ئەرلەر ساغلاملىقى
تۆۋەندىكىلەر ئەرلەردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىككە سەۋەب بولىدۇ
يانفوننى كۆپ ئىشلىتىش .
يانفون بىر خىل رادىياتسىيە تارقىتىش بىلەن بىللە مىكرو دولقۇن تارقىتىدۇ ، كۆپ ئىشلەتكەندە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنى نېرۋا سىستېمىسى ، قان ئايلىنىشى ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار ، بۇنىڭدىن باشقا ، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
گىرىم قىلىش .
بەزى ئەرلەر گىرىم بۇيۇملىرىنى ئايالى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدۇ ، لېكىن ئاياللارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىدا ئانىلىق ھورمون بولۇپ ، ئەرلەر ئىشلەتكەندە ئىچكى ئاجراتمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، پەرزەنت كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ھورداقخانىدا كۆپ يۇيۇنۇش .
ھورداقخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولغاچقا ، كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، پەرزەنت كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ھەددىدىن زىيادە تار ئىشتان كىيىش .
ھەددىدىن زىيادە تار ئىشتان ئۇرۇقنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇڭا تار ئىشتان كىيمىگەن ياخشى .