تىببى بىلىملەر

بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ھەققىدە

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق تورى تىببى بىلىملەر سەھىپى

بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى   كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى
 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى،ئاياللار كۆپيىش سېستىمسدا كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بېرى بۇ كۆپىنچە 50 ~30ياش ئەتراپىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاادا كۆپ ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى :
بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ سەۋەبى  تېخى ئېنىق ئەمەس ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.
1)خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ سەۋدا ،بەلغەم خىلىتلىرنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىپ بالياتقۇغا تەسىر قىلىشىدىن بولۇپمۇ سەۋدا خىلىتنىڭ بالياتقۇغا يىغىلىپ چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن بولىدۇ.
2)ئۇزۇن مۇددەت ئاياللىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇچۈنكى بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كىلىماتىيە دەۋېرىدە يىگىلىمەيدۇ بولۇپمۇ تۇغماسلىق تارىخى بار ياكى ئاز تۇغقان ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ،بەزىدە كۆپ تۇغقان ئاياللاردىمۇ كۆرۇلىدۇ.
3)بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى مۇسكۇل تېمى ئارلىغى بىلەن بولغان مۇناسىۋتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن،تام ئارلىغى،شىرلىك پەردە  ئاستى،شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپ 3 تۈرگە بولىنىدۇ.
مۇسكۇل تېمى ئارلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى : مۇسكۇل ئۆسمىسى بالياتقۇ مۇسكۇل تېمىدا ئۆسىدۇ،ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپى مۇسكىۇل قەۋتى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.
شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى: مۇسكۇل ئۆسمىسى ئۆسۇش جەرياندا بالياتقۇ شىرلىك پەردىسى قەۋىتىگە قاراپ تومپىيىپ چىقىدۇ.مۇسكۇل ئۆسمىسنىڭ بىر قىسمى قاپلىق پەردىسى بالياتقۇ شىرلىك پەردە قەۋىتى بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدۇ.
شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى :مۇسكۇل ئۆسمىسى بالياتقۇ ئىچىگە قاراپ ئۆسۇپ،بالياتقۇ بوشلۇقى ئىچىگە تومپىيىپ چىقىدۇ،ئۇنىڭ قاپلىق پەردىسى بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدۇ.ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېپىلىپ تۇرىدۇ،ئەگەر داۋاملىق ئۆسسە بالياتقۇ تېمىنى تۇتاشتۇرىدۇ.بەزىدە باليياتقۇ بوينى نەيچىسى ئارقلىق جىنسى يول ئىچىگە چىقىپ قالىدۇ.
كىلنىك ئالامەتلىرى :
ھېيىز نورمالسىزلىغى:ھېيىز دائىم زىيادە كۆپ بولۇسش،جىنسى يولدىن قالايمىقان قان كىلىش ھېيىز ئاغىرتىپ كىلش.
ئاغىرىش:ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئاغىرىمايدۇ،ئۆسمە ئەترەپىدىكى توقۇلمىلار بېسىلغاندا،تارتىشىش ياكى يۇقۇملىنىش بولغاندا ئاغىرىش بولىدۇ.
قورساق قىسمىدىكى مۇنەك:چوڭ بولغاندا تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ،بولۇپمۇ شىرلىك پەردە ئاستا مۇسكۇل ئۆسمىسىنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ .
بىلىش ئالامىتى :ئۆسمە يوغىنغانغاندا قوشنا ئەزالارنى باسىدۇ،بۇ سۇيدۇك يولىنى بېسىپ سۇيدۇك قېتىم سانى كوپيىش،سېيىش قىينلىشىش،قەۋزىيەتلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئاق خۇن كۆپيىش :شىللق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسدە كوپنچە ئاق خۇن كۆپ بولىدۇ،ئۆسمە جىنسى ئەزاغا چىقىپ قالسا ئاسانلا يۇقۇملىنىش بولۇپ قانلىق ياكى يېرىڭلىق ئاق خۇن پەيدا بولىدۇ.
تۇغماسلىق : تەخمىنەن %30~%20 كېسەللەر تۇغمايدۇ بولۇپمۇ تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشى ۋە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ توشۇلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كىتىدۇ.
باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى : يۇقۇرى قان بېسىم قوشۇلۇپ كىلىدۇ،ئۇزۇن مۇددەت قىزىل خۇن توختىمغانلاردا كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ.
   داۋالاش:
بىمارنىڭ يېشى،تۇغۇت تەلىۋى،ئالامەتلىرى،ئۆسمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،ئورنى،پۇتۇن بەدەننىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەتراپلىق ئويلاش لازىم .
ھېيىز كېلىش دەۋېردىكى ئايال بولۇپ ئۆسمە كىچىك بولسا ھەمدە ئالامەتلىرى يەڭگىل بولسا،كۈزىتىپ ئامال بار ئوپراتسىيە قىلدۇرماسلىق .ھېيزى كىلىپ بولغاندىن كىيىن ئوسمە ييگىلەيدۇ ھېيز كىلىش يېشىدىن بۇرۇنقى ئاياللارغا دورا
ئارقىلىق داۋالاشنى تاللااش لازىم.
دورا بىلەن داۋالاشتا :خىلىتلارنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا،تازىلاش ئېلىپ بېرىش.
تۇسالغۇلارنى ئېچىش،قان توختىتىش،ماددا ئالىشىشنى ياخشىلاش،ياللۇغ قايتۇرۇپ ئۆسمىنى يۇمشىتىش،ئىششىق ياندۇرۇش،ئۆسمىنى تىزگىنلەش ۋە داۋالاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.بولساشۇخىلىتقاقارىتامۇنزىچ,ياكى.گۈل-بىنەپشە،قىزىل-گۇل،بەدىيان،شاختەررە،قۇرۇق ئىت ئۈزۈمى g7پىرسسىياۋشان،تۇخۇمى خەربوزە، گاۋزىبەن،تۇخۇمى كۇشۇشg5دىن,گۈلقەنىتg12 لاردىن شەربەت تەييارلاپ بېرىش.
مۇرەككەپ دورىلاردىن
شىپايى يەل كاپسۇلى،چۆبىچىن تابلىتى،ئۆشبە تابلىتى،ئەرەقى چۆبىچىن،ئەفتىمۇن شەربىتى،ياللۇغ قايتۇرۇش جەۋھىرى،جاۋارىش زەرئۇنى كەبىر كومولىچى،قاتارلىق دورىلارنىڭ كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ

سىرتىقى تەرەپتىن،ئەرەقى مامرانچىنى،ئەرەقى چۆبىچىن قاتارلىق دورىلار ئارقىلىق سىرتقى

جىنسىي ئەزا يۇيىلىدۇ

رەئىس ئەزالار ۋە ئۇۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش،ئۆسمە قايتىلنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قان تولۇقلاپ بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە

مۇپەررى ئەبرىشىم ئىچىملىكى،مۇپەررىھ ياقۇت ئچىملىكى،نارىپىننە قان كالتىسىي ئىچىملىكى،داۋائىلمىشكى مۆتىدىل،ئامىلەنۇشدارى ئەلا،ئانار شەربىتى قاتارلىقلار كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاشتا  : ئۇمۇمەن  مۇسكۇل  ئوسمىسى نىسبەتەن چوڭ بولغانلاردا ياكى ئالامەتلىرى ئىنىق بۇلۇپ ئوپىراتسىيە قىلماي داۋالىغاندا ئۇنۇمى كۇرۇنەرلىك  بولمىغىچىلارغائوپىراتسىيە قىلىشنى ئويلاش لازىم.

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بىمارلىرىنىڭ  دۋالىنىش جەريانىدىكى پەرۋىشى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بىمارلار داۋالىنىش جەريانىدا:
 ئۆزىنىڭ مىزاج ھالىتى ۋە كەيپىياتىنى تەڭشىشى كىسەللىك ئەھۋالىنى كالىىسىغا كىرگۈزىۋالماسلىقى،كاللىسىدىن چىقىرۋتىشى،ئۆزىدە كىسلگە قارتا ساقىيىش ئىشەنچىسى بولۇش،
بىمارلار داۋالىنىش جەريانىدا:
تۇرمۇشىنى رېتىملىق قىلىشى، زىيادە ھېرىپ چارچىماسلىق، مۇۋاپىق دەم ئېلىشى،مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش، ئېمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش،شەخسى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدىكى تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئىچ كىيىملەرنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ۋاننىدا يۇيۇنماسلىق،ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش، سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىش،بىمار يىتەرلىك ئۇخلىشى،ۋاختىدا ئۇخلاش ئادىتى يىتۈلدۈرشى،ھاۋاسى ساپ يەردە تۇرىشى،ئۆزىدە بولغان ئالامەتلەرنى ئوبدان كۆزىتىشى لازىم.
بىمارلار داۋالىنىش جەريانىدا:
 ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى مەسىلەن: خولوپ ئاش، شوۋا گۇرۇچ، كەپتەر شورپىسى دىگەندەك ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقرى ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى، مۇۋاپىق مىقداردا سەي-كوكتاتلارنى ئىستىمال قىلىش، خالتىلىق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، تاماقنى زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سۇغۇق يىمەسلىك. مايدا پۇشۇرۇلغان،ھوردا (بۇستا) پۇشۇرۇلغان،قىيما قىلىنغان تاماقلارنى يىمەسلىك مەسىلەن: پولو، پاتلىما،مانتا،سامسا، گوش نان، سېمىز گوشنىڭ شورپىسى، تۇنۇر كاۋاپ قاتارلىقلار
ئاچچىق-چۈچۈك غدىقلايدىغان نەرسىلەرنى يىمەسلىك،تەستە ھەزىم بولىدىغان يەل پەيدا قىلىدىغان يەللىك يىمەك ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش،سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك،ئىسسىق چاي،ياكى ياللۇغ قايتۇرغۇچى يەل كۆيدۈرگۈچى  چايلارنى ئىچىش.

مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك سۇئالىڭىزنى تىما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ بىز سىزگە مۇشۇ يەردە جاۋاپ بېرىمىز !

3+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپىسىنى قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close