ئەرلەر بۈلۈمىسۈڭەك بۈلۈمى

قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت شىپاخانىسى فىزىكىلىق داۋالاش بۈلۈمى
قان ئېلىش- مەخسۇس تىغلىق ئەسۋاب ياكى ھاشارات (زۈلۈك قۇرتى) نىڭ ياردىمى بىلەن بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدىكى ۋېنا قان تومۇرىنىڭ پۈتۈنلىكىنى بۇزۇپ، مەلۇم مىقداردىكى قاننى ئىختىيارى ھالدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئارقىلىق بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا  قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلىق بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.
  قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، دەسلەپتە بەزى ھۆكىمالار «قان ئىنساننىڭ ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددا، شۇنىڭ ئۈچۈن قان ئېلىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس» دەپ قارىغان. لېكىن، كېيىنكى زامانلارغا كەلگەندە قان ئېلىنشنىڭ كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىشتىكى رولىنى تونۇپ يېتىپ، داۋالاش ئۇسۇللىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. ھەمدە، قان خىلىتى نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتكەندە ياكى سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ بۇزۇلغاندا ياكى قان بۇزۇلۇپ خەتەرلىك كېسەللىكلەر يۈز بېرىش خەۋپى تۇغۇلغاندا قان ئېلىش زۆرۈر دەپ ئوتتۇرغا قويغان. يەنە يېقىندىن بېرى بەزى تىببىي خادىملار ئارىسىدا قان ئېلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولۇپ، قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى كىلنىكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كۆپ قوللىنىلمايدىغان بولۇپ قالدى، بەزى تەرەققى قىلغان داۋالاش ئورۇنلىرىدا قان سۈزۈش سايمانلىرى ئارقىلىق قان پاكىزلاش، قان يۆتكەش، قان تەقدىم قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق دېگەندەك تەرغىباتلار مەيدانغا چىقتى، قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە يەنىمۇ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ ئۇنىڭ كىلىنىكىدىكى ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
قان ئېلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى
  قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
  1) قان ئېلىپ داۋالاش خىلىتنىڭ نورمال مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە ياكى قان خىلىتىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، خەۋپلىك بىر خىل كېسەللىك يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغاندا قوللىنىلدىغان ئۇسۇل بولۇپ، قان ئالغاندا قان تومۇر ئىچىدىكى باشقا غەيرىي تەبئىي خىلىتلارمۇ چىقىرىلغاچقا، ئورگانىزىمنى كېسەللىك ماددىلىرىدىن تازلاش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەسىرىنى بېرەلەيدۇ.
  2) ئىچكى ئەزالاردا ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەندە ۋە يۈرەكنىڭ كۆتۈرۈلۈش كۈچى ئېشىپ كەتكەندە قان ئېلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردىكى قان چىقىرىۋېتىلگەندە ئارتۇق ماددىلار بەدەندىن تازلىنىپ يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
  3) قان ئېلىش ئىختىيارى ئىستفراغ بولۇپ قانچىلىك قان ئېلىش زۆرۈر بولسا شۇنچىلىك چىقىرىشقا بولىدۇ. قاچان توخىتىشقا توغرا كەلسە شۇ ۋاقىتتا توختاتقىلى بولىدۇ. ئەمما باشقا خىلىتلارنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ماددىنى پىشۇرۇپ ئاندىن كېيىن سۈرگە بېرىلىدۇ. سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن سۈرگە دورىسى بەرگەندە ئىچى كۆپ سۈرۈپ كەتسە، توختىتىش قىيىن. ئەگەر مەجبۇرىي ھالدا ئىچى سۈرۈش توختىتىلسا، بەدەنگە زىيانلىق، قان ئېلىشتا ماددىنى پىشۇرۇش ھاجەتسىز.
قان ئېلىشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى
  1. نەشتەر ئارقىلىق قان تومۇر پۈتۈنلىكىنى بۇزۇپ قان ئېلىش
  نەشتەر ئارقىلىق ۋېنا قان تومۇرنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ پۈتۈنلىكىنى بۇزۇپ مەلۇم مىقداردىكى قاننى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. قان .
