ئوزۇقلۇق ئىلمى

يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش

قىسقىچە مەزمۇنى

قىسقىچە چۈشەنچە

يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش

يېمەك – ئىچمەك بىلەن داۋالاش بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوزۇقلىنىش تەرتىپلىرىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشەش، زىيان قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىىىتېمال قىلىشتىن توسۇش ئارقىلىق ھەر قايىىىى ئەزالارىنىڭ خىزمىتىنى نورماللاشتۇرۇش، قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېسەلنىڭ تېزراق ساقىيىشىغا شەرت – شارائىت ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارەت. كېسەل داۋالاشتا يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى مۇھىم ھەم ئاساسلىق ئورۇننى ئېگەللەيدۇ. ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىپ يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندە، يالغۇز ھاياتلىقنى قامدىغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تەن ساغلاملىقنى كۈچەيتكىلى، كېسەللىكلەرنىڭ ئادىنى ئالغىلى ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. شۇڭا ھازىر خەلقئارادىكى نۇرغۇى دۆلەتلەردە يېمەك – ئىچمەك بىلەن داۋالاش بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتماقتا. بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئەجدادلىرىمىز ئۆزنىڭ باي تۇرمۇش تەجرىبىسى ئارقىلىق ئوزۇقلۇقنىڭ شىپالىق ئەھمىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، زۇكام بولۇپ قالغاندا سامساق سېلىپ شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ ئىچىش، قىزىتما بولۇپ قالسا شوۋۇگۈرۈچكە قارا ئۇرۈك سېلىپ ئىچىش، بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەندە ھالۋا ئېتىپ يېيىش، كاۋاپ يېيىش، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە ياكى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغاندا ئاچچىقسۇ، مۇچ (لازا ) بىلەن لەڭپۇڭنى يېيىش، قوي يېغىنىڭ پولوسىنى يېگەندە، ئاچچىقسۇ بىلەن تۇرۇپتا سوغۇق سەي قىلىپ قوشۇپ يېيىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ بۇرۇندىنلا ئوزۇقلىنىشنىڭ شىپالىق ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ۋە ھەرخىل يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندە پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى تولۇق كۈزەتكەنلىكنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقانداق بىماردىكى كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرىنى كونا ۋە يېڭى ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۇنىڭ ماددىي ۋە روھىي ئالامەتلىرىگە ئاساسەن، دىئاگىنوز بېكىتىلگەندىن كېيىن، كېسەللىكنىڭ تىپى ۋە خاراكتېرىگە قاراپ داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللىنىلىدۇ. كېسەللىك ئەگەر بەدەنى سەۋەبلەردىن: ماددا ئالمىشىشنىڭ بۇزۇلۇشى، بەزى ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى، قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆپىنچە داۋالىق ۋە شىپالىق تاماق ۋە ھەر خىل تولۇقلىغۇچى ماددىلار، پەرھىز قائىدىلىرى بىلەن داۋالىنىدۇ. بۇنداق كېسەللەرنى مەخسۇس تاماق ماددىلىرى ۋە ھەرخىل شىپالىق مېۋە – چىۋىلەر بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش- يىمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش(ئىلاجى بىتتەغزىييە) دېيىلىدۇ. مەسىلەن، قېرىپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن، ئۇزۇن يىللار خىزمەت ئىشلەپ چارچاپ كەتكەن، ئۇزاق مۇددەت كېسەل تارتىپ ئاجىزلىشىپ قالغان، بەدەندە ياكى مەلۇم ئەزالاردا فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجقا مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر ۋە ئۇرۇقلاپ جۈدەپ كەتكەنلەرمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن داۋالىنىدۇ، شۇنىڭدەك باشقا كېسەللەرنى داۋالاش جەريانىدىمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە پەرھىز قائىدىلىرى بىرىنچى ئورۇندا قويۇلىدۇ. يېمەك – ئىچمەك بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى يىمەك ئىچمەك بىلەن داۋالاش يېمەك – ئىچمەك بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەك بىلەن خىلىتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە نورمال ئوزۇقلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. يېمەك – ئىچمەك ئورگانىزېمنى ھاياتلىق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسىي مەنبە بولۇپ، ھاياتلىق ئوزۇقلۇقلاردىن ئايرىلالمايدۇ. ئوزۇقلۇقلار يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي، قەنت، مىنېرال ماددىلار ۋە تۈرلۇك ۋىتامىنلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بولسا بەدەن ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئوزۇلاق تەركىبىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئورگانىزمدىكى پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان مۇرەككەپ سويۇقلۇق تۆت خىلىتنى ھاسىل قىلغۇچى ئاساسىي بىرىكمىلەردىن ئىبارەت، يېمەكلىكلەر بەدەنگە كىرگەندىت كېيىن بەدەندىكى ھەر قايسى قۇۋۋەتلەرنىڭ تۈرۈتكىسىدە تۆت خىل ھەزىمنى تاماملاپ، بەدەننىڭ تەركىبى قىسىمىغا ئايلىنىدۇ. ۋە بەدەننى تېگىشلىك قۇۋۋەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. دېمەك يېمەكلىكلەر خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ماددىي خام ئەشىيا ھېسابلىنىدۇ. خىلىتلار ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزلۈكسىز سەرپ قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە يېڭىدىن ئىشلىنىپ تولۇقلىنىپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنى ماددىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ ھەمدە ئورگانىزېمىنىڭ نورمال فزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى بېجىرىشكە ئاساس سالىدۇ. يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە غەيرىي تەبىئىيلىق بولسا خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىدىمۇ مەلۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ. خىلىتلاردا ئۆزگىرىش بولسا، خىلىتلارنىڭ ئەڭ لەتىپ ئۇچۈچان قىسىمىدىن ھاسىل بولغان روھلاردا ۋە بەدەندىكى ھەر قايسى قۇۋۋەتلەردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. نەتىجىدە قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ، بەدەندىكى «تەبىئەتكۇچى»ئاجىزلاپ، بەدەندە ھەرخىل كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ ياكى كبسەللىكلەر قوزغىلىدۇ. ئادەتتە مەلۇم بىرخىل يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ياكى پەقەت ئىستېمال قىلمىغاندا ياكى ئوزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەن ياكى ئوزۇقلۇق تەركىبى بەك يۇقىرى يبمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا مەلۇم تەركىب بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىقى ياكى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ، مەلۇم تەركىبلەرنىڭ بەدەندە تولۇق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن خىلىتلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ھەرقانداق مۇرەككەپ شەيئىنىڭ پەيدا بولىشىدا تۆت خىل ئامىل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئامىللار، ماددىي ئامىل، ئىشلىگۈچى ئامىل، شەكىل ئامىل، ۋە نەتىجە ئامىل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، تەبىئەت دۇنىياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھاسىل بولۇش مۇشۇ تۆت ئامىلغا باغلىق بولىدۇ، ھەتتا ئادەم بەدىنىدىكى تەبىئى خىلىتلاردىن تەبىئى روھلار ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇنشى ياكى ئۇلارنىڭ غەيرىي تەبىئى ھالەتكە ئۆزگىرىپ كېتىشى ھەمدە ئۇلار ئۆزىگە خاس بولغاس بولغان رولى ۋە نەتىجىسىمۇ يۇقىرىقى تۆت شەرتلىك قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا بولمايدۇ. 1. ماددىي ئامىل : پولو، لەغمەن، گۆش، ياغ، سۈت، شېكەر، ھەرخىل كۆكتات، مېۋە– چېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەر. 2. ئىشلىگۈچى ئامىل: ئېغىز، چىش، ئاشقازان، ئاشقازاندىكى بەزلەر ئاجراتقان سويۇقلۇقلار، ئۈچەيلەر، ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى، ماسارىيقا تومۇرلىرى ۋە جىگەر قاتارلىق ئەزالار. 3. شەكىل ئامىل : ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەيلوسقا ئايلىنىپ ماسارىيقا تومۇرلىرى ئارقىلىق جىگەرگە بېرىپ جىگەردە كەيلوسقا ئايلىنىشى، جىگەردىكى شۈمۈرۈش قۇۋۋىتى تۇتۇش قوۋۋىنى ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى، چىقىرىش- ئىتتىرىش قۇۋۋىتى قاتارلىق قۇۋۋەتلەر ھەم ئۆزگەرتكۇچى قۇۋۋەت ۋە شەكىللەندۈرگۇچى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورتاق خىزمەت بېجىرىشى نەتىجىسىدە بىئوخىمىيىلىك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان بەدەننىڭ مەخسۇس ئورۇنلىرىدا ساقلىنىپ پۇتۇن ھاياتلىق پائالىيىتى ئۇچۈن سەرپ قىلىنغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇق خىلىتلارنى پەيدا قىلىشى قاتارلىقلار. 