ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىپىششىق دۇرىلار

124 يىللىق ھايات ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى

19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئەزىز دەريا يۇرۇڭقاش بوستانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ھەكىم، تىل ئۇستىسى، ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقتا نامى زىكىر قىلىنىپ، كۆپكە مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان تۇردى ھاجىم ئەنە شۇ نۇرلۇق يۇلتۇزلىرىمىز ئىچىدىكى قەدىمى 1980- يىللارغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن زاتى مۇبارەكلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. بىر ئەسىردىن ئارتۇق تېبابەت كامىللىقى بىلەن مەشغۇل بولۇپ سان- ساناقسىز بىمار، ئاجىزەلەرنىڭ جىسمانىي رەنجىگە شىپا، روھىغا مەدەت بېرىپ ياشىغان بۇ ئالىم ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنىڭ كارامىتىنى، پاساھىتىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت تارىخىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەردىن ئەللامە ئەللاھىدىن موللامەت خوتەنى، غوجا رەھىم ئاخۇنۇم، مۇھەممەت رەھىم شاھ بوۋا قاتارلىقلارنىڭ تەۋەررۈك دەستۇرلىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، زامانداشلىرى نىياز ھاجى، مىرئەخمەت ھاجى، ئەمەت ھاجىم، ئېلىخان ھەزرىتىم، ئابدۇللا داموللام، مەخسۇت ئاخۇنۇم، ماڭسۇر ھاجىم، مامۇت ھاجىم، تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم قاتارلىقلارنىڭ كامىللىقىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
مەرھۇم تۇردى ھاجىم تارىختىكى بىر قانچە قېتىملىق بوران- چاپقۇندا زابۇن بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر تېبابىتىمىزگە ئۆز ۋۇجۇدىدىكى چەكسىز ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋارسلىق قىلىپ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش، تولۇقلاش، بېيىتىش جەھەتلەردە سەمەرىيىلىك مېھنەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىنسان ساقلىقلىقىنى ساقلاشنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدىكى رېتسىپلىرىنى ئۆز جىسمىدا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يېگانە زاتتۇر. مەرھۇمنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرى بۇ ئالەمگە تەۋەللۇت بولۇپ كېيىنكى دەۋرلەردە دىيارىمىز نەيراڭۋازلىق بىلەن بىر- بىرلەپ قامچا ئوينىتىپ ئۆتكەن جىڭ شۇرىن، ياڭ زىڭشىن، شېڭ شىسەي قاتارلىقلارنىڭ جاھالەت دەۋرىدىن ھەمدە يېقىنقى مىللىي مەدەنىيتىمىزنى دەھشەتلىك ۋەيران قىلغان ئاپەتلىك مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ زامانىمىز ئۈچۈن يېڭى دەۋر ھېسابلىنىدىغان 80- يىللارغىچە توغرا 124 يىل ياشىغانلىقى ئىنسان بېشىدىكى زۇلۇم- زەخمەتنىڭ كۆپلىكى، تەبىئىي مۇھىيتنىڭ ۋەيرانچىلىقى دەۋران سۈرگەن ئەينى زاماندىن كۆرە ھازىرىقى زامانىۋى دەۋرىمىز ئۈچۈنمۇ مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.
ئىنسان پائالىيىتى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا ھاياتلىق ئۈچۈنلا بولىدۇ. پەقەت ھاياتلىقلا دۇنيادىكى بارلىق مۆجىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. جاھان سورىغان پادىشاھتىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈرۈپ يۈرۈشكەن تەركى دۇنيا دىۋانىلەرگىچە بۇ ئالەمدە بىر كۈن بولسىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئىستىكى بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئالىي پەزىلىتى بىلەن مىللىي تېبابىتىمىز قۇدرىتىنىڭ ئىنسان ئۆمرىنى ئۇزارتىشتا ئۈنۈملۈك رولى بار دېگەنگە قىزىققۇچىلار مەشھۇر ھەكىم تۇردى ھاجىم ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاب ۋە يازمىلارغا قاراتسا ۋاقتىنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىق.
