تىببى بىلىملەرھەكىملەر

باقى يۈسۈپ ھاجىنىڭ ھاياتى

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى تىببى بىلىملەر سەھىپىسى

باقى يۈسۈپ ھاجى 1933- يىلى لوپ ناھىيىسىنىڭ ھازىرىقى بۇيا يېزىسىدا توغۇلغان.  دەسلەپتە دىنىي مەكتەپلەردە كېيىنچە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان.
باقى يۈسۈپ ھاجىنىڭ تېۋىب بولۇپ كىشىلەرنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئارزۇسى ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدىلا بىغ سۈرگەن ئىدى، ئائىلە مۇھىيتىمۇ ئۇنىڭ ياخشى بىر تېۋىب بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا زور پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى، بولۇپمۇ ئىچكى كسەللىكلەر ئىلمىنى تىرىشىپ ئۈگەنگەن بولۇپ كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا دادىسىغا ئەگىشىپ خوتەن، قاغىلىق ۋە يەكەن ناھىيەلىرىدە تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا باقى يۈسۈپ ھاجى ئاتىسىنىڭ ئۆمۈر بويى توپلىغان تەجرىبە ۋە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، بۇ بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
1962- يىلى باقى يۈسۈپ ھاجى دادىسى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كېلىپ يەككە تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئەپسۇسكى 1966- يىلى ئۇ « تۆت كونا تەرەپدارلىرى » قاتارىدا تارتىپ چىقىرىلىپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغ چارۋىچىلىق مەيدانىغا چۈشۈرۋېتىلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ 16 يىل چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلارنى ۋە چارۋىلارنى داۋالاش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ بۇ جەيراندا تېبابەتچىلىككە دائىر نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆرگەن، دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىگە ئائىت بىلىمۇ تېخىمۇ موللاشتۇرغان.
1981- يىلى ھازىرىقى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە شىجائىتى تېخىمۇ ئۇرغۇغان. ئۇ بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاغرىقلارنى  كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، مول ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئېگە بولغان. ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە ئىچكى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بىر قەدەر قېيىن، مۇرەككەپ بولغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى، سۈيدۈك يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورا بىرىشتە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ مىزاجىغا قاراپ داۋالاش ۋە دورا بىرىش، دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن.
ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئۇزاقتا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن ئېغىر كېسەللەر، بولۇپمۇ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرغان كېسەللەرنى تېز داۋالاشتا، ئالدى بىلەن غەرىپچە داۋالاش، ئاندىن ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللاندى ۋە بۇ جەھەتتە نەتىجە قازانغان.

باقى يۈسۈپ ھاجى كۆپ يىللاردا داۋامىدا ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن پائال شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن كېسەل كۆرۈپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزسە، يەنە بىر جەھەتتىن تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە « تېز، بوغۇم، سۆڭەك سېلىنى داۋالاشتىكى دەسلەپكى كۆزىتىش»، « چاشقان يارىسى ۋە ئۇنى داۋالاش قائىدىسى »، « مېڭە سىلكىنىشتىن بولغان باش ئاغرىقى »، «ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش » قاتارلىق 26 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېببىي ژورنال، گېزىت، رادىئولاردا ھەم ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.

ئۇ 1983- يىللىرىدىن بويان شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەن ھەمدە 1985- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن « مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى »، 1986- يىلى پەن- تېخنىكا كادىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن « مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى» بولۇپ باھالىنىپ، شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن. 1995- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان. « ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە خىلىتلار »دېگەن ماقالىسى 1996- يىلى دۇنيا ئەنئەنىۋىي تېبابەت ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھەرقايسى ژورنال ۋە گېزىتلەردە 26 پارچە تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ۋە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان. «ئادىراسمان مەلھىمىنىڭ يېڭى دورا تەتقىقاتى» ۋە «غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى كىلىنكىلىق دىئاگىنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلەرنى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش» قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق، دۆلەتلىك پەن-تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم «زۇكام جەۋھىرى»، «قۇۋۋىتى ئەلا ئىچىملىكى»، «ئانار شەربىتى»، «قىزىلگۈل گۈلقەنتى»، «چايلىق»، «سىيادان مېيى» قاتارلىق دورىلارنى يېڭى دورا ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئاساس سالغان. سەھيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى»نى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2003-يىلى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان.

    ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرسىت جەمئىيتى، ئاپتونوم رايونلۇق ھىلال ئاي بىرلەشمە جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق 4- نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى دورىلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە سېستىمىسىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭيى-مىللىي سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانلىرىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ژۇرنىلى تۈزۈش ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇستاز باقى يۈسۈپ ھاجى 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچىدە 82 يېشىدا ۋاپات بولدى.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
خوتەندە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تېۋىبلىرى ناملىق كېتاب.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى.
1+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close