ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ «يۈرەك دورىلىرى» ناملىق ئەسىرىدىن

ئون تۆتىنچى فەسھىل

يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۈپەتلەر بىلەن زىكرى قىلىنغان دورىلارنىڭ بەزىلىرى يۈرەك دورىلىرىغا كىرىدۇ. بەزىلىرى كىرمەيدۇ. يۈرەك دورىلىرى قاتارىغا كىرگەنلىرىنى بايان قىلىمىز.

ئىچىنى سۈرگۈچى دورىلار ئىككى سەۋەپ ئارقىلىق يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار قاتارىغا كىرىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەندىن ياكى مېڭە بىلەن يۈرەك تەرەپتىن زەھەرلىك ۋە ئەزىيەت بەرگۈچى خىلىتنى سۈرۈپ چىقرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن: سوقمۇنىيا قايناتمىسى ۋە سوقمۇنىيادىن تەييارلىنىدىغان شەبيارغا ئوخشاش. ئىككىنچىدىن، سۈرگىنى ئىشلىتىشتىن مەقسەت پەقەت يۇقىرىقىدەك ئىچىنى سۈرۈشلا ئەمەس بەلكى ساپ روھتىن تۇغۇلۇش ئۈچۈن مەخسۇس يۈرەكتىكى قاننى تازلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن: يۈرەك دورىلىرىغا لاجىۋەرد تېشى ۋە ئەرمەن تېشى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلغىنىغا ئوخشاش.
  بۇ دورىلارنىڭ قۇۋۋىتى يۈرەككە يەتسە بۇنىڭدىن يۈرەكنىڭ تەبئىيىتى ئۆزىگە كەلگەن قاندىن سەۋدالىق خىلىتىنى ۋە ئۆزىدە تۇغۇلغان روھتىن سەۋدالىق بۇغىنى تازىلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قۇۋۋەت ئالىدۇ. بۇ مەنپەئەت يۈرەكتىن مېڭىگىمۇ ئۆتىدۇ.
  ئىچ سۈرگۈچى دورىلار يۈرەككە زەرەر قىلىدۇ. چۈنكى ھەر بىر بوشۇتۇش (چىقىرىش) تا تەبىئەتكە ئىككى تۈرلۈك زەرەر يېتىدۇ. بىرىنچىسى، تەبىئەتكە ماس كەلمەيدىغان ۋە يېقىملىق بولغان نەرسىمۇ سۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، سۈرگە ئەزالاردىن خىلىتلارنى تارتىش ئارقىلىق ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، تەبىئەتكىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا كۈچ كەلتۈرىدۇ. چۈنكى تەبىئەت خىلىتلارنى ئۆز ئورنىغا تارتىپ، ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرىدۇ. سۈرگە دورا بولسا بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ. سۈرگە تەبىئىتى قۇۋۋەتتە زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىق ھاسىل قىلمىغۇچە بۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدۇ.
تەرياق ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش بىلەن بىرگە قۇسۇشنىمۇ توختىتىدۇ. چۈنكى ئۇ تەبىئەتنى كۈچەيتىدۇ ۋە ماددىسى زەھەرلىك بولغان ۋە شۇ زەھەرلىكلىكى تۈپەيلىدىن چىقىرىپ تاشلىنىۋاتقان نەرسىنى يېڭىدۇ.
بوقرات ھەكىم:  «دورا ھەم تازىلايدۇ ھەم زەرەر يەتكۈزىدۇ» دەپ نېمىدىگەن ياخشى ئېيىتقان- ھە!
  ئىچ سۈرگۈچى دورىنىڭ روھنى تازىلاش ئارقىلىق يۈرەك سىقىلىشنى داۋالاشتا كەلتۈرگەن پايدىسى، يۈرەك زەئىپلىكىنى داۋالاشتا كەلتۈرگەن پايدىسىدىن كۆپراقتۇر. چۈنكى ئۇ روھنىڭ ماددىسىنى كېمەيتىدۇ ۋە يۈرەك مىزاجىنى ھالىدىن كەتكۈزىدۇ،
  سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە تەرلەتكۈچى دورىلار قاننىڭ سۇيۇقلىقىدىن ۋە قان تەركىبىدىكى سۇنىڭ كۆپلىكىدىن بولغان يۈرەك زەئىپلىكىگە پايدىلىق بولىدۇ. لېكىن قاننىڭ قۇيۇق ۋە سەۋدالىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولغان يۈرەك سىقىلىش ۋە غەم ھالىتىدە بولسا زەرەرلىكتۇر. چۈنكى ئۇ قاننىڭ قۇيۇقلىقى، سەۋدا ئارىلاش دۇغلۇقى ۋە مىزاجنىڭ قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرېۋىتىدۇ.
  قان ئېلىش قان ئازلىق، قاننىڭ سوۋۇپ كېتىشى ۋە سۇيۇلۇپ كېتىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان يۈرەك زەئىپلىكىگە ناھايىتى زەرەرلىكتۇر. ئەمما قاندىن بولغان خاپىغاندىكىگە ئوخشاش تۇغما ھارارەتنىڭ بوغۇلىشىدىن ۋە قان ماددىسىنىڭ كۆپلىكىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك زەئىپلىكىگە پايدىلىقتۇر.
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ھاجى نىمتۇللا ئەبەيدۇللا

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ژورنىلى 1996- يىللىق سانىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button