تۇردى ئاخۇنۇم تەۋەككۈل يېزىسىدىكى داڭلىق ئۆلىما ۋە ھەكىم ئەخمەت ھەكىمنىڭ بىردىنبىر پەرزەنتى بولۇپ، تۇردى ئاخۇنۇم كىچىكىدىنلا ئاتىسىدىن يېتىم قالغان ھەمدە 15 يېشىغىچە ئانىسى جىنەستە خېنىمنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. ئۇ بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا شوخ، چېچەن ۋە ئەقىللىق بولۇپ، ئىلىمگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، ئانىسى جىنەستە خېنىم تۇردى ئاخۇنۇمنى 12 يېشىدا يۇرتىدىكى ئۆلىما ۋە ھەكىم تۇردى ئاخۇنۇمغا دىنىي ۋە تېببىي ئىلىملەرنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە شاگىرتلىققا ئەكىرىپ بەرگەن بولۇپ، تۇردى ئاخۇنۇم توختى ھەكىمنىڭ ھوزۇرىدا ئەرەب تىلى، ئوردۇ تىلى ۋە پارسى تىللىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن توختى ھەكىمنىڭ ئۆيىدىكى تېبابەت ئىلمىگە ئائىت دەستە- دەستە كىتابلاردىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىدىن دورا ياساشنى باشلىغان. ھەمدە ئۇنىڭ دىنىي بىلىملىرى، ئوردۇ تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە تېبابەتچىلىكتىكى ئۆزگىچە ئىقتىدارى سەۋەبلىك 10-20 يىل ئىچىدە ئالتە شەھەر تەۋەلىكىدە نامى چىقىشقا باشلىغان.
كېيىن تۇردى ئاخۇنۇم ئۇستازى توختى ھەكىمنى ھەج قىلدۇرۇپ كېلىش مەقتىسىدە ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان. ئېگىز قارلىق دالىلاردا، ھىندىستان دالىلىرىدا ئۇستازىنى بەزىدە ھاپاش قىلىپ، بەزىدە ئاتقا مىنگۈزۈپ دېگەندەك نۇرغۇن جاپالار بىلەن كاراچىغا ئاپارغان. ھەمدە كاراچىدىكى قىچىشقاق بولۇپ قالغان بىر ساقچىنى ۋە ئىنگىلىز ئەمەلدارنى داۋالاپ قويۇش بىلەنلا ئەتراپقا نامى چىقىپ كاراچى شەھىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئالاھىدە ئىززەتلىشىگە ئېرىشكەن. ھەمدە شۇلارنىڭ تەكلىپى بىلەن دېڭىز يولى ئارقىلىق ھەج سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، كاراچىغا قايتىپ كەلگەن. كاراچى شەھىرىدىكى ئەندەر دوختۇرخانىسى تۇردى ئاخۇنۇمنى ئەندەر دوختۇرخانىسىدا قېلىپ قېلىشىنى، نۇرغۇن تەمىنات ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ قىلىپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇۋالغان. تۇردى ئاخۇنۇم ۋە ئۇستازى توختى ئاخۇنۇم كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ شۆھرىتىنى بۇ يەردە كېڭەيتىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا تەجرىبە توپلاپ، تىببىي ئىلمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ ئەندەر دوختۇرخانىسىدا قېلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. توختى ئاخۇنۇم ئەندەر دوختۇرخانىسىدا قىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئەندەر دوختۇرخانىسى ئۆزى داۋالاپ ساقايتالمىغان 10 نەچچە بىمارنى تۇردى ئاخۇنۇمنىڭ داۋالىشىغا تاپشۇرغان. تۇردى ئاخۇنۇمنى ئۇيغۇر تېبابەت رېتسېىپلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ داۋالاپ ساقىيىپ، تۇردى ئاخۇننىڭ ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئىسلام ئاباد، دىھلى، بومباي قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقاپ كەسىپداشلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ھەم ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەرخىل تەمىنات ۋە تۇرمۇش شارائىتلىرى بىلەن تەكلىپ قىلىشقان. ئەمما تۇردى ئاخۇن ئەندەر دوختۇرخانىسىنىڭ دەسلەپتە بايقاپ، تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ رەت قىلغان. كاراچىدىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى تۇردى ئاخۇنۇمنى تەدرىجىي كۆندۈرۈپ كاراچىدا مەڭگۈ ئېلىپ قېلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، تۇردى ئاخۇنۇمدىكى كەيپىياتنى كۆرۈپ بولدى قىلىشقان. ئەندەر دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقىمۇ تۇردى ئاخۇنۇمغا بۇ تەكلىپنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق پەزىلەتنى ئاساس قىلىپ، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش مەقسىتىدە تۇرۇپ قالغانلىقىنى، يۇرتىنىڭ مىھرىدىن كېچەلمەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇستازىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتقان.
