمە كىچىك بولسا ئۈچ ئاي كۆزىتىپ بېقىشى كېرەككەن.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button