ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىساغلاملىق بىلىملىرى

ﭼﺎﭺ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟

بەزىلەرنىڭ چېچى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىدۇ، ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، بۇنداق ئەھۋالنىڭ يەنە مۇنداق سەۋەبى بارلىقىنى بايان قىلدى:
  ۋىتامىن B12 ئازىيىش : ۋىتامىن B12 ئازايسا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ، چۈنكى بۇ خىل ۋېتامىن نېرۋا ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساغلام قىزىل قان دانچىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئەگەر چاچقا تۇيۇقسىز ئاق كىرسە، سەدەپ قۇلۇلىسى، ئوستېر قۇلۇلىسى، توخۇ گۆشى ۋە سالمان بېلىقى يەپ ۋىتامىن B12 نىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىش زۆرۈر.
تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، چۈنكى تاماكىدا بار توكسىن ۋىتامىن B12 نى خورىتىپلا قالماي، يەنە قېرىشىنى تېزلىتىپ، ئارتېرىيە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ،شۇڭا تاماكا تاشلاش چاچنى ئاسرايدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر.
  بېسىم: بېسىممۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، بىراق بۇ جەرياننى ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ چاچ بوياقنى ئاز ئىشلىتىپ، كۈن نۇرى تاۋلانغان چاغدا دالىدا پائالىيەت قىلسا، چاچنىڭ ئاقىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

 

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button