تۇردى ئاخۇنۇم يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇستازىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىدىكى ئەرەب، پارس، تۈرك، ئوردۇ تىللىرىدىكى پۇختا ئاساسى بىلەن «ئېكسىر ئەزەم»، «قارابادىن قادىرى»، « مۇھىتى ئەزەم»، «تېببىي ئەكبەر»، «ئەلقانۇن»، «مۇجىزىل قانۇن»، «تەھسىھىبلوك مەنافىئە» قاتارلىق مەشھۇر تېببىي كىتابلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ ئۇنىڭدىكى رېتسىپلارنى ئۆزى بىر ۋاسىتە سىناق قىلغان رېتپسىپلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رېتسىپلارنى تۈزۈش ھەم كۈندە ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغان بىمارلار ۋە پېقىرلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئىشى بىلەن بەند بولغان.
تۇردى ئاخۇن تېبابەت قانۇنلىرىنى خاس دورا رېتسىپلىرى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ پەزىلەت كامىللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قوياتتى. يەنە ئۇ ئادەم ئۆز تېنىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يامان ئادەتلەردىن قولىنى تارتمىقى، نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى، كۆڭۈل كۆكسى كەڭ، سېخىي، مەردانە بولمىقى لازىمدۇر دەيتتى. ئۇ بۇ خىل كۆز- قاراشلىرى بىلەن يۇرتتىكى ھەممە كىشىلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئىدى.
بۈيۈك يېپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدىغان لوپ بوستانلىقىنىڭ كۆزى ھېسابلىنىدىغان- سامپۇل دىيارىدىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرى يۇرتىدا تۇردى ئاخۇنۇمدەك ئىلىمدە يېتىشكەن بىر زاتنىڭ يوقلىقىدىن كۆڭلى پەرىشان بولۇۋاتقان مەزگىللەردە كېڭىشىپ تۇردى ئاخۇننى سامپۇل دىيارىغا تەكلىپ قىلىش قارىغا كېلىپ، مەسلىھەت بىلەن تۇردى ئاخۇنۇمغا ئاۋۋال باغ ۋارانلىق ئۆي تەييارلىدى ھەمدە يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن بىر قانچىنى تەۋەككۈل دىيارىغا ئەۋەتىپ توختى ئاخۇنۇم ۋە تۇردى ئاخۇننى سامپۇل دىيارىغا تەكلىپ قىلدى. ھەمدە كۆڭلىدىكى ئوي- خىياللىرىنى بايان قىلىپ، ئىككىلىرى تەۋەككۈل ئاسمىنىنى يورۇتۇپ كېلىۋاتقان ھۆكەر يۇلتۇزى، بىرلىرى بىزنىڭ سامپۇلنى يۇرۇتقايلا دېدى. بۇ گەپ توختى ئاخۇنۇمغا خېلىلا تەسىر قىلغاچقا ئاۋۋال تۇردى ئاخۇننى ئۆيلەپ قويدى ھەمدە سامپۇل مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئارقىمۇ- ئارقا سوۋغا- سالاملار بىلەن ئادەم ئەۋەتىشلىرى ۋە تەكلىپ قىلىشلىرى بىلەن « باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلماق مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئاساسى» دېگەن سۆزنىڭ زىكرى بىلەن تۇردى ئاخۇننى قايىل قىلىپ سامپۇل دىيارىغا يولغا سالدى.
كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى. توختى ئاخۇن بۇ جەرياندا ئۆگىنىشنى، ئىزدىنىشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. سان- ساناقسىز بىمارلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى، ئاجىز، يېتىم- يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. « تەرياق » ئىسىملىك دورىنى نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىپ، بۇ دورىنىڭ 90 نەچچە خىل كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ھەمدە بۇ دورىنىڭ كېينكى ئەۋلاتلارغا مىراس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇستاز- شاگىرت سۆيۈنۈپ كېتىشتى.
