ئاياللارساغلاملىقى

چىللە دەۋرى

چۈشەندۈرۈش

بالا ھەمرىيى سىرتقا چىققاندىن تارتىپ، جىنسىي ئەزالارنىڭ ۋە پۈتۈن بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانى چىللە دەۋرى يەنى قىرىق ئىچى دەپ ئاتىلىدۇ. چىللە دەۋرى ئادەتتە 8 ~ 6 ھەپتە داۋاملىشىدۇ.

تۇلۇق مەزمۇنى

چىللە دەۋرىدە ئورگانىزمدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.

چىللە دەۋرىنىڭ فىزىئولوگىيىسى(قىرىق ئىچى)

ئادەتتىكى ئۆزگىرىشلەر
بەدەن ھارارىتى

بەدەن ھارارىتى: تۇغۇتتىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئازراق يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، لېكىن 38℃ دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 38℃ دىن ئېشىپ كەتسە، بۇنى پاتولوگىيىلىك ھادىسە دەپ قارىلىدۇ.

تومۇرنىڭ سوقۇشى

تومۇرنىڭ سوقۇشى: نورمال دائىرە ئىچىدە ياكى سەل ئاستا بولىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى

بەدەن ئېغىرلىقى: تۇغۇتتىن كېيىنكى 2-6 كۈن ئىچىدە كۆپ تەرلەيدۇ. سۈيدۈك مىقدارىمۇ ئاشقانلىقتىن، بەدەندىكى يىغىلىپ قالغان سۇلار پەيدىنپەي چىقىرىلىپ، بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىللىشىدۇ.

ئاشقازان ئۈچەي خىزمىتى

ئاشقازان ئۈچەي خىزمىتى: تۇغۇتتىن كېيىن، ئاشقازان، ئىنچىكە ئۈچەي ۋە چوڭ ئۈچەيلەرنىڭ ئورنى نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. خىزمىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن تۇغۇتتىن كېيىنكى دەسلەپكى بىرنەچچە كۈندە كارىۋاتتا يېتىش، تاماقنى ئاز يېيىش، ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاستىلاشتىن دائىم ئۈچەيگە يەل توشۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورساق مۇسكۇلى ۋە داس تۈۋى مۇسكۇللىرى بوشىشىپ كېتىپ، ئوڭايلا قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.

قان ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىش

قان ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىش: تۇغۇتتىن كېيىنكى 3-2 كۈن ئىچىدە، چوڭايغان بالىياتقۇنىڭ ئاستىنقى كاۋاك ۋېناغا بولغان بېسىمى يوقىلىپ، ۋېنا قېنىنىڭ ئېقىش مىقدارى كۆپىيىپ، توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنىڭ شۈمۈرۈلۈشى ئارتىپ، قان سىغىمچانلىقى يوقىرىلايدۇ. بولۇپمۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى 42 سائەت ئىچىدە يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى 6-3 ھەپتە ئىچىدە قان سىغىمچانلىقى ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سەۋىيىگە قايتىدۇ. تۇغۇتتىن 10-7 كۈن كېيىن، يۈرەك سوقۇشى ئاستىلايدۇ، تومۇر ھەرىكىتى ئاستىلاپ تەخمىنەن 70-60 قېتىم سوقىدۇ.

تەرلەش

تەرلەش: تۇغۇتتىن كېيىن تېرىنىڭ خىزمىتى ئېشىپ، كۆپ تەرلەيدۇ، بۇ فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. لېكىن تېرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش ھەمدە شامال تېگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

ئاساسىي ماددا ئالمىشىش

ئاساسىي ماددا ئالمىشىش: كۆپىنچە 10 كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىدۇ.

قاندىكى ئۆزگىرىش:

قاندىكى ئۆزگىرىش: تۇغۇتتىن كېيىن، ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ 7 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. قاننىڭ چۆكۈش تېزلىگى تۇغۇپ 6 ھەپتىدىن كېيىن تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، نورماللىشىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە قان قىزىل ئاقسىلى ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى 6 ~ 2 ھەپتە ئىچىدە ئەسلىگە كېلىپ نورمالللىشىدۇ.

