سېتىۋېلىڭ !

قەلەمپۇر مېيى

 70,00

مەھسۇلات سېتۋېلىشتا ياكى ئىستىمال قىلىشتا ھەرخىل مەسلىلەرگە يولۇقسىڭىز ئىنكاس رايۇنىغا سۆز قالدۇرۇڭ ياكى ساتقۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىڭ  …

مەھسۇلات نومۇرى : 43 مەھسۇلات تۈرى : , تەۋە خەتكۈچ : ,

چۈشەندۈرۈش

قەلەمپۇر مېيى جىگەررەڭلىك مايسىمان سۇيۇقلۇق. ھۆللۈكنى يوقۇتۇپ، ئاغرىق قالدۇرۇش تەسىرىگە ئىگە  بۇلۇپ رىماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالما شەكلى

ماي

تەركىبى

قەلەمپۇر               300g

ئاساسلىق دورىسى

قەلەمپۇر

ياسىلىشى

قەلەمپۇرنى ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈنجۈت مېيىغا چىلاپ، ئىدىش قاچىلارغا سېلىپ،كۈن نۇرى ئاستىدا(ياكى  ℃50) تال   بىر ئاي تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،ماي تەييارلىنىدۇ.

قاچىلىنىش ئۆلچىمى

ھەر بىر قۇتىغا  100ml دىن قاچىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

مىقدارى

كۈنىگە 2 قېتىم، يەرلىك ئورۇن مۇۋاپىق مىقداردا سىرتتىن مايلىنىدۇ.

ساقلاش

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن،سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

پەرقلەندۈرۈش

دورىدىن ml5 ئېلىپ، 5ml  ئېتىل ئېفىر قوشۇپ بىر نەچچە مىنۇت چايقاپ،سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى،سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز.ئېۋگېنول سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،ئېتىل ئېفىر قوشۇپ، ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا  16µl دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،يۇقۇرىدىكى 2 خىل دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (9∶1) نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،%5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈيمىز. ℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزدۇرىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.

تەكشۈرۈش

بۇ دورا ماي ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر ( قوشۇمچە I V) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

قەلەمپۇرنى چالا سوقۇپ، كۈنجۈت مېيىغا چىلاپ 40 كۈن ئاپتاپتا قويۇپ ئاندىن كېيىن سۈزۈپ چەككىلەپ سۈزۈلدۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق

خۇسۇسىيىتى: بەش ئەزانى، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى قىزىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:  ئېغىز پۇراش، چىش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى،قۇسۇش، ھېق تۇتۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قەلەمپۇر مېيىغا پاختىنى چىلاپ چىش كاۋاكلىرىغا تىقىپ قويسا چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. يەرلىك ئورۇننى مايلىسا پۇت-قولنىڭ پەيلىرىنى چىڭىتىپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان بۆرەك ساھەسىنى مايلىسا ئاشقازان بۆرەكنى قىزىتىدۇ.

 

ئۇيغۇر تېبابىتى تەييار دۇرا مەھسۇلاتلىرى


مەھسۇلاتلىرىمىزنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تىز يوللانما ئارقىلىق يەتكۇزۇپ بېرىمىز .

قۇتا

50gr

Reviews

ھازىرچە ھېچقانداق باھا يوق.

“قەلەمپۇر مېيى” دېگەن مەھسۇلات ھەققىدىكى تۇنجى باھانى سىز يېزىڭ .

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button