ساغلاملىق بىلىملىرى

بەلباغسىمان قوقاق كېسىلى بارلار دىققەت !

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى ساغلاملىق بىلىملەر سەھىپىسى

بەلباغسىمان قوقاق بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان تېرە كېسەللىكى بولۇپ، بەدەننى سوغۇق ئېلىپ، روھىي بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، بەلباغسىمان قوقاق پەيدا بولىدۇ، قوقاق نېرۋىنىڭ تارقىلىشى بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ، تېرىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

 

بەلباغسىمان قوقاقتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. ئاكتىپ داۋالىنىش
بەلباغسىمان قوقاققا گىرىپتار بولغان ھامان مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى تاللاپ داۋالىنىش، ئەگەشمە كېسەللىك ياكى كېسەللىك ئاسارىتى قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كېسەللىك پەيدا بولغان ئالدىنقى ئۈچ كۈن داۋالاشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى بولۇپ، دورىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك ئىشلىتىش كېرەك.

2. تېرە پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەش
تېرىنىڭ پاكىزلىقى ۋە قۇرغاقلىقىنى ساقلاش، ئۆزى دورىخانىغا بېرىپ ھورمۇن تۈرىدىكى مەلھەم دورىلارنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. تېرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش، قول بىلەن بىۋاستە سۇلۇق قاپارتمىنى سىقماسلىق كېرەك. ئەگەر سۇلۇق قاپارتما يېرىلىپ كەتسە، ۋاقتىدا مىكروبقا قارشى مەلھەم دورا سۈركەش كېرەك، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇيۇنغاندا يەرلىك ئورۇننى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. ئەگەر كۆز قىسمىدا يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە دەرھال كۆز دورىسىنى ئىشلىتىش، يەرلىك ئورۇننى پاكىز تۇتۇش، كۆزنىڭ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ساپ پاختا ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئازادە كىيىملەرنى تاللاپ كىيىش كېرەك.

 

3. يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بەلباغسىمان قوقاق ناھايىتى كۈچلۈك يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولۇپ، بىمارلار ئايرىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، مۇنچا لۆڭگىسىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان كىيىم ياكى ئۇچراشقان نەرسىلەرنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بەدەن زىيادە چارچاپ كەتكەندە ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، بەلباغسىمان قوقاق بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. شۇڭا دەم ئېلىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق قېتىم سانىنى ئازايتىپ، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن كېسەلگە يۈزلىنىش، چېنىقىشقا كۆپرەك قاتنىشىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئازايتىش كېرەك.

4. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش
بىمارلار سۇيۇق سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، بولۇپمۇ سۈت، تۇخۇم قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. يەل كېلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. مەسىلەن، كالا، قوي گۆشى، قىسقۇچپاقا، دېڭىز بېلىقلىرى قاتارلىقلار تېرىدىكى ئەسۋىنى كۆپەيتىپ، قىچىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى قارىمۇچ، كۈدە، پىياز، زەنجىۋىل، سامساق ۋە قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

سەمىمىي ئەسكەرتىش
ئادەتتە تېرە ۋە كىيىملەرنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساپ پاختىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى تاللاپ، تېرىنىڭ سۈركىلىپ غىدىقلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قىش پەسلىدە بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كىيىمنى كۆپەيتىپ، زۇكام ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئازايتىش كېرەك. قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش ۋە دەم ئېلىشنى ساقلاپ، بارلىق ئىشلارغا مۇلايىم پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىپ، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاپ، روھىي غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش كېرەك. باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېسەل بولغان مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك.

0
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button
Close
Close