قورساق دىۋارىدىكى ئۆزگىرىش

قورساق دىۋارىدىكى ئۆزگىرىش: قورساق تېرىسى ھامىلىدارلىقتا چوڭايغان بالىياتقۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مۇسكۇل تالالىرى ئۆسۈپ، ئېلاستىكىلىق تالالىرى ئۈزۈلۈپ، تۇغۇتتىن كېيىن قورساق دىۋارى بوشىشىپ، ئاز دېگەندە تۇغۇتتىن كېيىن 6 ھەپتىدە ئاران ئەسلىگە كېلىدۇ. قورساق دىۋارىدىكى بۇرۇنقى بىنەپشە قىزىل رەڭدىكى ھامىلىدارلىق سىزىقى تەدرىجىي ئاققا ئۆزگىرىپ، ھامىلىدارلىق مەڭگۈلۈك سىزىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

نىپاس خۇنى

نىپاس خۇنى: تۇغۇتتىن كېيىنكى جىنسىي يولدىن ئېقىپ چىققان سۇيۇقلۇق نىپاس خۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قان، شىللىق سۇيۇقلۇق، چىرىگەن سۇيۇلغۇچى توقۇلمىلار، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە جاراسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.

① قانسىمان نىپاس خۇنى: تۇغۇتتىن كېيىنكى 1-3 كۈن ئىچىدە كېلىدۇ. مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك بولىدۇ. شۇڭا قىزىل رەڭلىك نىپاس خۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

② شىللىق سۇيۇقلۇقسىمان نىپاس خۇنى: تۇغۇتتىن كېيىنكى 7-3 كۈن ئىچىدە كېلىدۇ. قان تەركىبى ئازىيىدۇ، شۇڭا سۇس قىزىل رەڭلىك ياكى سۇس قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. بۇ بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ.

③ ئاق رەڭلىك نىپاس خۇنى: تۇغۇتتىن كېيىن 2 ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. نىپاس خۇنى تەركىبىدىكى قان مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپ بولۇپ، سارغۇچ ياكى سۈترەڭ بولىدۇ. بۇ خىل نىپاس خۇنى بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدۇ. نورمال نىپاس خۇنىنىڭ قان پۇرىقى بولىدۇ، ئەگەر سېسىق پۇراق بولسا، بۇ يۇقۇملىنىش بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

(11) تۇغۇتتىن كېيىنكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىراپ ئاغرىشى: چىللە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىققان ئاغرىق تۇغۇتتىن كېيىنكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىراپ ئاغرىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆپىنچە بىر نەچچىنى تۇغقان ئاياللاردا، بولۇپمۇ كۆپ تۇغقان ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋال تۇغۇتتىن كېيىنكى 1 −، 2-كۈنلەردە بولۇپ، بالا ئېمىتكەن چاغدا، ئالاھىدە روشەن بولىدۇ. كۆپ تۇغقانلىقتىن بالىياتقۇ تالا توقۇلمىلىرى قېلىنلاپ، تەكشى ھەم ئۇزاققىچە قىسقىراشنى يوقىتىپ، كالتە تارتىشىش خاراكتېرلىك قىسقىراش پەيدا بولۇپ، ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. ئاغرىغان چاغدا، بالىياتقۇ قاتتىق بولۇۋېلىپ، نىپاس خۇنى كۆپىيىدۇ. ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىن 4-3 كۈندە تەبىئىي يوقايدۇ. ئەگەر ئاغرىق ئېغىر بولسا، بالىياتقۇنى ئۇۋىلاش، ياكى بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئىچىدە بالا ھەمرىيى ياكى ھامىلە قېپىنىڭ قالدۇقلىرى قېپقالسا، بالىياتقۇ يېرىلىش، كەڭ تارامۇش قانلىق ئىششىقى ياكى بالىياتقۇ يۇقۇملانغان چاغلاردا تۇغۇتتىن كېيىنكى قورساق ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

يەرلىك ئورۇندىكى ئۆزگىرىش

 (1بالىياتقۇدىكى ئۆزگىرىش.