  ئيغۇر تېبابەت كلاسسىك كىتابلىرىدا «بۇ خىل قان ئېلىش ئۇسۇلىنى ئەڭ ياخشىسى ئەتىياز پەسلى شۇنداقلا ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە قوللىنىش ئەڭ مۇۋاپىق. قان ئالماقچى بولغان بىمارنىڭ قورسىقى توق، بەدىنى كۈچلۈك بولۇشى، كېسەلنىڭ باشلىنىش باسقۇچى ۋە تەرەققىي قىلىش ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق» دەپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىماردىن قان ئالغاندا، بەزگەك تۇتۇش نۆۋىتى ئاياغلاشقاندا قان ئېلىش كېرەك.ئەگەر قان خىلىتىدىن بولغان بەزگەك بولسا، دەسلەپتە ئاز، كېيىچە كۆپ ئېلىش كېرەك.
  2. زۈلۈك قۇرىتىغا قان شورۇتۇش ئارقىلىق قان ئېلىش
  زۈلۈك قۇرتى ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن بەش سانتېمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان، سۆسۈن رەڭلىك، كۆپ بوغۇملۇق ئۆمىلەيدىغان كىچىك جانىۋار بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئالدى- كەينىدە شورىغۇچىلىرى بولىدۇ. ئۇ ئافرىقا، ھېندىستان قاتارلىق ئىسسىق بەلۋاغلاردىكى ئېتىزلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇ دائىم كىشىلەرنىڭ پاچىقىغا چاپلىشىۋېلىپ شورىغۇچىسى ئارقىلىق قان شورىغانلىقتىن يەرلىك دېھقانلار ھەممىسى ئۇنى بىلىدۇ.
 زۈلۈك ئارقىلىق قان شورۇتۇش قان ئېلىپ داۋالاشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، زۈلۈك قۇرىتىنى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇناسىپ ئورنىغا قويغاندىن كېيىن زۈلۈك قۇرتى بەدەننى ئۆمىلەپ يۈرۈپ قان ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇندىن قان شورايدۇ ۋە ياكى بىرەر زەخمىلەنگەن جاي ياكى يارا ئېغىزىدىكى چىقىپ بولغان بۇزۇق قانلارنى شوراپ تويۇنغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن پەزكە چۈشۈپ كېتىدۇ، زۈلۈك قۇرتى قان شوراشتىن ئىلگىرى ئېغىزىدىن بىر خىل شۆلگەي سۇيۇقلىقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ يەرلىك ئورۇننى تازىلاش ھەم ئاغرىق پەسەيتىپ تىنىچلاندۇرۇش رولى بولغاچقا زۈلۈك قۇرتى قان شورىغاندا يەرلىك ئورۇن ئاغرىمايدۇ ھەم قان شورىغان جاي يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ.
  زۈلۈك قۇرتىنىڭ تېنى كىچىك بولۇپ، ئۇ بۇزۇق قانلارنى ئۆزىگە ئۇزۇقلۇق قىلىدىغان جانىۋار بولغاچقا، بەدەندىكى جاراھەتلەردىن، ئەگەر جاراھەت ئېغىزى بولمىسا ساق ئورۇنلاردىنمۇ بۇزۇق قانلارنى ئاساس قىلىپ شوراپ تويىنىدۇ. ئۇنىڭ تېنى كىچىك بولغان بىلەن بۇزۇق قانلارغا بولغان ئىشتىھاسى چوڭ. چۈنكى ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىىرىدا نۇرغۇن سوقۇر خالتىلىرى بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ساقلىيالايدۇ. ئۇ بىر قېتىم قان شورىۋالغاندىن كېيىن بىر يىل ھىچنېمە يېمىسىمۇ ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ شۆلگىيى تەركىبىدە خىروئىن تەركىبى بولۇپ قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.زۈلۈك بىر تەرەپتىن قان شوراپ، شۆلگەي چىقارغاچقا قان ئۇيۇپ قېتىشىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قاننى تويۇنغانغا قەدەر شورايدۇ.
  زۈلۈك قۇرتى قان شوراش ئارقىلىق يارا، جاراھەتلەردىن چىقىپ تۇرىدىغان بۇزۇق قان، يىرىڭلارنى تازىلاپ جاراھەتلەرنىڭ ساقىيىشىنى تىزلەشتۈرىدۇ، ساق تېرىلەردىن بۇزۇق قانلارنى شورىشى قان خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن ئېشىپ كىتىشىدىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە پايدىلىق.
قان ئېلىنىدىغان تومۇرلار
  1) قىيپال تومۇر
  مېڭە، باش ساھەسى (كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ماڭلاي، چىش، لەۋ) ئاغرىقلىرىدا مەزكۇر تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ.
