ئەرلەر ساغلاملىقىئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى
مەزى بېزى ياللۇغى جىنسىي ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋەتسىز
فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، زەكەرنىڭ قوپۇشى زەكەرنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى، نېرۋا، قان تومۇر ۋە ئىچكى ئاجراتما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەزى بىزى ياللۇغى يۇقىرىقى ئامىللارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
مەزى بىزى ياللۇغى بولۇپ قالغاندا، ئۇنى روھىي جەھەتتىن ئارتۇقچە بېسىم قىلىۋالماسلىق كېرەك. بىر جەھەتتىن، مۇنتىزىم چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ئەرلەر بۆلۈمى ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىرى بۆلۈمىدە داۋالىنىش؛ يەنە بىر جەھەتتىن، مۇناسىۋەتلىك تېببىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ، زۆرۈر بولمىغان ئەندىشىنى تۈگىتىش كېرەك. تۇرمۇشتا ھەدىدىن ئارتۇق چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش، ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، ۋېلىسپىتنى ئۇزاق مىنمەسلىك، ئاچچىق يېمەكلىكنى ئاز يېيىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش، بۇنىڭدىن سىرت، جىنسى تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.