ساغلاملىق بىلىملىرى

بوۋاقلار سۈت قۇسقاندا، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى ساغلاملىق بىلىملەر سەھىپىسى

بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا، بەزى يېڭى ئاتا-ئانىلار بالا بېقىش تەجرىبىسى بولمىغاچقا پايپېتەك بولۇپ كېتىدۇ. بوۋاقلاردا دائىم سۈت قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

 

ئەمەلىيەتتە، بوۋاقلار سۈت قۇسىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، ئاتا-ئانىلار بۇنى ئېنىق چۈشىنىپ شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

1. ئاشقازان سىغىمچانلىقى بەك كىچىك بولۇش

ئاساسىي جەھەتتىن 2 ~ 5 ئايلىق بولغان بوۋاقلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر سۈت قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان سىغىمچانلىقى بەك كىچىك بولۇپ، ئاشقازان يەنە گورىزونتال ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىلئۆڭگەچتىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللار بىر قەدەر بوش بولۇپ، ئازراق ھەرىكەت قىلسىلا سۈت قۇسۇشى مۇمكىن.

2. قۇسۇش تۈگۈنىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىق

بوۋاقلارنىڭ سۈت قۇسۇشى بەلكىم قۇسۇش تۈگۈنىنىڭ يېتىلىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ فىزىيولوگىيەلىك سۈت قۇسۇش ھادىسىسى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ لۆمۈلدەش نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇسۇش تۈگۈنى تېخى تولۇق يېتىلەلمىگەن بولغاچقا، سۈت قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

فىزىيولوگىيەلىك سۈت قۇسۇش كۆپىنچە ھاللاردا يۇقىرىقى ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بوۋاق سەل چوڭ بولغاندا سۈت قۇسۇش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.

 

ئەلۋەتتە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بوۋاقلارنىڭ سۈت قۇسۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇلدا مەشغۇلاتنىڭ توغرا بولۇشىغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.

1. بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۇرۇپ بېرىش.

سەل چوڭراق بولغان بوۋاقلارنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يوتىسىغا ئولتۇرغۇزۇشى، شۇنداقلا بالىنى ئازراق يايسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر قولىنى بوۋاقنىڭ دۈمبىسىگە قويۇپ، ئاندىن تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئاستا-ئاستا يېنىك ئۇرۇپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ قورسىقىدىكى يەلنى تېزلىكتە چىقىرىۋېتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۈت قۇسۇش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

2. بالىنى تىك ھالەتتە قۇچاقلاپ تۇتۇپ ئۇرۇپ بېرىش كېرەك.

ئاتا-ئانىلار بىر قەدەر كىچىك بوۋاقلارنى ئاساسەن تىك ھالەتتە كۆتۈرۈپ ئۇرۇپ بېرىدۇ، لېكىن بالىنى تىك تۇتقاندا چوقۇم بىر قولى بىلەن بوۋاقنىڭ ساغرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا، يەنە بىر قولى بىلەن بوۋاقنىڭ دۈمبىسىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئاستا ئۇرۇپ بېرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق ۋاقىتتا بوۋاقنى ئاتا-ئانىسىنىڭ بەدىنىگە تىرەپ يېقىن تۇتۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ، بوۋاقنىڭ قورسىقىدىكى يەلنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغاندا، سۈت قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

گەرچە كۆپچىلىك بۇنىڭ بوۋاق سۈت ياندۇرغاندا قوللىنىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

 

شۇڭا بوۋاقلارغا سۈت قۇسقاندا، پەقەت دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلىنى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى بالدۇر ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مانا بۇ ئاتا-ئانىلار ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇسۇل، ئۇنداقتا ئالدىنى ئېلىشتا قانداق ئۇسۇللار بار؟

1. ئەمگەندىن كېيىن جىددىي ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك.

ئەگەر بوۋاق ئەمدىلا ئېمىپ بولغان بولسا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى جىددىي ھەرىكەت قىلدۇرماسلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، كۈلدۈرۈش، بەدىنىنى ئۇيان-بۇيانغا بۇراش ياكى بالىنى كۆتۈرۈپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىش قاتارلىقلار. بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ سۈت قۇسۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

2. توغرا بولغان ئېمىتىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك.

كۆپ ساندىكى بوۋاقلارنىڭ سۈت قۇسۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئانىنىڭ سۈت بېرىش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارنى ئېمىتكەن ۋاقىتتا 45 گىرادۇسلۇق ھالەتتە تۇتۇشى، بالىنىڭ باش قىسمى بەدىنىدىن سەل يۇقىرى بولۇشى كېرەك. بوۋاق ئىمىپ بولغاندىن كېيىن ياتقۇزۇپ قويۇشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك، شۇنداق قىلغاندا سۈت ياندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

3. بالا يىغلاپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق ئېمىتمەسلىك كېرەك.

نۇرغۇن ئانىلار بوۋىقى يىغلاپ جېدەل قىلغاندىن كېيىن، بالىنىڭ قورسىقى ئاچتى دەپ قاراپ سۈت بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يىغلاپ بولغان ھامان سۈت ئەمگەندە بالىنىڭ ئاشقازىنىدا كۆپ مىقداردا يەل پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بالا يىغلاۋاتقاندا داۋاملىق ئېمىتىۋەرمەي، چوقۇم سەل تۇرۇپ بالىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئاندىن ئېمىتىش كېرەك.

4. دائىم قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ياخشى بولمىغاچقا، سۈت ئەمگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار دائىم بوۋاقنىڭ قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىشى كېرەك، لېكىن بالىنى ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇۋۇلىماسلىق، بالا سۈتنى تولۇق ھەزىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇۋۇلاش كېرەك. ئۇۋۇلاش جەريانىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ قولى بەك سوغۇق بولماسلىقى كېرەك، ئىككى قولنى بىر-بىرىگە سۈركەپ ئىسسىتقاندىن كېيىن، ئاندىن قورساق قىسمىغا قويۇپ، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە يېنىك ئۇۋۇلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ سۈت قۇسۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

5. مۇۋاپىق بولغان ئېمىزگۈ تاللاش كېرەك.

ئەگەر سۈت پاراشوكى ئىمىدىغان بوۋاق بولسا، ئېمىزگۈ تۆشۈكىنىڭ دىيامېتىرىنى تاللىغاندا دىققەت قىلىش كېرەك. ئېمىزگۈ تۆشۈكى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، بوۋاق سۈت قۇسىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنى ئېمىتىش جەريانىدا، ئانىنىڭ سۈت تۈگۈنچىكىنى چوقۇم بوۋاقنىڭ ئاغزىغا تولۇق تىقىپ بېرىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھاۋانىڭ ئاشقازانغا كىرىشىنى ئازايتىپ، سۈت قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

سىزنىڭ بوۋىقىڭىزدىمۇ دائىم سۈت قۇسىۋېتىدىغان ئەھۋال بارمۇ؟ سىز يەنە قانداق ئۇسۇل بىلەن بالىنىڭ سۈت قۇسۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىسىز؟ ئىنكاس رايونىدا ئورتاقلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

2+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button
Close
Close