1956- يىللىرى كۈز ئايلىرىدا يۇرۇڭقاش بازىرىدا تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلھېمىت مۇھەممەدىنى چاقىرىتىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىراقتىن كېلىپ كېسەل كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە جاپادا قېلىۋاتقانلىقىنى شۇڭلاشقا ناھىيىدىكى تېۋىبلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۈچ بارلىرى كۈچ، ئىقتىسادى بارلىقى ئىقتىساد چىقىرىپ لوپ ناھىيىسىدە ئامبۇلاتورىيە بىرلەشمىسى قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە ئابدۇلھېمىت مۇھەممىدىنىڭ ياخشىلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىشقا باش بولۇپ بېرىشنى ئېيتتى. بۇ گەپ ئابدۇلھېمىت مۇھەممەدىگىمۇ تازا خۇش ياقتى ھەمدە ئەلىخان ھەزىرەت، تۇردى ئاخۇن، ئابدۇلمىھىت مۇھەممەدى قاتارلىق ناھىيە تەۋەلىكىدىكى تىۋىبلار ھەمكارلىشىپ ئامبۇلاتورىيە قۇرۇشقا كىرىشتى. تۇردى ئاخۇن ۋە ئابدۇلھېمىت مۇھەممىدى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۈسكۈنە ۋە دورا- دەرمەكلەرنى ئىككى يېنىغا قارىماستىن ئامبۇلاتورىيىگە ھەدىيە قىلىۋەتتى. لوپ ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى ئامبولاتورىيەنىڭمۇ تېزدىنلا يىراق- يېقىنغا نامى تارقىلىپ، نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا بېرىپ بىردىنلا داڭقى چىقىپ كەتتى ھەمدە خوتەن تەۋەسىدىكى بىردىن بىر ئامبۇلاتورىيە بولۇپ قالدى. تۇردى ئاخۇنمۇ ساقايمىغان نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىپ، يىراق- يېقىنغا نامى تېخىمۇ بەكراق تارقىلىشقا باشلىدى.
لوپ ناھىيە ئامبۇلاتورىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ، خاسىيەتلىك قەدەملەر 1965- يىللىرىغا كەلگەندە مۇدھىش بورانلار ئالەمنى قاپلاپ كەتتى. سىنىپىي كۈرەشلەر ئىنسانلارنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرۇپ، بىر- بىرىگە ئۇۋا كولايدىغان، بىر- بىرىنى نابۇت قىلىدىغان كۈنلەر باشلاندى. ئامبۇلاتورىيە ۋە ھەكىملەر خۇراپىي جىن- شاياتۇنلار، سىنىپىي دۈشمەنلەرگە يان- تاياق بولغانلار، سەكسەن خالتىلىق ئالدامچىلار دەپ ئاتىلىپ، ئېغىر ئاھانەتكە قېلىشتى ھەمدە ئامبۇلاتورىيە تاقىلىپ قالدى. ئەل ئاۋامنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن بۇ گۈلىستاننىڭ بۇنچە تېزلا چەيلىنىپ تاشلانغانلىقىغا قاراپ تۇردى ئاخۇنۇم يىغلاپ تاشلىدى ھەمدە خوتۇن- بالىلىرىنى ئېلىپ سامپۇلغا قايتىشتى. ئەمما بۇ قارا قىسمەتلەر قوغلىشىپ تۇردى ئاخۇننىڭ قورۇسىغىمۇ يېتىپ كەلدى. ھەمدە تىل- ئاھانەت ۋە دەشنەملەر بىلەن تۇردى ئاخۇنۇمنىڭ ئۇستازلىرى ۋە ئۆزى يىغىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان بارلىق كىتابلارنى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ ئوت قويۇشتى. تۇردى ئاخۇنۇمنى بولسا ئامبۇلاتورىيە بىناسىغا ئېلىپ چىقىپ 40 كۈن نەزەربەنىت قىلىشتى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان سامپۇللۇق كىشىلەر دەسلىپىدە قويۇپ بېرىلىپ قالارمىكىن دېگەن نىيەتتە ساقلاپ باققان بولسىمۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى كۆرۈپ، ئاخىرى يىغىلىپ، توپلىشىپ تۇردى ئاخۇندا گۇناھ يوق دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، تۇردى ئاخۇننى ئاچىقىۋالدى. ئەمما ئاۋانگارتلار تەرىپىدىن كىسەل كۆرۈشى، سىرتقا چىقىشى قاتتىق چەكلەندى. تۇردى ئاخۇنمۇ كېيىنكى تۆت يىلنى جەينامازدا بۇغۇلۇپ- بۇغۇلۇپ يىغلاش بىلەن ئۆتكۈزدى.