4. نەتىجە ئامىل: جىگەردە ئىشلىنىپ چىققان خىلىتلار ئوڭ – سول جىگەر ۋېناسى ئارقىلىق تۆۋەندىكى كاۋاك ۋېنا قېنى بىلەن قوشۇلۇپ، قان سۇيۇقلۇقى بىلەن بىرگە يۈرەك ئوڭ دالانچىسىغا ، ئاندىن ئوڭ قېرىنچىسىغا كىرىپ، ئوڭ قېرىنچىسىدىن ئۆپكە ئارتېرىيىسى بىلەن ئۆپكىگە چىقىپ، ھاۋائى نەسمى (2O) نى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىدىكى روھتىن ئىبارەت ماددىي ئېنېرگىيەنى تۇتقان مۇكەممەل خىلىتلارغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۆپكە ۋىناسى ئارقىلىق يۈرەك سول دالانچىسىغا، ئاندىن سول قېرىنچىسىغا قۇيۇلۇپ، يۈرەكنىڭ نورمال قىسقىراش، كېڭىيىش ھەرىكىتىنىڭ تۇرتكىسىدە چوڭ قان ئايلىنىشقا ئۆتۈپ، قىل قان تومۇرلار ئارقلىق ھۈجەيرىلەرگىچە يېتىپ كىلىدۇ. ھۈجەيرە توقۇلمىلاردىكى روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ تۈرۈتكىسىدە ھۈجەيرىلەر ئۆزىگە ئېھتىياجلىق خىلىتلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىپ، بۆلۈنۈپ تەبىئىي خىلىتلارنى ئۆزى تەشكىل قىلغان ئەزالارنىڭ تەركىبىى قىسىمىغا ئايلاندۇرىدۇ. ھۈجەيرىلەر خىلىتلارنى ئۆزىگە شۈمۈرۈشتە ئۆزىدە بار بولغان شۈمۈرگۈچى، تارتقۇچى قۇۋەتنىڭ تۈرتكىسى ۋە ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ تاللاپ ئۆتكۈزۈش رولى ئارقىلىق ھەربىر ھۈجەيرە شەكىل ۋە مىزاج – كەيپىيات جەھەتتىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىلىتلار تەركىبىدىكى ماددىلارنى ئاساس قىلىپراق قوبۇل قىلىشى بىلەن بىرگە باشقا تەركىبلەرنىمۇ مۇۋاپىق قوبۇل قىلىدۇ . خىلىتلار تەركىبىدىكى ماددىلار ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئۆتۈپ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، تۇتقۇچى قۇۋۋەتىنىڭ رولى ئارقىلىق ھۈجەيرە ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇپ، ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىش، بىرىكىش، ئوكسىدلىنىش، ئوكسىدسىزلىنىش ھەرخىل تەركىبلەرگە ئايرىلىشقا ئوخشاش ھەزىم پائالىلىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزىدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان بەدەنگە كېرەكسىز چىقىرىندىلارنى ئۆزىدىكى چىقىرىش قۇۋۋەتنىڭ رولى ئارقىلىق ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىرىدۇ. ھۈجەيرە ئىچىدە ھەزىم قىلىنغان ماددىلار ھۈجەيرىگە ئۆزلىشىپ، شەكىللەند ۈرگۈچ قۇۋۋەتنىڭ رولى ئارقىلىق يېڭىدىن يېتىلگەن بالا ھۈجەيرە بارلىققا كېلىدۇ. ئاندىن ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ رولى ئارلىق ئۇمۇ خىلىتلاردىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، كۈنسىرى چوڭىيپ يېتىلگەن ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەر توپى ئەزالارنى شەكىلللەندۈرىدۇ. ئەزالارنىڭ مىزاجى شۇ ئەزانى تۈزىگۈچى ھۈجەيرە توپىنىڭ مىزاجى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولغاچقا، ئوخشىمىغان ئەزا ئوخشىمىغان مىزاجغا ئىگە بولىدۇ. مانا بۇ نەتىجە ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، يېمەكلىكلەر يۇقىرىقىدەك مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق شۇ ئەزا توقۇلمىلارغا يېتىپ بېرىپ سەرپ قىلىنىپ ، بەدەننىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىش ئارقىلىق ھاياتلىق پائالىيىتىنى ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا يېمەكلىكلەرنىڭ سان – سۈپەت جەھەتتە نورمال بولۇشى تەن ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئىچكى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا بەدەندىكى ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار، ماددا ئالمىشىش جەريانىدا سەرپ قىلىنىپ، مەلۇم بىرخىل ئۇزۇقلۇققا ئېھتىياج تۇغۇلغاندا «تەبىئەت» نىڭ ياردىمى بىلەن ئادەمدە ئاچلىق سېزىمى پەيدا بولۇپ، بەدەندە كەم بولغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ خام ماتېرىيالى بولالايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئادەم ياقتۇرۇپ يېيىش، خالاپ قېلىشى تەشنالىقى پەيدا بولۇپ، شۇ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەندىكى نورمال تەڭپۇڭلۇقى ساقلىنىدۇ. ئەگەر ھەرخىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تۇپەيلىدىن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتا غەيرىي تەبئىيلىق يۈز بەرسە ياكى ھەزىم سىستېمىسىدا ھەرخىل كېسەللىك ئىللەتلىرى كۆرۈلسە بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندە ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەسلىك، خىلتىسز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىش ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان خىلتىلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كېسەللىكنى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق داۋلاشتا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ يېمەك – ئىچمەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرا تەھلىل قىلىپ كېسەللىكنىڭ خاراكتىرى، ماھىيىتى، مىزاجى قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، بەلگىلەپ بېرىش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغان زىيانلىق يېمەكلىكلەردىن چەكلەش ئارقىلىق بەدەندىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى ئوزۇقلۇقلارغا تاينىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ «تەبىئەت» كۈچىگە ياردەم بېرىش يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىيەتلىك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ .

