ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئاتا مىراس نەسىھەتلەر

ﺋﻮﻏﻠﯘم!
ﺳﻪن ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ رﯦﺘﺴﯧﭙﻨﻰﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق دورا – ﺋﻮﻛﯘﻟﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺶ – ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯔ، ﻛﯚﯕﯜل – ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻞ:
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪ؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﺳﯘن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕلاﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟال؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪ، ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدە، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﯖﺪە ﺳﺎﻗلا؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﻰ ﺧﯘددى ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯘراپ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﻣﯘﺑﺎدا ﭘﯘرﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەم ﺑﺎﺳﯩﺴﻪن؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻞ، ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﺎﮬﯚرﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﻪن؛
دوﺳﺘﯘڭ ﺋﺎزاﺑلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﯩﻦ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ دوﺳﺘﯘڭ ﺧﯘﺷﺎﻟلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻦ؛
ﺋﯚز ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﯔ ۋە ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮل؛
ﺋﻪﺗﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻪن ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪن ﺋﻪﻣﻪس؛
ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎردەم ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺳﯘﻧﻐﯩﻦ، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩلار دەل ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎردﯨﻤﯩﯖﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛
ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﻗﺎﻳﻐﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻤﻪ،«ئﺎﻟﺘﯘن ﺳﺎپ ﺑﻮﻟﻤﺎس، ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎدەم (ﺑﻮﻟﻤﺎس)» دﯦﮕﻪن ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﯖﺪە ﺗﯘت؛
ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜڭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن، ﺋﻪڭ ﺧﯩﺮە ﻳﯘﻟﺘﯘزﻣﯘ ﻗﺎراﯕﻐﯘدا ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯚزﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪۇ؛ﮬﺎﻣﺎن ﻣﯘلاﻳﯩﻢ، ﺳﻪۋرﭼﺎن ﺑﻮل.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺎڭ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﭘﺴﺎﻗلا ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻜﻪﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﻪن.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button