1972- يىللىرىغا كەلگەندە بۇ زېمىنغا تارىختىن بىرى قان- تەرىنى، ئەجىر- مىھنىتىنى سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنى بىسەرەمجان قىلىۋەتكەن ئىدى. تۇردى ھاجىممۇ بۇ چاغقىچە 110 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ئۆيىدە تېبابەتچىلىك ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ چامىنىڭ يېتىشىچە « ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى » ناملىق كىتابىنى يېزىپ ئىنسان بەدىنىنىڭ ئۇزاق مۇددەت سالامەتلىكىنى ساقلاشنىڭ مىللىي تېبابەتتىكى رېتپسىلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت خاسىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە خوتەن ۋىلايىتىدە چۇما كېسىلى تارقالدى. تۇردى ئاخۇنۇممۇ تەجرىبىسى ۋە ئۆزىدىكى تېببىي جەھەتتىكى ئىلمىگە ئاساسلىنىپ دورا ياساپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىپ بەردى.
1975- يىلىغا كەلگەندە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت ئامبۇلاتورىيىسى قۇرۇلدى ھەمدە ئابدۇۋايىت ھاجىم، ئېلىخان ھەزرىتىم، تۇرسۇنتوختى ھاجىم، ئەمەت ھاجىم، ئابدىكىرىم ھاجىم، ئېلى ھاجى قۇرباننىياز، باقى ئالىم، ھەبىبۇللا يۈسۈپ ھاجىملارلار ئىشقا چۈشتى. بۇ خەۋەر تۇردى ئاخۇنۇمغا يەتكۈزۈلگەن ۋە تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن تۇردى ئاخۇنۇم يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىغا قارىماي بۇنداق خاسىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلمىسام بولماس دەپ دەرھال قوشۇلدى. تۇردى ئاخۇنۇم ئامبۇلاتورىيىگە ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن كىسەل داۋالاپ، يەنە بىر تەرەپتىن شاگىرت تەربىيىلەپ، يېڭى قۇرۇلۇپ ئىشلىرى يۈرۈشمەي تۇرغان ئامبۇلاتورىيە قاينام- تاشقىنلىققا تولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئابدۇلھېمىت يۈسۈپ داموللام ئۇزاق مۇددەتلىك مەھكۇملۇقتىن ئازاد بولۇپ، ئامبۇلاتورىيىگە ئىشقا چۈشتى. تۇردى ھاجىم ئەتراپلىق يېتىلگەن بۇ ئالىم بىلەن ئامبولاتورىيەنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ نامىنى يىراق- يېقىنغا تاراتتى. ئابدۇلھېمىت يۈسۈپ داموللام تۇردى ھاجىمنى تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭ ئىنسان ساقلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تەتقىقاتىغا يېقىندىن ماسلاشتى. كۆرگەن- بىلگەنلىرى كۆپ بولغان تۇردى ئاخۇن بىلەن چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان ئابدۇلھېمىت يۈسۈپ داموللام خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى يىمىرىلمەس كۈچكە ئايلاندى.
بىر كۈنى بېيجىڭدىن بىر مۇخبىر كەلدى ھەمدە تۇردى ئاخۇنۇمدىن بۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزدە نېمە ئاساسلىق رول ئوينىدى دەپ سورىدى؟
تۇردى ئاخۇنۇم ئېغىر بېسىق، سالماق بولدۇم، بېشىمغا ھەر قانداق ئېغىر كۈن كەلسىمۇ، ياخشىلىق يولىدىن يانمىدىم، سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىلەر دېگەن جاۋابنى بەردى.