نورمال ئوزۇقلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى
يىمەك ئىچمەك بىلەن داۋالاش 1. نورمال ئوزۇقلىنىش بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېمەكلىكلەر يۇقىرىدا سۆزلەنگىنىدەك تۆت خىل ھەزىمنى تاماملىغاندىن كېيىن ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتىلىشى ۋە بۆلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەدەننى ئۆستۈرىدۇ ۋە چوڭايتىدۇ. ئارتۇق قىسىمى ئەزالاردا زاپاس ساقلىنىپ زۆرۆرىيەت بولغاندا ئىشلىتىلىدۇ . ئۇيغۇر تېبابەت كىلاسسىك كىتابلىرىدا «ھەرقانداق بىر ئەزا خىلىتلارنىڭ جەۋھىرى قىسمىدىن ھاسىل بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان، ئەزا خىلىتلارنىڭ جەۋھىرى قىسىمىدىن ھاسىل بولغاچقا خىلىتلارنىڭ قانداق بولۇشى ئەزا توقۇلمىلارنىڭ قانداق بولۇشىىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇقلىنىش نورمال بولسا خىلىتلارنىڭ ئىشلىنىشى نورمال بولۇپ ، خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان ئەزالارمۇ نورمال بولىدۇ. شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى باشقا ئەزالارمۇ خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان ھەم خىلىتلاردىن ئوزۇقلىنىدۇ. سان سۈپەتكە لايىق خىلىت ئىشلىنىپ چىققاندا ئەزالارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولۇپ ئەزالارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال بولىدۇ.

