تىببى بىلىملەرھەكىملەر

مۇھەممەت باقى ئالىم ھاجى

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى تىببى بىلىملەر سەھىپىسى

مۇھەممەت باقى ئالىم ھاجى 1944- يىل خوتەن ناھىيسىنىڭ ئەللامە يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1944- 1949- يىلغىچە ئائىلە تەربىيسىدە بولغان. 1949- 1956- يىلغىچە پەننىي ۋە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1956-1965- يىلغىچە ئۇستازى تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇمدا ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىنى ئۆگەنگەن. 1965- 1975- يىلغىچە ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى بويىچە داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان. 1975-1989- يىلغا قەدەر خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىق قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1989- يىلدىن بۇيان خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا مۇئاۋىن مۇدىر ۋىلاچ تېۋىپ بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
مۇھەممەت باقى ئالىم ھاجى 1962-1964- يىللىرىغىچە ئۇستازى مەرھۇم تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم بىلەن بىرلىكتە “ئۇيغۇر تېبابەت قوللانمىسى” دېگەن ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەرنى 1978- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان. بۇ كىتاب 1982- يىل دۆلەت دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەت پەن- تېخنىكا ئەسەرلىرىنى باھالاشتا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شىياڭگاڭدا ئېچىلغان خەلقارالىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر كىتاب كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان. بۇ كىتاب مەكتەپلەردە دەرسىلىك دوختۇرخانىدا داۋالاش قوللانمىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە. ئۇ يەنە 1986- 1990- يىلغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ دىئاگنۇز ئىلمىي دەرسلىكىنى يازغان. بۇ دەرسلىكنى 1990- يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان. بۇ دەرسىلىك 1992- يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت تىببىي پەن- تېخنىكا ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاشتا 2- دەرىجىلىك دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1978- يىلى مەملىكەتلىك سەھىيە ئىلىم- پەن يىغىنىغا قاتنىشىپ “ئاق كېسەلنى داۋلاش تەجرىبىسى” دېگەن ماقالىسىنى يىغىندا تونۇشتۇرۇپ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇڭجۇدىن كەلگەن مۇتەخەسىس، ئالىملارنىڭ مۇھىم باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىنى يېزىش، تەشكللەشكە قاتنىشىپ قامۇس يېزىشقا زور تۆھپە قوشقان دەپ تەقدىرلەنگەن. ئۇيغۇر تېبابەت مىزاج نەزەرىيىسى، ئۇيغۇر تېبابەت سۇ تۇپراق ھاۋا تەلىماتى نەزەرىيەسى، ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاش، يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قاتارلىق 14 پارچە ماقالىسى تببىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. يەتتە پارچە ماقالىسى ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللىي تېبابەت ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ يىغىنىدا ئوقۇلغان ۋە بېسىپ تارقىتىلغان. 1996- يىلى چاقىرىلغان خەلقارالىق ئەنئەنىۋى تېبابەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ۋە بۇ يىغىنغا سۇنغان “يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ھەققىدە” دېگەن ماقالىسى يىغىن توپلام خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. “دەستۇرىل ئىلاج” ناملىق ئۇيغۇر تېبابەت كىلاسسىك ئەسىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان.
مۇھەممەت باقى ئالىم ھاجى ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللىي تېبابەت ئىلمىي جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللىي تېبابەت ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ دائىملىق مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگۇ مېدىتسىنا قامۇسى جوڭيى تىبابەت تارماق قىسمى تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خوتەن شەھەرلىك كومىتىتىنىڭ ئەزاسى.

2+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close