تىببى بىلىملەرسۈڭەك بۈلۈمىشىپاخانا ئۇچۇرلىرى

ھىجامەت قىلىش ( لۇڭقا قويۇش )

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت شىپاخانىسى

لوڭقا قويۇش ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە ھىجامەت قويۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

لۇڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى بولسا ئوت كۈچى بىلەن لوڭقا ئىچىگە تەتۈر بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇنى بەدەن سىرتى يۈزىنىڭ مەلۇم يېرىگە قويۇپ شورۇتۇش ئارقىلىق لوڭقا قويغان ئورۇننىڭ تېرە ئاستىدىكى يىغىلىپ قالغان گاز خاراكتېرلىك چىقىرىندى ماددىلارنى تېرە تۆشۈكچىسى ئارقىلىق چىقىرىش ھەم قان شورۇتۇش ئارقىلىق كېسەللىك ماددىنى چىقىرىپ، كېسەل داۋالايدىغان بىر خىل ئۇسۇلدىن ئىبارەت.

لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار ۋە ھەر خىل سايمانلار ئارقىلىق لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ھېلى ھەم ھازىرغا قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۈنۈملىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «دەستۇرۇل ئىلاج» ، «ئاقساراي» ، «ئېكسىرى ئەزەم» قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «شەخەك قويۇش» دەپ ئاتىلىپ ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە شەخەك قويۇلىدىغان ئورۇنلار ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرغا قويۇلغان. ھازىر بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. كۆپ لوڭقا تۈرلىرىمۇ سۇلياۋدىن ياسالغان، پار- پۇردىن ياسالغان، ئەينەكتىن ياسالغان، بامبۇكتىن ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەينەكتىن ياسالغان لوڭقا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. (ئىلگىرى ھايۋان مۈڭگۈزلىرىدىن، مىستىن ياكى پار-پۇردىن ياسالغان لوڭقا ئىشلىتىلەتتى)

لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1) لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېرە ئاستىغا يىغىلىپ قالغان ھەر خىل بۇزۇق ماددىلارنى يەنى غەيرىي تەبئىي خىلىتلار ۋە يەل قاتارلىقلارنى قوزغاپ ۋە چىقىرىپ تاشلاپ توقۇلما ۋە ئەزالارنى يات ماددىلاردىن تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

2) لوڭقا قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇنغا يىغىلىپ قالغان قان زەردابى، يىرىڭ قاتارلىقلارنى سۈمۈرتۈپ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاپ يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ۋە ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىغىلى بولىدۇ.

3) لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدىكى پايدىلىق تەركىبلەرنىڭمۇ چىقىپ كېتىشىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، دورا ئارقىلىق داۋالاشتا بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە سۈرگە بەرگەندە كېسەللەنگەن ئورۇندىكى يات ماددىلار، غەيرىي تەبئىي خىلىتلار چىقىپ كەتكەندىن سىرت بەدەنگە پايدىلىق بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ چىقىپ كېتىدۇ. لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا پەقەت يەرلىك ئوروندىكى بۇزۇلغان خىلىتلار ۋە يات ماددىلار چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.

   لوڭقا قويۇپ داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە تۈرلىرى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

  1. قانلىق لوڭقا قويۇش

بۇنىڭدا يەرلىك ئورۇننى قىزىلگۈل ئەرقى ياكى زەمچىنىڭ پارلىق سۈيى ياكى ئىسپىرىت بىلەن پاكىز دېزىنفېكسىيە قىلىپ (تازىلاپ) ئاندىن يۇقىرىقى سۇيۇقلىقلارنىڭ بىرىسىدە دېزىنفېكسىيەلەنگەن نەشتەر (يىڭنە) ياكى تىغ بىلەن يەرلىك ئورۇن يۈزەكى ھالدا (قان چىقمىغان ھالدا) تىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوت كۈچى ئارقىلىق لوڭقا ئىچىگە تەتۈر بېسىم پەيدا قىلىنىپ (يەنى ئوتلۇق قەغەزنى لوڭقا ئىچىگە تاشلاپلا دۈم  قىلىنىدۇ) لوڭقا دەرھال يەرلىك ئورۇنغا چاپلاپ قويىلىدۇ.

لوڭقا قويۇش ۋاقتى لوڭقىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ 5~10 مىنۇت ياكى 15~20 مىنۇت ۋە ياكى 30~60 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. لوڭقىنى ئېلىۋىتىشتە بىر قول بىلەن لوڭقىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قول بىلەن لوڭقا ئېغىزى ئەتراپىدىكى تېرىنى بېسىپ، لوڭقا ئىچىگە ھاۋا كىرگۈزسىلا، لوڭقا ئۆزلىكىدىن ئاجرايدۇ. ئەگەر لوڭقا قويۇلغان ئورۇندىن بۇزۇق ماددىلار مەسىلەن، قان- يىرىڭ چىقمىغان بولسا، لوڭقا ئېلىۋىتىلگەن ئورۇندىكى كۆپكەن تېرە دېزىنفېكسىيەلەنگەن نەشتەر ياكى تىغ بىلەن تىلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن لوڭقىنى قويغاندا، لوڭقا ئىچىگە بۇزۇلغان قان ئارىلاش يىرىڭ قاتارلىق بۇزۇق ماددىلار يىغىلغاندىن كېيىن لوڭقا ئېلىۋىتىلىدۇ.

قويۇلىدىغان لوڭقا سانى كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە لوڭقىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ 1~6 گىچە بولسا بولىدۇ.

 

 

  1. قانسىز لوڭقا قويۇش

بۇنىڭدا ئالدى بىلەن لوڭقا قويۇلىدىغان ئورۇننى قىزىلگۈل ئەرقى ياكى ئىسپىرىت (%75لىك) بىلەن تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئوتلۇق قەغەز ياكى پەلگۈچ سېلىغان لوڭقىنى دۈم كۆمتۈرۈپ، تازىلانغان ئورۇنغا چىڭ بېسىپ قويۇلىدۇ. لوڭقىنى قويۇپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەرلىك ئورۇن يەل ۋە باشقا بۇزۇق ماددىلارنىڭ يىغىلىشى بىلەن كۆپىدۇ. لوڭقىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ۋە قويۇلىدىغان لوڭقا سانى كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ ئەھۋالى ۋە لوڭقىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ئاساسەن ۋاقتى 5~10 مىنۇت ياكى 10~20 مىنۇت ياكى 30~60 مىنۇت بولىدۇ. لوڭقا سانى 1~6 ياكى 1~8 گىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

ئومۇرۇتقىنىڭ مەلۇم سەۋەپتىن چىقىپ كېتىشىدە قانسىز لوڭقا قويۇش مەنپەئەتلىك.

شىپاخانىمزدا لۇڭقا قۇيۇش ۋە قان ئېلىپ داۋالاش ئىشلىرنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 6 يىلدىن ئاشقان بولۇپ مۇشۇ ساھەدە باشلامچى بولۇپ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ .

ئەگەر لۇڭقا قويدۇرۇش ياكى قان ئالدۇرۇپ داۋالىنىشقا قارىتا ئىھتىياجىڭىز بولسا مۇشۇ كوك خەتنى بېسىش ئارقىلىق بىزبىلەن ئۇلىشالايسىز…..

 

0
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
خەتكۇچ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close