تارىخى شەخىسلەر

مەشھۇر ئالىم – جامالىدىن قەشقەرى

جامالىدىن قەشقەرى قەشقەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر مۇددەرىس.
ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپى- ئۇرقۇن ،شامان ، مانى مائارىپ دەۋرى( 552 ~ 844 يىللىرى) ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى( 850 ~ 1250 – يىللار ) بۇددىزىم مائارىپى دەۋرى( 75 ~ 992- يىللار) جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىيلار ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى( 870 ~ 1211 -يىللىرى)گە قەدەم قويدى. بۇ دەۋىردىكى مائارىپ – ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ ، پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغان ئىدى. ھەممە ۋىلايەت ناھىيەلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان ، بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالى بىلىم يۇرتى« مەدىرىسەئىي ساجىيە » تەسسىس قىلىنغان ئىدى. بۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ دەرىسلىكلىرى – ماتېماتىكا ، يۇنان پەلسەپىسى ، تىلشۇناسلىق ، ئاستۇرنومىيە ، تىبابەتچىلىك ، ئىلمىي مەنتىق(لوگىكا) ، تارىخ ، جۇغراپىيە ۋە ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كېڭەيگەن. بۇنداق ئالى بىلىم يۇرتىغا جامالىدىن قەشقەرىگە ئوخشاش داڭدار ئالىملا ، ئاتاقلىق مۇددەرىسلەرلا دەرىس بېرەلەيتى.

جامالىدىن قەشقەرى ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېنىڭ مەلۇمات يوق. تۇلۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئۇ 10- ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان ھەمدە ھەرقايسى پەنلەردىكى ئجتىھاتى ئۇنى ئۆز دەۋىرنىڭ ھەر تەرەپلىمە يىتىشىپ چىققان ئالىمىغا ئايلاندۇرغان. شۇڭا ئۇ ‹‹ مەدىرىسەئىي ساجىيە››گە مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنىپ ، ئۇزۇن يىللار مۇددەرىسلىك قىلغان.

جامالىدىن قەشقىرى قارا خانىيلا نىڭ پايتەختى قەشقەردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر مۇددەرىس . ئۇيغۇر كلاسسك مائارىپىنىڭ يىتەكچىسى . ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن «مەدرىسە ساجىيە » دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بۇيىچە مۇتەخەسىسلەر، ئاتاقلىق ئالىملار، ئەدىبلەر، مەشھۇر جەرراھ (ۋىراچ)لار، پەيلاسوپلار يىتىشىپ چىققان، ھەتتا ئۇلاردىن بىرقىسىمى ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تۇنۇلغان


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button