① بالىياتقۇ تېمىنى: بالا ھەمرىيى چۈشكەندىن كېيىن، بالىياتقۇ ئۇزاققىچە كۈچلۈك قىسقىرايدۇ. بالىياتقۇ تۈۋى كىندىكنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرىدۇ. ھەر كۈنى بالىياتقۇ تۈۋى 2 ~ 1 سانتىمېتىر تۆۋەنلەيدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى 14-10 كۈن ئىچىدە بالىياتقۇ داس سۆڭەك بوشلۇقىغا كىرىدۇ. قورساقنى سىلىغاندا قولغا بىلىنمەيدۇ. تەخمىنەن 8 ~ 6 ھەپتە ئىچىدە، بالىياتقۇ نورمال ھالىتىگە كىرىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى 2-1 كۈنگىچە بالىياتقۇ قىسقىرىغانلىقتىن، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدا تۇتقاقلىق ھالدا قىسقىراش بولغانلىقى بىلىنىدۇ، كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. يەرلىك ئورۇننىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل تالالىرىنىڭ ھەجىمى كىچىكلەش نەتىجىسىدە بالىياتقۇ تەدرىجىي ئەسلىي ھالىتىگە كېلىدۇ.

② بالىياتقۇچ ئىچكى پەردىسى: بالا ھەمرىيى ۋە ھامىلە قېپى چۈشكەندىن كېيىن، بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىدە قېپقالغان سۇيۇلغۇچى پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، نىپاس خۇنى سىرتقا چىقىرىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىچكى پەردە ئۈسۈپ چىقىدۇ. تۇغۇپ 8-6 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، بالا ھەمرىيى چاپلىشىپ تۇرغان ئورۇندىكى يارا ئېغىزى تامامەن ساقىيىدۇ.

③ بالىياتقۇ بوينى: تۇغۇتتىن كېيىن، بالىياتقۇ بوينى بوشاپ كېتىپ، قىسمەن جايلىرىدا قان ئۇيۇپ قالىدۇ ۋە سۇلۇق ئىششىيدۇ. تۇغۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچكى ئېغىزى يېپىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينى ئەسلى شەكلىگە كىرىدۇ. تۇغۇتتا بالىياتقۇ بوينىنىڭ سىرتقى ئېغىزى زەخىملەنگەنلىكى ئۈچۈن، توغرىسىغا يېرىلغان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى 3-2 كۈندە بالىياتقۇ ئېغىزىغا ئىككى بارماق پاتىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن، پەقەت بارماق ئۇچىلا پاتىدۇ. 10 كۈندىن كېيىن پۈتۈنلەي يېپىلىدۇ.

(2) تاشقى جىنسىي ئەزا ۋە چات ئارىلىقىدىكى ئۆزگىرىش. تۇغۇتتىن كېيىن، جىنسىي يول تېمى سىلىق بولۇپ، 3-ھەپتىسىدىن كېيىن، قورۇقلار ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. لېكىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا بوش بولىدۇ. قىزلىق پەردە تاتۇقى قېپقالىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا ۋە چات ئارىلىقىدىكى سۇلۇق ئىششىق 2-1 كۈنگىچە يوقالمىسا ياكى قاتتىق ئاغرىسا، قانلىق ئىششىق پەيدا بولغان-بولمىغانلىقى ياكى ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش لازىم. ئەگەر يەڭگىل دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق بولسا، ئۆزلۈگىدىن ياخشىلىنىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق بولسا، يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزسە ياكى 50% لىك ماگنىي سولفات بىلەن ھۆللەپ تۇرسا بولىدۇ. ئەگەر تىكىلگەن بولسا، يىپنى ۋاقتىدا ئېلىۋېتىش كېرەك.

(3) بالىياتقۇ قوشۇمچىلىرىدىكى ئۆزگىرىش. بالىياتقۇ ئەسلىگە كېلىش بىلەن بىرگە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ. تۇخۇمداندىكى ھامىلىدارلىق سېرىق تەنچىسى ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە يىگىلەشكە باشلاپ، تۇغقاندىن كېيىن يېڭى تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. زور كۆپچىلىك ئاياللاردا بالا ئېمىتىش مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىم يىل ئىچىدە تۇخۇم چىقارمايدۇ ھەم يېتىلگەن تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىمۇ يىگىلەپ كېتىدۇ. ھەيزمۇ كەلمەيدۇ.