2. نورمال ئوزۇقلىنىش ماددا ئالمىشىشنى جارى قىلدۇرۇپ ، ساقلىقنى ساقلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.￿ يېمەكلىكلەر بەدەندىكى تۆت خىل ھەزىمنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا بەدەنگە لازىملىق بولغان تەركىبلەر ھەرخىل قۇۋۋەتلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بەدەنگە شۈمۈرۈلۈپ ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ تېگىشلىك يوللاار ئارقىلىق چىقىپ كېتىشى بىلەن بەدەن پاكىزلىنىپ يېڭىدىن ھاسىل بولغان ماددىلار بەدەندىكى خىلىتلارنى ، روھ ، قۇۋۋەتلەرنى تولۇقلاش ، جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئورگانىزمنىڭ ساقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

3. نورمال ئوزۇقلىنىش «تەبىئەت كۈچىنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالىدۇ ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ .

3. يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ بەدەندىكى ھەزم قىلىش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتى ۋە ھەزم قىلغۇچى خەمىرە (فېرمېنت) لەر تەسىرىدە ھاسىل قىلىنىدىغان كەيمۇس (يېمەكلىكلەر ھەزم بولغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان يېرىم سۇيۇق ھالەتتىكى تەكشى ئارىلاشقان سۈتسىمان ياكى بۇتقىسىمان نەرسە، بۇ زامانىۋىي تېبابەتتە خىمۇس دېيىلىدۇ) نىڭ سۈپىتىگە، بەدەنگە سىڭىشى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئاساسەن يەنە تۆۋەندىكىچە 18 تۈرگە ئايرىلغان:

1. بەدەنگە ئوزۇق بولۇش سۈپىتى ياخشى، سىڭىشى ئوبدان، ئۆزى يۇمشاق بولغان ئوزۇقلۇقلار، مەسىلەن: بۇغداي نېنى، چۆچە، كەكلىك، قۇچقاچ قاتارلىق كىچىك قۇشلار گۆشى شورپىسى ئىچىملىكلەر، پېۋە قاتارلىق ھاياتىن (ۋىتامىن) ئا. د . مول يېمەكلىكلەر، يۇمشاق ئوڭاي سىڭىدىغان كەيمۇسلۇق ئوزۇق (لەتىيىف سالىھىل كەيمۇس) دېيىلىدۇ؛

2. ئۆزى يۇمشاق بەدەنگە ئۆرلىشىشى ياخشى، ئەمما ئوزۇقلۇق ماددىسى ئاز بولغان يېمەكلىكلەر. مەسىلەن: ئانار، ئالما، كاھۇ )ئۇسۇڭ( قاتارلىق ئۆسۈملۈك شەربەتلىرى، يەنى ۋىتامىن »س« مول ئوزۇقلۇقلار − يۇمشاق، شىڭىشلىق، كەيمۇسلۇق، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاز يېمەكلىكلەر »لەتىيىف سالىھىلكەيمۇس قەلىلۇلغىزا« دېيىلىدۇ؛

3. بۇغداي نېنى، مايلىق دانلار: ئۆزى يۇمشاق، سىڭىشلىق، ئوتتۇرىچە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر »لەتىيف سالىھلىكەيمۇس مۇنۋەسسىتۇلغىزا«. 4. ئۆزى يۇمشاق ئوزۇقلۇققا باي، ئەمما بەدەنگە ئۆزلىشىشى قىيىن بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: كۆك كەپتەر گۆشى، ھايۋانلارنىڭ ئىچ باغرى )ئۆپكە قېرىنلىرى( »لەتىيىف رەددىيۇلكەيمۇس« دېيىلىدۇ؛

5. ئۆزى يۇمشاق، ئۆزلىشىشى ناچارراق، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئازراق بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: تۇرۇپ، قىچا، پىياز ۋە باشقىلار »لەتىيىف رەددىيۇلكەيمۇس قەلىلۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

6. ئۆزى يۇمشاق، ئۆزلىشىشى ناچارراق، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوتتۇرا ھال بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: پېتىر نان، قۇرۇق ئەنجۈر، قوغۇن قاتارلىقلار »لەتىيىف رەددىيۇلكەيمۇس مۇتەۋەسسىتۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

7. سىڭىشىشى تەس، ئۆزلىشىشى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر مەسىلەن: ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئاق − سېرىقى، سېمىز ئۆچكە گۆشى، ياغلىق نان ۋە بېلىق گۆشلىرى، »كەسىيىف سالىھىلكەيمۇس كەسىرۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

8. سىڭىشىشى تەس، ئۆزلىشىشى ياخشى، ئوزۇقلۇق ماددىسى ئاز يېمەكلىكلەر مەسىلەن: كالا سۈتى، ئامۇت، توڭ ئالما، نەشپۈت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار »كەسىيىف سالىھىلكەيمۇس قەلىلۇلغىزا« دەپ ئاتىلىدۇ.