خاتىمە:
مۆھتەرەم ئۆلىما، ئەمەللىرى مۇنەۋۋەر بولغان تېبابەت ئالىمى تۇردى ھاجىم خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن ئاجايىپ زور ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ ساناقسىز بىمارلارنى كېسەل ئازابىدىن قۇتقۇزدى. قانچىلىغان ئىخلاسمەن كىشىلەرنى تېبابەت ئىلمى بويىچە تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. بۇ كۈنلەردە ئازابقا مەھكۇم بولۇپ ئۇدا ياش تۆكۈپ ئۆتكۈزگەن ئەشۇ يىللارنى كۆپرەك ئىشلەپ ھايات مەنزىللىرىگە قوشۇۋالماقچى بولغاندەك قىلاتتى.
1984- يىلى تۇردى ھاجىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ئوغلى ئابدۇغۇپۇر ھاجىم 120 ياشتىن ھالقىغان مۇبارەك دادىسى تۇردى ھاجىمنى ئېلىپ مەككە مەدىنەمگە قاراپ يول ئالدى. بۇ قېتىم تۇردى ھاجىم يۈز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇستازى توختى ئاخۇنۇم بىلەن ھەمسەپەردە تارتقان مۇشاقەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ تارتماي شۇنچە تېز بەيتۇل مۇقەددەسكە يېتىپ كەلدى. ھەر قايسى ئىقلىملاردىن بۇ مۇقەددەس ماكانغا توپلانغان خىلمۇ خىل زۇۋاندىكى كىشىلەر يەنە ئاجايىپ كارامەتلەرنى كۆرۈشتى. تۇردى ھاجىمنى ئارىغا ئېلىۋېشىپ سوئاللارنى ياغدۇرۋېتىشتى. بۇ ھال خۇددى يۈز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تۇردى ھاجىم مەرھۇم ئۇستازى توختى ئاخۇنۇمنى يۈدۈپ كاراچى كوچىسىدا كېتىۋاتقاندا كىشىلەرنىڭ ھەيرانۇ- ھەس بولۇشۇپ قورشىۋالغان ھالەتكە ئوخشايتتى. ئۇلار ھەج پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەككىدە نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىتتە تۇردى ھاجىمنىڭ 120 ياشتىن ھالقىقاندىمۇ گۈس- گۈس دەسسەپ ماڭىدىغانلىقى، شۇنچە دىمىق بولغان مۇھىتتىمۇ دىمىنىڭ سىقىلمىغانلىقى مۆجىزە ھېسابىدا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ ئالاھىدە خەۋەر دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا توپلانغان ساناقسىز كىشىلەرنى جەلپ قىلغان بولسىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنى چوڭقۇر ھەسرەتتە قالدۇردى. چۈنكى پادىشاھ ئالىيلىرى گىزىتتىن تۇردى ھاجىم توغرىسىدىكى ئاجايىپ خەۋەرنى كۆرۈپ بۇ مۆھتەرەم ئۆمۈر چولپىنىنى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ئىسسىق قوللىرىنى سىقالمىغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئوردا مۆتىۋەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇردى ھاجىمنىڭ ھەجگە تاۋاپقا كەلگەنلىكىنى پادىشاھقا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچۈن پادىشاھتىن تەنبىھلەرگە قالغانلىقىنى خوتەندىن ھەجگە بارغانلارغا دەپ بېرىشتى. نام شەرىپى، ياخشى ئەمەللىرى سەئۇدىدىكى پادىشاھىدىن خىلۋەت ماكان تەۋەككۈل بوستانلىقىدىكى ئاددىي كىشىلەرگىچە ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن بۇ مەشھۇر ھەكىم 1987- يىلى 124 يېشىدا بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ئەشۇ قاباھەتلىك يىللاردا مەھكۇملۇقتا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 105 يىل تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى. مۇبادا بىز ھەكىمنىڭ بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن دەپ قارىساق بىر يىلدا 3650 نەپەر بولىدۇ. 100 يىلدىچۇ ؟ بۇ ئاجايىپ ھايات، ئاجايىپ مۆجىزە…

مەزكۇر يازما مەتسېلىم مەتقاسىم تەرىپىدىن يېزىلغان، تۇردى ھاجىم ھاياتىغا بېغىشلانغان « تۇردى ھاجى » ناملىق كىتابقا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، نۇرلۇق ئۇيغۇتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى توربىكىتى تەرىپىدىن قايتا تەييارلاندى.

