سۈڭەك بۈلۈمىشىپاخانا ئۇچۇرلىرى

فىزىكىلىق داۋالاش بۈلۈمى

rovide a null text alternative

فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى:

فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىدە يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئوۋلاپ داۋالاش، لوڭقا قويۇپ داۋالاش، داغلاپ داۋالاش دۇرىلىق ھورداق بىلەن ھورداپ داۋالاش ئېلىكتىردولقۇنلۇق پۇت ئۇۋلاش ئۇسكىنىسى ئارقىلىق پاشۆيە قىلىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ داۋالاش دائىرىسى تۆۋەندىكىچە:

(1) يىڭنە سانجىپ داۋالاش: بەل بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، ئولتۇرغۇچ نېرىپ ياللۇغى، يۈز نىرىۋا پارالىچى، بوغۇم ياللۇغى، مۈرە بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ.

(2) ئوۋلاپ داۋالاش: بويۇن، بەل ئومۇرتقا كېسىلى، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، مۈرە بوغۇم ياللۇغى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلار نى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ.

(3) لوڭقا قويۇپ داۋالاش: بويۇن، بەل ئومۇرتقا كېسىلى، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغى، مۈرە بوغۇم ياللۇغى، ھەرخىل يەل تاشما، دانىخورەك ۋە قان بۇزۇلۇشتىن بولغان تىرە كېسەللىكلىرى ( قانلىق لوڭقا) نى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ.

(4) داغلاپ داۋالاش: بويۇن، بەل ئومۇرتقا كېسىلى، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغى، يۈز نىرىپ پارالىچى، بوغۇم ياللۇغى، مۈرە بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلار نى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ.

داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى:

(1) بەل بويۇن ئومۇرتقىسىنى سۈزۈش كارىۋىتى (YHZ-100B型颈腰椎型治疗牵引床)
بويۇن بەل ئومۇرتقا كىسلى، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغى، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ.
(2) مىكرو دولقۇنلۇق نوردا داۋالاش ئۈسكۈنىسى (OMIC-800型微波治疗仪)– ھەرخىل مۇسكۇل يۇمشاق توقۇلما زەخمىسى، مۈرە بوغۇم ياللۇغى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغى قاتارلىقلار نى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ.
(3) يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لازېر نۇردا داۋالاش ئۈسكۈنىسى (半导体激光治疗机)-
چاپلىشىش خاراكتېرلىك مۈرە بوغۇم ياللۇغى، بويۇن بەل ئومۇرتقا كىسلى، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغى، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش، ھەرخىل ياللۇغلىنىشلۇق كېسەللىكلەر، زەخمە قاتارلىقلار نى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ
(4) ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئۇۋىلاپ داۋالاش كارىۋىتى(红外线按摩理疗床)-
بويۇن بەل ئومۇرتقا كېسىلى، ئولتۇرغۇچ نىرىپ ياللۇغى، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش، مۈرە بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلار نى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ
بۆلۈمىمىز يېقىندىن  ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىش تەتقىقات تۈر قۇرلىشىنى يولغا قويغان بولۇپ ، بۇيۇنغا يەل تۇرۇپ قىلىش كېسىلىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىرىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق بىر قەدەر يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردۇق.

1+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close