(4) دوۋسۇندىكى ئۆزگىرىش. تۇغۇتتىن كېيىن دوۋسۇننىڭ شىللىق پەردىلىرى ئىششىغان، قان ئۇيىغان، مۇسكۇللار بوشاپ كەتكەنلىكتىن، كلىنىكىدا دائىم ئۆتكۈر خاراكتېرلىك سۈيدۈك توسۇلۇپ قېلىش ياكى قالدۇق سۈيدۈك كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئاسانلا دوۋسۇن ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىدارلىق دەۋرىدە بەدەندە يىغىلىۋالغان سۇ تەركىبى تۇغۇتتىن كېيىن تېزلىكتە چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا چىللە مەزگىلىدە سۈيدۈك مىقدارى كۆپەيگەنلىكى بايقىلىدۇ. بەزى ئاياللاردا بولۇپمۇ تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا دوۋساق چىڭقىلىپ كەتكەن، لېكىن سىيگىسى كەلمىگەن ياكى ئۆزلۈكىدىن سىيەلمىگەنلىكى سەۋەبتىن سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ.

(5) سۈت بېزىدىكى ئۆزگىرىش. تۇغۇتتىن كېيىن كۆپكەن سۈت بەزلىرى مېڭە ئاستى بېزى ئالدى ياپرىقىنىڭ سۈت ئىشلەش ھورمونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 3-2 كۈندە سۈت بېزى ئېسىلىپ، قاتتىقلىشىپ، يەرلىك ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. پەقەت ئازراق سۈتلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ، بۇ ئوغۇز سۈت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بوۋاقلار ئۈچۈن دەسلەپكى مەزگىللىك ئەڭ ياخشى تەبىئىي ئوزۇقلۇقتۇر. تۇغۇتتىن كېيىن 4-3 كۈندىن باشلاپ، سۈت ئاجرىتىشقا باشلايدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللىق ھورمون، ھامىلىدارلىق ھورمون، بالا ھەمرىيى سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمونى تېزلىكتە ئازىيىپ، ھىفوپىز سۈت كەلتۈرگۈچى ھورموننىڭ تورمۇزلىنىشىنى توسۇپ، سۈت ئاجرىلىشقا باشلايدۇ. سۈت ئاجرىلىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئەمچەكنىڭ يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىدار ئايالنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ساغلاملىق ئەھۋالى، كەيپىياتى ۋە بالىنىڭ ئېمىپ غىدىقلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

چىللە دەۋرىدىكى كۈتۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش

1) ئادەتتىكى ئەھۋال ۋە دەم ئېلىش مۇھىتى. ياتاق تىنچ، پاكىز بولۇش، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. بولۇپمۇ ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھاۋا بەك نەم بولغاچقا، ھاۋا ئالمىشىش ياخشى بولماسلىق ۋە بەدەن ئاجىزلىقتىن، مەركەز خاراكتېرلىك تېمپېراتۇرا تەڭشەش فۇنكسىيىسى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېلىپ چىقىپ، چىللىدە ئىسسىق ئۆتۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھوشسىزلىنىش ۋە تارتىشىش ھالىتىگە كىرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىش كېرەك. زۇكام ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قىش پەسلىدە ئۆينى بەلگىلىك تېمپېراتۇرىدا ساقلاش كېرەك. ئەمما كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھاۋا ئالمشىشىقا دىققەت قىلىش كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە، تۇغۇتتا جىسمانىي سەرپىياتنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى ۋە ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ شۈمۈرۈلۈشىدىن تېمپېراتۇرىسى سەل ئۆرلەيدۇ، لېكىن 38℃ تىن ئاشمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك.

2) ئارام ئېلىش ۋە ھەرىكەت. تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەڭ دەسلەپكى 24 سائەتتە كارىۋاتتا يېتىپ دەم ئېلىش كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، 24 سائەتتىن كېيىن كارىۋاتتىن چۈشۈپ، ئۆي ئىچىدە ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، بۇ چىللە خۇنىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق ھەمدە داس بوشلۇقى ياكى ئاستىنقى مۈچە ۋېنالىرىدا قان نوكچىسى شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىللە دەۋرىدە ياخشى ئارام ئېلىش ۋە قانغۇدەك ئۇخلاش كېرەك. بالىياتقۇنىڭ ئارقىغا يۈزلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياتقاندا داۋاملىق ئوڭدا يېتىۋالماي، ئوڭ-سولنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېسىپ يېتىش ھەمدە بالىياتقۇ ساڭگىلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇزاق ئۆرە تۇرماسلىق، ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىك، ئازراق زوڭزىيىش لازىم.

