بىز ھەققىدە

شىپاخانىمىزنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ۋە فىزىكىلىق داۋالاش مەركىزى

شىپاخانىمىز 2016 – يىلى 9-ئايدا مۇھاجىرەتتە قۇرۇلغان بولۇپ قىسقىغنە ۋاقىت ئىچىدە كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە دوختۇرلىرمىزنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ ئەستايىدىل كېسەل داۋالىشى بىلەن ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەركىسەللىكلىرى ۋەسۈڭەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا نۇرغۇنلىغان شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . شىپاخانىمىزدا داۋالاش جەريانى ئىلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق داۋالاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك زىيانسىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مۇباداكىسەللىككە گىرىپتاربۇلۇپ قالسىڭىز سىزنى كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇلىمىز كۆكسىمىزدە.

2014 يىللىق ۋەتەندىكى ئۇقۇش پۇتتۇرۇش خاتىرە سۆرىتىمز

نىشانىمىز ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە تېگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش

2013 يىللىرى بىز خىزمەت قىلغان ئامبۇلاتۇرىيەنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى

شىپاخانىمىزدا كۆپىنچە داۋالاش ئىشلىرى ئۇيغۇرتىبابەت تەبئىي ئۈسۈملۈك خام دۇرىللىرىنى ئاساس قىلدىغان بولۇپ  بەزى كىسەللىكلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇرەككەپ دۇرىلار ئايرىم تەييارلاپ بېرىلدۇ !

داۋالاش تۈرلىرىمىز

  • پەللىلەر بويىچە پۈتۈن بەدەن ئۇۋلاش ,
  • ئوت بىلەن داۋالاش ,
  • ئەمەن بىلەن داۋالاش ,
  • فىزىكىلىق ئاپىرات بىلەن داۋالاش ,
  • يىڭنە سانجىپ داۋالاش ،
  • قۇرۇق يىڭنە بىلەن داۋالاش ,
  • سۈلۈك بىلەن داۋالاش ،
  • قۇرۇق يىڭنە بىلەن ساغلام ئورۇقلاش ,
  • قان ئېلىپ داۋالاش (ھاجامات ) ،
  • دورىلىق پۇت چىلاش ،
  • لوڭقا قويۇش ،
  • سېرىپ داۋالاش ,
  • پۈتۈن بەدەن ئۇۋلاش ،
  • ئاستى ھورداق ,
  • پۇتۇن ھورداق بىلەن داۋلاش ,
  • بەل تېڭىش ،
  • دورا سىلىپ داۋالاش ,
  • ئۈزۈك سېلىش ،
  • ئۈزۈك ئېلىش ،
  • TDP بىلەن مايلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ،
  • ئېنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ،
  • ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىلىلىرى ئارقىلىق مىزاج تەڭشەش ۋە ئۇزۇقلۇق تەڭشەش .

 – ئالاقە بېتى –

Back to top button