  ئورنى، قول باش بارمىقى بىلەن بىر سىزىقتىكى بىلەكنىڭ سىرتقى قىرىدا.
  2) باسلىق تومۇر
  ئۆپكە كۆكرەك كېسەللىرىدە (ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى) جىگەر ياللۇغلىرى، تال كېسەللىكلىرىدە مەزكۇر تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ. ئورنى ئوتتۇرا بارماق بىلەن بىر سىزىقتىكى جەينەك ئويمانلىقىدا، مەزكۇر تومۇردىن قان ئالغاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش كېرەك. چۈنكى ئۇ ئارتېرىيە تومۇرغا يانداش كېلىدۇ.
  3) ئەكھەل تومۇر
  قىيپال تومۇر بىلەن باسلىق تومۇرنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان تومۇر بولۇپ، پۈتۈن بەدەن كېسەللىكلىرى ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەردە مەزكۇر تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ. بۇ ئومۇمىي بەدەن ئىستىفراغى ئۈچۈن قان ئېلىنىدىغان ياخشى تومۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  ئورنى: كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بىر تۈز سىزىقتىكى جەينەك ئىچكى تەرىپىگە ئېگىلگەن ۋاقىتتا پەيدا بولغان ئويمانلىقتا.
  4) مابىز تومۇر
  ئومۇرۇتقا، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، مەقئەت كېسەللىكلىرى، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر كېسەللىكلىرىدە مەزكۇر تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ.
  ئورنى: تىز بوغۇمى ئىچكى ئويمانلىقىدا.
  5) ئۇسەيلىم تومۇر
  جىگەر، تال كېسەللىكلىرىدە مەزكۇر تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ.
  ئورنى: نامسىز بارماق بىلەن چىمچىلاق ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، قان ئېلىشتا بىمارنىڭ قولىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ تۇرۇش لازىم. جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئوڭ تەرەپتىن، تال كېسەللىكلىرىدە سول تەرەپتىن قان ئېلىنىدۇ.
  6) سافىن تومۇر
  ھەيز كېسەللىكلىرى: ئەرلەر جىنسىي ئەزا ۋە ئۇرۇق بېزى كېسەللىكلىرىدە مەزكۇر تومۇردىن قان ئېلىندۇ.
  ئورنى: ئىچكى ئوشۇق ئۈستىدە بولۇپ، تىزنىڭ يۇقىرى قىسمىنى بوغۇپ قويغاندا ئاسان كۆرگىلى بولىدۇ. بەزىدە مەيدە ئاغرىقى ۋە بەل ئاغرىقى كېسەللىكلىرىدىمۇ بۇ تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ.
  7) ئېرقوننىسا تومۇر
  ئولتۇرغۇچ نېرىپ ياللۇغلىرىدا بۇ تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ. بۇ پاچاقتىكى گىرەلەشكەن ئەگرى- بۈگرى تومۇر بولۇپ، پاچاقنى بوغۇپ قويۇپ، تومۇر كۆرۈنگەندە نەشتەرلىنىدۇ. بەزى بىمارلاردا بۇ ئۇسۇلدىمۇ تومۇرنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنداق چاغلاردا پۇتنىڭ نامسىز بارماق ۋە چىمچىلاق بارماق ئارلىقىدىن قان ئېلىنىدۇ.
  يۇقىرىقىلار قان ئېلىشقا بولىدىغان تومۇرلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى بولۇپ، قان ئالغاندا قاندىكى دۇغلۇق سۈزۈلگەنگە قەدەر قان چىقىرىلىدۇ. يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە قان ئېلىشقا بولىدىغان نۇرغۇن تومۇرلار بار. مەسىلەن، ئەبتى تومۇر، پىشانە تومۇر، چوققا تومۇر، ئىككى چېكە تومۇرى، كۆز بۇرجىكى تومۇرى، قۇلاق ئارقا تومۇرى، گۆرەن تومۇرى، بۇرۇن تومۇرى قاتارلىقلار بار. بۇلار يەنە يۇقىرىدىكى يەتتە خىل تومۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  قان ئېلىش يۇقىرى ماھارەت، ئەمەلىي كىلنىكىلىق تەجرىبە تەلەپ قىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى، شۇڭا بۇ يەتتە خىل تومۇردىن قان ئېلىشقا سەل قارىماسلىق، قان ئېلىشتا قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
2+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close