3) يېمەك-ئىچمەك. تۇغۇتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماق بېرىلىدۇ، كېيىن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدە يېتەرلىك مىقداردا ئاقسىل، مىنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار بولۇشى كېرەك. بۇلار ئارقىلىق سۈتنىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ھەمدە ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى سەرپىيات تولۇقلىنىدۇ. ھەزىم قىلىش ناچارلىق كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاقسىل ئىستېمالى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىن، تېرىدىكى تەر بەزلىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىپ، كۆپرەك تەرلەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇخلىغاندا ۋە ئەمدىلا ئويغانغاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ چىللە تەرى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىنكى يېمەك-ئىچمەكتە يېتەرلىك سۇ تەركىبى بولۇشى ھەمدە ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ، تېرىنى پاكىز تۇتۇشى، بەدىنىنى داۋاملىق سۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.

4) چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش. تۇغۇتتىكى بېسىلىشتىن سىرتقى جىنسىي ئەزادا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇشى ياكى ئارىلىق يىرتىلىپ كېتىپ تىككەندىن كېيىن، ئاغرىش سەۋەبىدىن ياكى كارىۋاتتا يېتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سىيىشكە ئادەتلەنمەسلىك قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن دائىم تۇغۇتتىن كېيىن، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىغا تەسىر قىلغاچقا، تۇغۇتتىن كېيىن بالدۇرراق تەرەت قىلىشقا ئۈندەش لازىم. ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن 6~8 سائەتتىمۇ ئۆزى يەنىلا كىچىك تەرەت قىلالمىسا، ئالدى بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش ياكى يىڭنە سانجىش قاتارلىقلارنى قوللىنىپ سىيىشكە دەۋەت قىلىنىدۇ، ھەر خىل تەدبىرلەر ئۈنۈم بەرمىگەندە، قاتتىق دېزىنفېكسىيە ئاستىدا، نەيچە سېلىپ سىيدۈرۈلىدۇ. ئەگەر قەۋزىيەت بولسا، كۆكتات ھەم مېۋىلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى، بالدۇرراق كارىۋاتتىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا سۈرگۈ دورىسى بېرىش ھەمدە ھەمەلچە قىلىش لازىم. 5) ئارىلىق پەرۋىشى. ھەر كۈنى ئىسسىق سۇ ياكى 500∶1 لىك مەرگەنسوپ ئېرىتمىسى بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزا يۇيۇلىدۇ. يۇغاندا بۇلغانغان سۇنىڭ جىنسىي يولغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جىنسىي يول ئېغىزىغا دېزىنفېكسىيىلەنگەن قۇرۇق پاختا شارچىسى تىقىپ قويۇش لازىم. ئەگەر ئارىلىقتا سۇلۇق ئىششىق بولسا، 50% لىك ماگنىي سولفات ئېرىتمىسى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى 8 ~ 3 كۈندە ئارىلىقنى تىككەن يىپ سۇغۇرۇلىدۇ. ئەگەر يارا ئېغىزى يىرىڭلاپ كەتكەن بولسا، يىپنى بالدۇرراق سۇغۇرۇۋېتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا توك بىلەن داۋالاپ، دورا ئالماشتۇرۇپ ياكى يارىنى كوچىلاپ چوڭايتىپ بىر تەرەپ قىلىش، كېيىن ھەر كۈنى سىرتقى جىنسىي ئەزانى پاكىزلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

6) بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە چىللە خۇنى ئەھۋالىنى كۆزىتىش. ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بالىياتقۇ تۈۋىنىڭ ئېگىزلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش لازىم. تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى ھامىلىدار ئايال كىچىك تەرەت قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. چىللە خۇنىنىڭ مىقدارى، رەڭگى، پۇرىقىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر چىللە خۇنى دۇغلاشقان، مىقدارى كۆپ ياكى بەك ئاز، سېسىق پۇراش ئەھۋاللىرى بايقالسا ھەمدە بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولمىغاندا، يۇقۇملىنىش ياكى بالا ھەمرىيى، ھامىلە پەردىسىنىڭ قالدۇقى قېپقالغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك. شۇنداقلا سەۋەبىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