9.سىڭىشىشى تەس، ئۆزلىشىشى ياخشى، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوتتۇرا ھال بولغان يېمەكلىكەر مەسىلەن: موزاي گۆشى، كىيىك گۆشى، كاللا − پاقالچاق قاتارلىق »كەسىيىف سالىھىلكەيمۇس مۇتىۋەسىتۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

10.سىڭىشىش تەس، ئۆزلىشىشى ناچار، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى كۆپ يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: ئات گۆشى، كالا گۆشى، ئۆردەك گۆشلىرى »كەسىيىف رەددىيۇلكەيمۇس كەسىيرۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

11.سىڭىشىشى تەس، ئۆزلىشىشى ناچار، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى ئاز يېمەكلىكلەر مەسىلەن: چانالغان )قىيما قىلىنغان( گۆش، پەتىنگان )چەيزە( قاتارلىقلار »كەسىيىف رەددىيۇلكەيمۇس قەللۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

12.سىڭىشىشى تەس، ئۆزلىشىشى ناچار، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوتتۇرا ھال بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: قوتاز گۆشى، توشقان گۆشى قاتارلىقلار »كەسىيىف رەددىيۇلكەيمۇس مۇتەۋەسسىتۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

13.سىڭىشىشى ئوتتۇرا ھال، ئۆزلىشىشى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: توخۇ گۆشى، ئوغلاق گۆشى، بىر ياشلىق پاقلان گۆشى، بۇغداي نېنى قاتارلىقلار »مۆتىدىل سالىھىلكەيمۇس كەسىرۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

14.سىڭىشىش ئوتتۇرا ھال، ئۆزلىشىشى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاز يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: چامغۇر، ئۈرۈك مېغىزى قاتارلىقلار »مۆتىدىل سالىھىلكەيمۇس قەلىلۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

15.سىڭىشىشى ئوتتۇرا ھال، ئۆزلىشىشى ياخشى، ئوزۇقلۇق ماددىسى ئوتتۇراھال يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: ساغلىق قوي، ئۆچكە گۆشلىرى ۋە گۈرۈچ قاتارلىقلار »مۆتىدىل سالىھىلكەيمۇس مۇتەۋەسسىتۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

16.سىڭىشىشى ئوتتۇراھال، ئۆزلىشىشى ناچار، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: قىزىلچا، قېرى ئۆچكە گۆشى »مۆتىدىل رەددىيۇلكەيمۇس كەسىيرۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

17.سىڭىشىشى ئوتتۇرا ھال، ئۆزلىشىشى تەسرەك، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى ئاز تارماقلار، مەسىلەن: ياڭيۇ، كاللەك بەسەي )كەرەم( قاتارلىقلار »مۆتىدىل رەددىيۇلكەيمۇس قەلىلۇلغىزا« دېيىلىدۇ.

18.سىڭىششى ئوتتۇرا ھال، ئۆزلىشىشى تەس، ئوزۇقلۇق ماددىسى ئوتتۇراھال يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: قۇرۇتۇلغان بېلىققا ئوخشاشلار «مۆتىدىل رەددىيۇلكەيمۇس مۇتەۋەسسىتۇلغىزا» دېيىلىدۇ. يېمەكلىكلەرنى يۇقىرىقىدەك 18 خىلغا ئايرىشنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسى بار، ئەمما ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئىلمىي سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەجرىبە ۋە تەتقىق قىلىش لازىم.

يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرلىرى

يىمەك ئىچمەك بىلەن داۋالاش يېمەك-ئېچمەكنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە :

