ساغلام يىمەكلىك

ھەسەل بىلەن شوخلىنى بىرگە ئىستېمال قىلسا ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

شوخلا ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ھەزىمنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە . ھەسەل بەدەننى قۇۋۋەتلەشتىكى ياخشى يېمەكلىك . ھەسەلنىڭ تەبئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ ، داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ياشانغانلارنىڭ بەش ئەزاسىنى قۇۋۋەتلەپ ، روھىنى ئورغۇتىدۇ . قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ . شۇڭا ، ياشانغانلار بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى دائىم بىرگە ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك .
تەييارلاش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن ئىككى دانە شوخلا ۋە 20 گىرام ھەسەل تەييارلايمىز. شوخلىنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بىر مىنۇت تۇرغۇزۇپ ئېلىپ ، ئاندىن سوغۇق سۇغا سېلىپ ، سوۋۇتىمىز ، پوستىنى سويىۋېتىپ ، ئېتىنى توغراپ قاچىغا سالىمىز . ھەسەلنى كىچىك قاچىغا تۆكۈپ ،  ئۈستىگە سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇپ ، تەييارلانغان شوخلا ئۈستىگە قۇيىمىز .
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، ھەسەل بىلەن غولپىياز ، ئوسۇڭنى بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button