7) سۈت بېزى پەرۋىشى. تۇغۇتتىن كېيىن 8 ~ 6 سائەتتە ئېمىتىش باشلىنىدۇ. ئېمىتىشتىن ئاۋۋال ئەمچەك تۈگمىسىنى پاكىز يۇيۇش لازىم. بالدۇر ئېمىتكەندە، ئەمچەكنىڭ قېتىشىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى، سۈت ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئېمىتىش ۋاقتىدا بولۇشى كېرەك. ئادەتتە 4-3 سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتىلىدۇ. ئېمىتىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

(1) سۈت بېزى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئەگەر سۈت بەز كاناللىرىدا قاتتىق تۈگۈنچە شەكىللەنگەن بولسا، سۈت يىغىلىپ قېلىپ، سۈت بېزى ياللۇغى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن سۈت شورىغۇچى ئارقىلىق سۈتنى شورىتىپ چىقىرىش لازىم.

(2) سۈت يېتىشمەسلىك: ئالدى بىلەن ئانىنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا، قانغۇدەك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە يېتەرلىك سۇ تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىش كېرەك. قەرەللىك ئېمىتىش، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن قالدۇق سۈتنى سۈت شورىغۇچتا تولۇق شورىتىپ، سۈت يىغىلىپ قېلىپ، سۈت ئاجرىلىشقا تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

(3) سۈت قايتۇرۇش: ئانا ياكى بوۋاق سەۋەبىدىن ئېمىتىشكە بولمىسا، ئەمچەكنى تېڭىش ھەمدە سۇنى ئاز ئىچىش كېرەك.

(4) ئەمچەك تۈگمىسى يېرىلىش: بۇ ئەھۋال تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا ياكى ئېمىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغۇچىلاردا ئوڭاي يۈز بېرىدۇ، يېرىلىش پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئەمچەك تۈگمىسى بالىنىڭ شۇرىشىدىن ئاغرىپ كېتىپ، ئانا ئېمىتىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئەمچەكتىكى سۈت تولۇق چىقىرىلماي، سۈت مىقدارى تەدرىجى ئازىيىپ، ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغى كېلىپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەمچەكنى پاكىز تۇتۇش، ئېغىر بولسا، ئەينەك ئېمىزگە ئارقىلىق ئېمىتىش كېرەك. بۇ ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشكە پايدىلىق. 3.تۇغۇتتىن كېيىنكى چېنىقىش ۋە پىلانلىق تۇغۇت تۇغۇتتىن كېيىن 24 سائەت ئۆتسە، تۇغۇتلۇق ئايال بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش گىمناستىكىسى ئوينىسا بولىدۇ. بۇ پۇت كۆتۈرۈش ھەرىكىتى، ئوڭدا يېتىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى، مەقئەتنى قورۇش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇغۇپ 10 كۈندىن كېيىن، تىزلىنىپ يېتىش ھەرىكىتى قىلىپ، بالىياتقۇنىڭ ئارقىغا يۈزلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. يۇقارقى ھەرىكەت كۈنىگە 3-2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. چىللە دەۋرىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتكۈچىلەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش سايمىنى ئىشلەتسە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ. تۇغماسلىقنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا ئەگەر مەنئى قىلىنغان ئەھۋاللار بولمىسا، تۇغۇتتىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى تەكشۈرۈش: ئادەتتە تۇغۇپ 8 ~ 6 ھەپتە ئۆتكەندە ئىشلىنىدۇ. غەيرى ئەھۋال كۆرۈلگۈچىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈلىدۇ.  تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى: پۈتۈن بەدەن ئەھۋالى، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، سۈت بېزى ۋە سۈت ئاجرىلىش ئەھۋالى ۋە مۇنتىزىم ھالدا قان بېسىمنى تەكشۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەۋپلىك ھامىلىدار ئاياللاردا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button