1. يېمەك- ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش دورا بىلەن داۋالاشتىنمۇ مۇھىم. ھەرقانداق بىر كېسەلنى مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش دورا بىلەن داۋالاشتىنمۇ مۇھىم بولۇپ، سەۋەبلەردىن كېسەللىكلەر بەدەندىكى سۇيۇقلۇق، روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنى خورىتىش ئارقىلىق «تەبىئەت» ئاجىزلىغان ۋاقتىدا دورىغا تايىنىۋالسا بەزىدە كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق بىلەن بەدەننىڭ قۇۋۋىتى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچى- «تەبىئەت»نى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . بۇنىڭدا نېمە بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، نېمىلەرنى پەرھىز قىلدۇرۇش مۇھىم ئاچقۇچلۇق مەسىلە. دىققەت قىلىنمىسا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ئۈچەي كېزىكى ۋە ئاشقازان يارىسىدا تاماقنى كۆپ يېسە ياكى ئاچچىق، قاتتىق يېمەكلىكلنى يېسە ياكى كالا گۆشىگە ئوخشاش تەستە ھەزىم بولىدىغان نەرسىلەرنى يېسە، يارا تېشىلىپ، خەتەرلىك ئەھۋاللار يۇز بېرىشى، ھەتتا ئۆلۇم خەۋپى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بەزىدە كېسەللىك جەريانىدا كۆڭلى تارتمىغان تاماقنى يېسىمۇ، كېسەللەر ساقايغاندىن كېيىن تاماقنى كۆپ يەۋەتسىمۇ كېسەللىك قايتىدىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق كېسەللەرگە تاماق مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ بېرىش كېرەك. ئاۋۋال سۇيۇق تاماقلارنى بېرىپ ئىشتىھاسى ياخشىلانغاندىن كېيىن تەدرىجىي قويۇقىنى بېرىش، قويۇق تاماقلار سىڭىشى ياخشىلىنىشقا ئەگىشىپ تويغۇدەك بېرىشكە .ئۆتۈش لازىم قان خىلىتى بۇزۇلغان ياكى ئۇفۇنەتلەنگەن قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرگە بىر-ئىككى كۇن تاماقنى ئازايتىش ۋە يەڭگىل قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىپ تاماق بېرىش لازىم. ھارارەت كۆتۈرۇلۈپ تۇرغاندا تاماقلاندۇرۇشنى توختىتىپ ھارارىتى چۇشكەندە ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.

2.يېمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا كېسەلنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا ئامالا قىلىش لازىم. كېسەلنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشتا گەرچە كېسەللىك ئۆزى ئاساسى سەۋەب بولسىمۇ، ئۇنىيڭدىن باشقا ئامىللارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىد. بىمارغا بېرىدىغان تاماقنىڭ كۆرۈنۈشى، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، تۇزى ۋە تازلىقى، تاماق ئەتكۈچىنىڭ تازىلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر ئىشتىھاغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىنىمىسا مەيلى ئائىلىدە باققان كېسەل ياكى دوختۇرخانىدا باقان كېسەل بولسۇن ياخشى ئوزۇقلىنىپ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىشتىھا ئېچىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ئامىلارغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىشتىھا ئاچقۇچى دورىلار ۋە تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچلارنىڭ رولىنىمۇ مۇۋاپىق پايدىلىش لازىم .

3. يېمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سىېلىپ داۋالاشىتا بىمارغا تاماقنى پات – پات، ئاز- ئاز بېرش لازىم. بەزى كېسەللىكلەردە تۇيۇقسىز ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىپ كۇپ تاماق يەيدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. بۇ بىر خىل يالغان ئىشتىھا ئالامىتى بولۇپ، بۇنى ئادەتتىكى ئىشتىھا ئېچىلىشتىن پەرقلەندۈرۇش لازىم . گەرچە بىمارنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلغانلىقى ياخشى ئالامەت بولسىمۇ بىراقلا كۆپ تاماق بېرىشتىن ياكى دەسىلەپتىلا قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. تاماقلىنىش ئارىلىقى بەك ئۇزۇن بولۇشىمۇ ياخشى ئەمەىىى. كېسەلگە تاماقنى پات – پات، ئاز – ئازد ىن يېگۈزۈپ تۇرۇش لازىم.

4. يېمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا بىمارنىىڭ ھەزىم ئەزالىرىنى غىدىقلاش لازىم. تاماق بېرىش ئالدىدا بىمارنىڭ قوللىرىنى يۇيۇپ، ئىلمان سۇ بىلەن ئېغىزىنى چايقاشقا دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەلگە ھازىر تاماق بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ھەزىم سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ئىشلىنىشى ۋە ئىشتىھاسىنىڭ ئېچىلىشىغا پايدىلىق.

5. يېمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا ئىشتىھا ئېچىش ۋە بەدەننى كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كېىسلنىڭ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم . تاماق ئارىلىقىدا كۇپىنچە كەچ تەرەپتە سەي – كۆكتات، مېۋىلەرنى ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم.

6. يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋلاشتا تاماقنى ياخشى پىشۇرۇپ بېرىش تاماقنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىمار يېيىشنى خالىمايدىغان ياكى يەپ ئادەتلەنمىگەن تاماقلارنى ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىشكە زورلىمانىىلىق لازىم. گەرچە ئۆزى تەلەپ قىلغان تاماق زيان قىلىدىغان بولسىمۇ بىر ئا ز بېرىپ تۇرۇپ، ئاندىن كېيىن كېسەلنى قايىل قىلىپ، پايدىلىق شىپالىق شىپالىق تاماققا كۆندۈرۈش لازىم. 7. يېمەلە-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا شىپالىق تاماقلارنى بىر خىلدىلا قىلىپ بېرىۋەرمەي رېتسېپىنى ئۆزگەرتمىگەن شەرت ئاستىدا تۈرىنى پات-پات ئۆزگەرتىپ ئالماشتۇرۇپ ېېرىش كېرەك.

8. يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا بىمارنى ئىمكانقەدەر ئولتۇرغۇزۇپ تاماق بېرىش، مۇمكىن بولمىغاندا يېرىم ئولتۇرغۇزۇپ ياكى ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بىمارغا تاماقنى يېگۈزۈپ بولۇپلا ياتقۇزۇپ قويماسلىق كېرەك.

9. يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا كېسەلگە مەش قىلىنغان ئەھۋاللار بولمىغان شارائىتتا تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ ئىسسىق بولغىنى ياخشى، سوغۇق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى بەمەسلىك كېرەك.

10. يېمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا كېسەل ساقايغاندىن كېيىن، دەرھال پەرھىزدىن چىقىرىپ خالىغانچە ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىپ قېلىشى ياكى ئېغىرلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساقايغاندىن كېيىنكى بەدەن ھالىتى مۇقىملاشقىچە بىر نەچچە كۈن پەرھىز چارىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پەرھىزنى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك .

11. يېمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا تاماققا ئارىلاشتۇرۇپ سوغۇق ئىچىملىك ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك لازىم . تامىقى ئىسسىق بولسا ئىچىملىكمۇ ئىسسق بولىشى لازىم.

12. يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا بىمارنىڭ تامىقى ئۇچۈن ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيالار يېڭى بۇزۇلمىغان چىرىمىگەن بولۇشى لازىم. ئۇن، گۈرۈچ، گۆش، ياغ، تۇز ۋە باشقىلارنى يۆتكەش، ساقلاش ئىشلىتىشتە تازىلىققا دىققت قىلىش، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 13. يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا تاماقنى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك. داۋاملىق كۆپ تاماق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى ئېغىر بولىدۇ. ئۆزى لەقۋالىشىپ كېتىدۇ. كۆپ ئۇخلايدۇ . چوڭ – كىچىك تەرىتى كۆپ بولىدۇ. ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇش پۇرسىتى كۆپ چىقىدۇ. شۇڭا، بۇنداق كىشىلەر كۆپ يېگەندەك قىلغان بىلەنمۇ يەنىلا ماغدۇرىىىىز كۆرۇنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن « ئېكسىرى ئەزەم» دە ئېيتىلىشىچە، داۋاملىق كۆپ تاماق يېگەندە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىپ ھەزىم سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئېھتىياجنى قامدىيالمايدۇ-دە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ . نەتىجىدە بەدەندە كۆپ مىقداردا ماي تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.

14. يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاشتا تاماقنى بەك تېز يېمەىىىلىك، تاماقنى قىزىق يېمەسلىك، تاماقنىڭ تۈرى كۆپ بولۇشى لازىم. تاماقنى بەك تېز يېگەندە يېگەن تاماق ماددىلىرى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بىلەن تەكشى ئارىلىشالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا تاماقنى كۆپرەك چايناپ ئالدىرىماي يۇتۇش كېرەك. تاماقنى بەك قىزىق يېگەندە قىزىلئۆڭگەچ ئېغىز بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىلەر ۋە ئاشقازاندىكى شىللىق پەردىلەرنى زەخىملەندۇرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قىزلئۆڭگەچ ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ راكى قاتارلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ. تاماقنىڭ تۇرى كۆپ بولۇش كېرەك . كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ . بىرخىل نەرسىنى ئۇزۇن مۇددەت يېگەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. كۇندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ناتوغرا ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ . ھەرخىل ناتوغرا ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە ئوزۇقلىنىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋېلىش سالامەتلىكنى ساقلاشنىڭ ئاساسى، شۇڭا توغرا ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۇپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button