ئاياللار بۈلۈمىئاياللار كىسەللىكلىرىساغلاملىق بىلىملىرى

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯧﺴﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى ساغلاملىق بىلىملەر سەھىپىسى

 

ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﮪﻪﻳﺰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺶ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ، ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

1. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ

ﭼﯩﻼﻥ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭘﻮﺳﺘﻠﯘﻕ ﺧﺎﺳﯩﯔ، ﺋﺎﻟﻘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ، ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﺴﯩﻼ ﯞﯗﺧﻮﯕﺘﺎﯓ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯ ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

2. ﺋﺎﻕ ﻣﻮﺭ ﭼﯩﻼﻥ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ

ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﻣﻮﺭﻧﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﻳﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻕ ﻣﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻟﯘﯕﻴﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ، ﭼﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﯞﺍﺕ ﻗﻮﺷﺴﺎﻗﻼ ﺋﺎﻕ ﻣﻮﺭ ﭼﯩﻼﻥ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

3. ﭼﯩﻼﻥ ﺋﯘﻣﯩﭽﻰ:

ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘﻣﺎﭺ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﮪﺎﻟﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﯞﺍﺕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﺴﻪﻛﻼ ﭼﯩﻼﻥ ﺋﯘﻣﯩﭽﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯘﻣﺎﭺ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯧﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﺗﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺏ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

4+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button
Close
Close