تۆۋەندە تۇردى ھاجىمنىڭ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان تېببىي ئىلىم ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى ئۈزۈندىلىرىدىن سۇندۇق.
– ئىنسانغا تېگىدىغان ئەڭ ئېغىر كېسەل ھەممە ئىشتا ئۆزىنى ئويلاش، ئۇنىڭدىن قالسا ھەسەت ۋە قانائەتسىزلىك. بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى يوق. چۈنكى ئىنسان بۇ كېسەلنى ئۆزى خالاپ تېپىۋالىدۇ. ئەمما ساقلىنىشنىڭ يوللىرى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېتىقاد، مۇبادا ئىنساندا ئېتىقاد بولمىسا ئۆزىنى سالامەت ھېسابلاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ. غەلۋىردە دان تۇرماي كېرەكسىز غەلە- غەشلەر قالىدىغانغا ئوخشاش بەدەندە ھەرخىل كېسەللىك قالىدۇ.
-كۆپ ھاللاردا ئىنسان ئۆزىنى- ئۆزى نابۇت قىلىپ كېسەل تېپىۋالىدۇ.
-ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن ئەلاسى نىيەت، چۈنكى ئىنساننىڭ بەخت- سائادىتى ئۇنىڭ نېيىتىگە باغلىق.
– تېبابەت ئىلمىدە ئىنساننىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق بولغان رېتسىپ داۋاملىق ياخشىلىقنى كۆزلەش، ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن سۆيۈنۈش.
– قادىر ئىگەم ئىنساننى دۇنياغا ئەزىز قىلىپ ياراتتى. ئۆزىنى قەدىرلەش ياكى نابۇت قىلىش ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدا، ئەقىللىق ئىنسان ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پېشانىسىگە پۈتۈلگەننى كۈتۈپلا تۇرمايدۇ. بەلكى يارىتىلغاندىن كېيىن ئۆز- ئۆزىنى قايتا دەڭسەپ ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى بىشارىتىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ قولىدىن مەڭگۈ ياخشىلىق قىلىش كېلىدۇ. ئۇ ئازدۇرغۇچى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمىسىلا ئەسلى ماھىيىتىنى يەنى ئەزىزلىگىنى نامايەن قىلالايدۇ.
-ئاللاھ ئىنساننىڭ ئۆز ئەمىلىنى ئالدىن خەۋەردار قىلىپ قويسا ئۇ چەكلىمە ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولغان ئەزىزلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمايدۇ. مۇبادا خالىسا ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشىلىقنى كۆزلەپ ياشىسىلا ئاخىرىدا ھەممە ئۆزلىرى ئايان بولىدۇ.
-ئېتىقادنىڭ تېبابەت بىلەنلا ئەمەس، ئىنساننىڭ بارلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى چەكسىزدۇر. بىز تېبابەتتە ئىنساننىڭ مەشخۇلاتى بىلەن روھىي ھالىتىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىمىز. كېسەللىكمۇ كۆپ ھاللاردا مۇشۇ ئىككى نۇقتىغا مۇجەسسەملىنىدۇ. مەشخۇلات ئىنساننىڭ تاشقى ئىپادىسىنى ئاشكارىلىسا روھىي ھالەت ئۇنىڭ ئىچكى ھالىتىنى ئاشكارىلايدۇ. دېمەك ساغلام تەن روھىي ھالەتنىڭ ياردىمىسىز بارلىققا كەلمەيدۇ. تاشقى ئالەمدىن كېلىدىغان زەخمەتنى ئىنساننىڭ روھى ھالىتى چەكلەپ تۇرمىسا ھاياتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ.
– ئىلىم ئەھلى باشتىن- ئاخىرى ئىرادىلىك بولۇشى، يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ تېبابىتىمىز كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ كارامىتىنى ئالەمگە نامايەن قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەدەل تۆلەشكە تەييار بولۇشىمىز زۆرۈر.

تامام !

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

2 باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button